قازاقىستانلىق شائىرە تاشگۈل ھېزىياروۋانىڭ تۈركىيە ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى
2015.04.19
سوۋېت ئىتتىپاقى گۇمران بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر قاتار مۇستەقىل تۈركىي تىللىق مەملىكەتلەر قۇرۇلغاندا ئۇلارنى دەسلەپ ئېتىراپ قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى تۈركىيە بولدى. شۇنىڭدىن بۇيان تۈركىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا، شۇنداقلا رۇسىيە تەركىپىدىكى تۈركىي تىللىق جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي، مەدەنىي ئالاقىلەر بارغانسېرى قويۇقلىشىشقا باشلىدى. باشقا خەلقلەر قاتارىدا ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۈركىيەگە بولغان كۆز قارىشى ئىجابىي تەرەپكە قاراپ يۈزلەندى. كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەنى زىيارەت قىلغان قازاقىستانلىق ئۇيغۇرلار بۇ مەملىكەتنىڭ باشقا تۈركىي خەلقلەرگە قىلىۋاتقان غەمخورلۇقىنىڭ گۇۋاھچىسى بولماقتا.
شۇلارنىڭ بىرى ئالماتا ۋىلايىتىنىڭ چېلەك تەۋەسىگە قاراشلىق قورام يېزىسىدا ئىستىقامەت قىلىۋاتقان شائىرە تاشگۈل ھېزىياروۋا تۈركىيە سەپىرى ھەققىدە ئەسلىمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.