قاراقۇرۇم بۈركۈتى: نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ ھاياتى (13)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2018.11.20
nizamidin-huseyin-11-maddiliq-bitim-1.jpg «11 ماددىلىق بىتىم» نىڭ 1946-يىلى 6-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۇيغۇرچە «شىنجاڭ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان تولۇق نۇسخىسى. («شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1946-يىللىق 6-ئىيۇن سانىغا بېسىلغان.)
Mezkur matériyalni Jür’et Nizamidin teminligen

ئون ئۈچىنچى قىسىم: قورال تاشلىغان كۈنلەردە

1945-يىلى 10-ئايدا رەھىمجان سابىرھاجى باشچىلىقىدىكى 3 نەپەر ئەرباب «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋەكىلى» دېگەن سالاھىيەت بىلەن ماناس دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ ۋە گومىنداڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىگە ئولتۇرىدۇ. ھالبۇكى، 1946-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە نۇرغۇن قېتىملىق تالاش-تارتىش ۋە مۇرەسسەلەر نەتىجىسىدە تۈزۈلگەن «11 ماددىلىق بېتىم» غا ئۇلار «قوزغىلاڭ قىلغان تەرەپنىڭ ۋەكىلى»، «خەلق ۋەكىلى» دېگەن مەۋھۇم سالاھىيەت بىلەن ئىمزا قويىدۇ.

«11 ماددىلىق بېتىم» غا ئىمزا قويۇلغان كۈنلەردە شىمالدىكى مىللىي ئارمىيە ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قالغىلى 8 ئايچە بولغان ئىدى. ئەمما جەنۇبتىكى تاغ ئىنقىلابچىلىرى داۋاملىق ھۇجۇم ھالىتىنى ساقلاپ، تاشقورغاندىن گۇماغىچە بولغان قاراقۇرۇم لىنىيەسىدە بىرقانچىلىغان ناھىيە ۋە نەچچە ئونلىغان يېزا-قىشلاقلارنى ئۆز كونتروللۇقىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتاتتى.

ئەنە ئاشۇ تارىخىي جەريانلارنىڭ شاھىتى بولغان نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە 1946-يىلى 6-ئايغا كەلگەندە جەنۇبتىكى مىللىي قىسىملارنىڭ «ئاغزاكى كاپالەت» بىلەن يەكەن قوشراپتا رەسمىي تارقىتىلىۋېتىلگەنلىكىنى، ئىلىدىن كەلگەن يۇقىرى دەرىجىلىك بىر گۇرۇپپىنىڭ پۈتكۈل قۇرال-ياراغ ۋە ئوق-دورىلارنى 500 ئات-ئۇلاققا ئارتىپ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېگراسى ئارقىلىق شىمالغا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئۆز ئەسلىمىسىدە يەنە «11 ماددىلىق بىتىم» نىڭ ئەمەلىيەتتە 1940-يىللاردىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ نەتىجىسىز ئاخىرلىشىدىغانلىقىنىڭ بىر بەلگىسى بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەڭ ئېچىنىشلىق بولغىنى «بىتىم» نىڭ جەنۇبتا ئىككى يىلغا يېقىن قان كېچىپ ئىنقىلاب قىلغان 7-8 مىڭ كىشىلىك قوراللىق مىللىي قىسىملارنى گومىنداڭ ئارمىيەسىگە «يەمچۈك» قىلىپ قۇربان قىلىۋەتكەنلىكىنى ھەسرەت بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

مەرھۇم نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى 1997-يىلى ئۈرۈمچىدىكى 3-تۈرمىدە يېتىۋاتقان كۈنلىرىدە يازغان ئەسلىمىسىدە «11 بىتىم» نىڭ 1940-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابقا قانداق ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تۆۋەندىكى قوشاق ئارقىلىق ئىپادە قىلىدۇ:

ئاق خان بىلەن قارا خان،

ئىتتىپاق ئىكەن باشتا.

كەتمەككە خىيال ئەيلەپ،

كېمە ياسىدۇق قاشتا.

«ئاق»، «سېرىق» لار تېپىشىۋېلىپ بىتىم قىلدى،

بىزدەك باتۇر قەيسەرلەرنى يېتىم قىلدى.

قول-پۇتىمىز تۈشەلدى-دە بىتىم بىلەن،

قېنىمىزنى تۆكۈۋېرىپ ئېقىن قىلدى.

«بىتىم» دىن كېيىن جەنۇبتىكى مىللىي قىسىملار تارقىتىلىپ، ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇلىدۇ. تاشقورغان، ئۇلۇغچات، قەشقەر، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام ۋە گۇما تەۋەلىرىگە قورال تاشلىغان مىڭلارچە تاغ ئىنقىلابچىلىرى قايتىپ كېلىدۇ. شۇ قاتاردا ياش توختىمەت، يەنى نىزامىدىن ئەپەندىمۇ قاغىلىققا قايتقان 2500 نەپەردىن كۆپرەك ياش يىگىتكە قوشۇلۇپ، يۇرتى چوپانغا قايتىپ كېلىدۇ.

1946-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى تېخى 20 ياشقا كىرمىگەن ياش نىزامىدىن يۇرتى چوپانغا قايتىپ كېلىپ، كېپەكبەگ دېگەن يېزا ئەمەلدارىغا كاتىپ بولىدۇ. ھالبۇكى، ئارىدىن 2 ئاي ئۆتمەيلا جەنۇبتا كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلىنىدۇ. قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا قايتىپ كەلگەن مىللىي قىسىملارنىڭ پولك كوماندىرلىرىدىن ھاشىم خۇيجاڭ، تۇردى قارىبەگ قاتارلىق 500 چە تاغ ئىنقىلابچىلىرىنىڭ «تاغ ئوغرىلىرى» دەپ تۇتقۇن قىلىنغانلىق خەۋىرى كېلىدۇ. قانداق سېلىش كېرەك؟ ياش نىزامىدىن ئەينى ۋاقىتتا جېنىنى ئېلىپ قېچىشتىن باشقا چارە قالمىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.

1946-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى ئۇ چوپاندىن قاغىلىق بازىرىغا تەلپەك ساتقىلى ماڭغان ھۈسەيىن تەلپەكچىنىڭ ئوغلى نىزامىدىنغا قوشۇلۇپ سەپەرگە ئاتلىنىدۇ. شۇ كۈنلەرگە قەدەر «توختىمەت» دېگەن ئىسىم بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن بۇ ياش يىگىت ئامالسىزلىقتىن يېرىم يولغا كەلگەندە ھەمراھىنىڭ يول خېتى، ئېشىكى ۋە خۇرجۇن-كۆرپىسىنى ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولىدۇ. قاغىلىق ناھىيە بازىرىغا كىرسىلا تۇتقۇن قىلىنىدىغانلىقىنى بىلگەن بۇ «تاغ ئىنقىلابچىسى» يۆنۈلۈشنى ئۆزگەرتىپ سەپەردىشى نىزامىدىن ھۈسەيىننىڭ نامىغا يېزىلغان يول خېتى يەكەن بازىرىغا كىرىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا يەكەن بازىرىدىمۇ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن باشلانغان بولۇپ، قولىدىكى يول خېتى بىلەن ئىسمىنى «نىزامىدىن ھۈسەيىن» گە ئۆزگەرتىۋالغان بۇ «تاغ ئىنقىلابچىسى» ئامالسىزلىقتىن يەكەندىكى «ھەزرىتى پىر مازارلىقى» دا پاناھلىنىپ، گاچا تىلەمچى بولىۋالىدۇ.

بىرەر ئايچە «ھەزرىتى پىر مازارلىقى» دا پاناھلانغان نىزامىدىن ھۈسەيىن كېيىنچە يەكەن دارىلمۇئەللىمىن مەكتىپىدىكى مىللەتپەرۋەر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن بۇ مەكتەپكە ئوقۇغۇچى بولۇپ ئورۇنلىشىۋالىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەيلا بۇ مەكتەپتىكى قاغىلىقتىن كەلگەن جالال ئىسىملىك بىرى ئۇنى تونۇپ قېلىپ ساقچىغا مەلۇم قىلىپ قويىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ياش تاغ ئىنقىلابچىسى تۇتقۇن قىلىنىدۇ.

يەكەندىكى گومىنداڭ ساقچىلىرى تاغ ئىنقىلابىغا قاتناشقان بۇ ياش يىگىتنى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان قىيناش ئۇسۇللىرى بىلەن سوراق قىلىدۇ. نىزامىدىن ھۈسەيىن ئەپەندى ئارىدىن يېرىم ئەسىر ئۆتكەندە يازغان ئەسلىمىسىدە ئۆزىنىڭ يەكەن تۈرمىسىدە ئۆتكۈزگەن كۈلپەتلىك تۈرمە ھاياتىنىڭ تەپسىلاتىدىن مەلۇمات بېرىدۇ.

قىيىن-قىستاق ۋە دەھشەتلىك قىيناق ئازابى گەرچە بۇ ياش يىگىتنىڭ جىسمىنى سۇندۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ روھىيىتىدىكى قاراقۇرۇملۇقلارغا خاس جاھىللىقى بىلەن ئۆزىنىڭ ئىنقىلاب مەزگىلىدىكى «ئۆلمەس توختىمەت»، «ئۇچقۇر توختىمەت» دەپ ئاتالغان ئەسلى سالاھىيىتىنى قەتئىي ئاشكارىلىمايدۇ. «چوپانلىق ھۈسەيىن تەلپەكچىنىڭ ئوغلى نىزامىدىن» دېگەن بۇ ئادەتتىكى ئىسىم ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدۇ.

(داۋامى بار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.