تۇمار ۋەقەسى
2018.01.30
2014-يىلى تومۇزنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرى ئىدى. ئەتىگەندە ناشتا قىلىۋاتساق كامېر جالاقلاپ ئېچىلدى. ھەممىمىز دەرھال قاچىلىرىمىزنى تاشلاپ ئىشىكنىڭ ئىككى تەرىپىدە دىققەتكە تىزىلدۇق. ئىشىكتە ئېگىز بوي بىر بالىنىڭ كاۋا چېچىكى كىيىملىك تۇرۇقى كۆرۈندى. «ھەي يەنە بىر ئۇيغۇر سىياسىي بولۇپ قولغا چۈشۈپتۇ-دە!» دېدىم ئىچىمدە ئۇلۇغ كىچىك تىنىپ.
يېڭى تۇتقۇننىڭ بۇرۇتلىرى ئەمدىلا خەت تارتقان ئىدى. شۇ ياشتىكى جىيەنلىرىم ئېسىمگە كەلدى. مەن ئۇلارنىڭ سۈيدۈكىنى كېچىپ ئويناشلىرىدىن تارتىپ، ئۆيگە ئوت قويۇشلىرى ۋە مەكتەپكە بارماي ئەنسىرىتىشلىرىگە قەدەر شاھىت بولغىنىم ئۈچۈن بىر بالىنى مۇشۇ ياشقا يەتكۈزمەكنىڭ نەقەدەر تەسلىكىنى بىلەتتىم. ئاتا-ئانا ئەمدىلا ئۇھ دەپ يىگىت بولغان ئوغلىغا مەستلىكى كېلىپ ئولتۇرغاندا كۆرۈلگەن بۇ پالاكەت ئېغىر كېلەتتى. «بىچارىنىڭ ئاتا-ئانىسى، بولۇپمۇ كېچە ئۇخلىماي بۆشۈكنىڭ بېشىدا تۈنەپ چىققان ئانىسى بىتەلەي، نېمە كۈننى كۆرۈۋاتقاندۇ!» -دېگەنلەرنى ئويلىدىم.
كۈلرەڭ مەھبۇس كىيىمى كىيىشكەن، ئۆسكىلەڭ ساقاللىق، چىرايلىرى خاپىغان يىگىرمىگە يېقىن ئادەمنىڭ ئارىسىدا بۇرۇتلىرى ئەمدىلا خەت تارتقان بۇ بالا نېمە دېيىشى، نېمە قىلىشىنى بىلمەي قاراپ تۇراتتى. ئۇنىڭ ئىسمى ياقۇپجان بولۇپ گۇندىپاينىڭ ئېيتىشىچە گۇاڭجۇدىن تۇتۇلغان ئىكەن. ئۇنى بىر قانچە كۈندىن كېيىن خوتەنگە ئېلىپ ماڭارمىش.
ئابلىزكام مۇنداقلا بىر كۆز ئىشارىتى قىلىۋېدى، پەرمان كۈتۈپ تۇرغان بىر پومزەك خىتاي ياقۇپجاننى يالىڭاچلاشقا باشلىدى. ئۇنى خىجالەت بولمىسۇن دەپ تامغا قارىۋالدىم. بىر چاغدا قاراس-قۇرۇس قىلغان ئاۋاز چىقىپ قالدى. قارىسام، ئىككى خىتاي ئۇنىڭ قولىنى قايرىپ ئاستىغا بېسىۋاپتۇ. ئېتىلىپ بېرىپ بىرىنىڭ شىللىسىدىن تارتىپ قوپۇرۇۋەتتىم. يەنە بىرى پەيلىمگە قاراپ دەرھال قولىنى بوشاتتى.
بىر چەتتە قاراپ تۇرغان ئابلىزكامنىڭ زورۇقۇپ يۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى. ئۇنىڭ تاماكىدىن نۇرىنى يوقاتقان چىرايى قارىداپ بىر ماڭا، بىر قولچوماق پوڭزەككە نېمىلەرنى دېيىشكە تەمشىلىپ بولۇپ توختاپ قالدى. پوڭزەكنىڭ قولىدا چىرايلىق كەشتىلەنگەن يۈرەك شەكىللىك بىر تۇمار تۇراتتى. ياقۇپجاننى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ تۈگۈلگەن مۇشتلىرىنى بوشاتتىم. ئاندىن «چىدىۋەت، ئۆتۈپ كېتىدۇ، بۇ مۇشت تۈگىدىغان يەر ئەمەس، لەۋ چىشلەيدىغان يەر» دەپ ئاستا پىچىرلىدىم. قوللىرى قايرىلىپ بوغۇچلانغاندا كۆزىنى مىت قىلمىغان ياقۇپجان ماڭا قاراپ ھاللىنىپ ئۆكسۈپ ئۆكسۈپ يىغلاپ كەتتى. بىچارىنىڭ ئېغزى گەپكە كەلمەي «ئانام. . . ئانام» دەيتتى. قارىغاندا، ئۇ ئانىسى پۈتۈپ بەرگەن تۇمارنى تارتقۇزۇپ قويغىنى ئۈچۈن يىغلاۋاتقاندەك قىلاتتى. ئۇنىڭ قانداق قىلىپ تۇمارنى كامىرىغا ئېلىپ كىرەلىگىنىگە ھەيران قالدىم.
چاراسلاپ كەتكەن نېرۋىلىرىم بوشاپ ئۆزۈمگە كەلگىنىمدە قورقۇشقا باشلىدىم. سىياسىي مەھبۇسقا يان بېسىش خەتەرلىك ئىدى. كۆز ئالدىمغا يەنە ئىككى قولۇم پۇتۇمدىكى كىشەنگە چېتىلغان، يېمەي دېسەم ئاچلىق قىينىغان، يىسەم تەرەتكە ئولتۇرالمىغان كۈنلەر كېلىۋېلىپ يۈرىكىم سېلىشقا باشلىدى.
ئاستا يەر تېگىدىن ئابلىزكامغا قارىدىم. ئۇ خۇددى مېنىڭ قارىشىمنى كۈتۈپ تۇغاندەكلا، «سىزنىڭ دەستىڭىزدىن بۇ كامىرىنى باشقۇرالامدىمەن-يوق، ئىززىتىڭىزنى قىلىپ ھە دەپ بەرسەم، پاتاڭغا مىنەمسىز نېمۇ؟» - دەپ گۈركىرىدى. مەن ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ماڭا نېمە دېيىشىنى ئەمەس، گۇندىپاي كەلسە نېمە دېيىشىمنى ۋە ئۇنىڭ قانداق چۈشەنچە بېرىشىنى ئويلاۋاتاتتىم.
تەبلىغ بىلەن تۇتۇلغان ئىلھام دېگەن مەھبۇس دەرھال ئابلىزكامغا يان بېسىپ «تۇمار ساقلىغاندىكىن ئوبدان بولدى، تۇمار ئېسىش دېگەن بىدئەت!» دەپ قوشۇق سالدى. ھەر سەھەر بامداتنى قورقماي ئوقۇپ ئۇزۇن-ئۇزۇن دۇئا قىلىدىغان ئابلىزكامغا «بىدئەت» دېگەن گەپ بىلەن جان كىردى بولغاي، «ئۇكام قىلغان ئىشىڭىز بىلەن ئىماندىن چىقىپ كەتمەڭ جۇمۇ؟» دەپ گۆلەيدى. ئىلھام بىلەن ئابلىزكامنىڭ قايسىغا جاۋاب بېرىشنى، نېمە دېيىشنى ئۇقماي تامغا قاراپ تۇرۇپ «ھەي، قاراڭلار بىز ھازىر نېمە بىدئەت، نېمە سۈننەت ئايرىيدىغان يەردە ئەمەس. مەن پەقەت شۇ بالىنى تاياق يەپ كەتمىسۇن دېدىم» دېدىم-دە چىشىمنى چوتكىلىغان بولۇپ تۇرۇبىغا ئېڭىشتىم.
ياقۇپجاننى يالىڭاچلىغان خىتاي تۇمارنى مەسخىرە قىلىپ بىر پەس كۈلۈشمەك قىلدى، ئاندىن تۇمارنى بىر بىرىگە قارىتىپ تەپكىلى تۇردى. ياقۇپجاننىڭ خىتىلداپ يىغلىغىنى يىغلىغان ئىدى. بىر مىنۇت ئۆتەر-ئۆتمەي تۇمار تېپىلىپ ئالدىغا كېلىۋېدى ئۇ دەرھال قولىنى ئۇزاتتى. پومزەك خىتاي چاققانلىق بىلەن ياقۇپجاننىڭ قولىغا دەسسىۋالدى-دە، تۇمشۇقىغا بىرنى تەپتى. قالغانلار ئولىشىپ كېلىپ ياقۇپجاننىڭ ئوڭ كەلگەن يېرىگە تېپىشقا باشلىدى. ئالدى كەينىنى ئويلاشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئۆزۈمنى تۇمارنىڭ ئۈستىدە قانغا مىلىنىپ ياتقان ياقۇپجانغا ئاتتىم.
كامىرىدىكى ئالا-توپىلاڭ ئاچقۇچلار شاراقلاپ ئىشىك ئېچىلغاندا توختىدى. تېپىكلەردە ئېگىلىپ كەتكەن كۆزەينىكىمنى تاقاپ بولغۇچە بىر گۇندىپاي كىرىپ شىللەمدىن تۇتقان پېتى كامىرىدىن ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
***مەزكۇر ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەر ئاپتورنىڭ شەخسىي قاراشلىرى. رادىيومىزنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.