«مېنى ئۆستۈرۈپ قوي!»
2017.09.12
سىياسىي مەھبۇسلار كىيىدىغان قىزىل كىيىم بىلەن سوراق قىلىنىشىم 11-سېنتەبىر باشلاندى.
دېرىزىدىن ئۈزۈم باراڭلىرى كۆرۈنۈپ تۇرغان سوراقخانىغا كىرىپ قارىسام، مېنى بۇرۇن سوراق قىلغان ساقچىلار ئالمىشىپتۇ. ئەكبەر دېگەن مۇزقاپاق خەنزۇۋان يوقاپتۇ. مۇختەر ئەمەت دېگەن قىزىل مۇچمۇ يوق. پەقەت قەشقەردىن مېنى تۇتۇپ كەلگەن ھېلىقى سۆرەلمە سوراقچى ئەن جىڭكۈن دېگەن خىتايلا ئالماشماپتۇ.
يېڭى سوراقچىلاردىن بىرى دەسلەپتىلا سۈر كۆرسەتتى. تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدا ھەر تۈرلۈك سوراق ئۇسۇللىرىغا ئۇچراپ باققىنىم ئۈچۈن بۇنداق ھەيۋىلەردىن مەڭدەپ قالمىدىم. سوراقتا ئۇنىڭ ئېلخەت ئادرېسىمنى تەكشۈرگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئېلخەتتە «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» دىكى بىرەيلەن بىلەن ئالاقە قىلغان ئىدىم. ئامېرىكىدىكى چېغىمدا يېزىشقان خەتلەرنى يوشۇرۇپمۇ يۈرمىدىم. خەتتىكى گەپلەر ئوغلىنى يىللار بويى كۆرمىگەن ۋە كۆرەلمەيدىغان بىر ئانىنىڭ ماڭا تاپىلىغانلىرى ئىدى. كېچىلەپ سوراق قىلسىمۇ، ئۇ قىلغىنىمنى خاتا دەپ بوينۇمغا ئالمىدىم.
يېڭى سوراقچى ۋاشىنگتونغا بېرىپ رابىيە خانىم بىلەن كۆرۈشمىگىنىمگە ئىشەنمىدى. سوراقچىنىڭ كۆرۈشكىنىمنى بەكلا ئىسپاتلىغۇسى بولغاچ، توختىماي بۇ ھەقتە سوراق قىلدى. گەرچە بۇ سوئاللارغا بۇرۇن نەچچە قېتىم جاۋاب بېرىپ بولغان بولساممۇ ئايلاندۇرۇپ يەنە شۇ يەرگە كېلەتتى. مېنى ئامېرىكىغا ئۇزاتقان بەزى دوستلار، رابىيە خانىمغا سالام ئېيتقان ئىدى. ئۇلار مېنىڭ قايتىپ كېلىدىغانلىقىمغا ئىشەنمەيتتى. سوراقتا ئولتۇرۇپ خىيالىم شۇ ئاق كۆڭۈل دوستلىرىمغا كەتتى.
-ئېيتە، رابىيە قادىر ساڭا نېمە دەپ يوليورۇق بەردى!
-مەن كۆرۈشمىسەم، قانداق يوليورۇق بېرىدۇ. مەن ۋەتەندە تېخىمۇ ياخشى ئاقارتىش قىلىمەن، دەپ ئوقۇغىلى كەلگەن تۇرسام، رابىيە قادىر بىلەن كۆرۈشۈپ نېمە قىلىمەن. رابىيە قادىر بىلەن كۆرۈشكەنگە بىر ئۇيغۇرنىڭ كۆز يېشى ئازلاپ، بىر ئۇيغۇرنىڭ دەردى يېنىكلەپ، بىر ئۇيغۇرنىڭ مۈشكۈلى ئاسانلىشىپ قالامتى؟-دېدىم ياندۇرۇپ.
-سېنىڭ بۇ گەپلىرىڭگە كىچىك بالىمۇ ئىشەنمەيدۇ. سەندەك ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغاندىن تارتىپ تاكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتقۇچى بولغۇچە ئىزچىل پائالىيەتچان بولۇپ كەلگەن بىرىنىڭ ھېچ بىر سىياسىي مەقسىتى يوق، دېسە كىم ئىشىنىدۇ؟ ئامېرىكادىن بۇيرۇق بىلەن، دوللار ئۈچۈن كەلمىسەڭ ساڭا ۋەيرانە قەشقەردە نېمە بار؟ سېنى تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدىن ليۇداۋانغا بىلمەي ئېلىپ كەلمىدۇق. سەندەك چوڭ سىياسىي جىنايەتچىلەر ياتىدىغان يەر ماۋۇ. كاللاڭنى تازا سىلكىپ، تۈزۈك ئىقرار قىل!
بۇغداي ئۆڭ، ئېگىزرەك كەلگەن بۇ بالىغا نېمە دېيىشنى بىلەلمىدىم. چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولغاچ سوراق خاتىرىسى يېزىۋاتقان سوراقچى ۋە مېنى ياندىن كۆزىتىپ تۇرغان ئەن جىڭكۈن ئىككىمىزنى يالغۇز قويۇپ تاماققا چىقىپ كەتتى.
-قارا، ساقچىلىق جاپالىق بولغاننىڭ ئۈستىگە قېرىغاندا ئىتتىن خار كۈنگە قالىدىغان بىر خىزمەت ئىكەن. مېنىڭمۇ پەقەت قىلغۇم يوق. يەنە بىر دەرىجە ئۆسۈۋالسام بۇنچە ئۆزۈمنى ئۇرۇپ كەتمەيمەن. شۇڭا مېنى ئۆستۈرۈپ قوي. سەن جىنايىتىڭنى ئىقرار قىلمىساڭمۇ بوپتۇ قىلىۋېتەي. ئەمما ئەتراپىڭدا، ياكى سەن بىلىدىغان ھۆكۈمەتكە قارشى، ۋەزىيەتكە زىيانلىق ئىشلارنى قىلىۋاتقانلار بولسا دەپ بەر. سەن بوش ئادەم ئەمەس، چوقۇم بىلىسەن، پەقەت شۇلاردىن بىرنىلا دەپ بەرسەڭ بولىدۇ. سەنمۇ قۇتۇلىسەن، مەنمۇ ئۆسۈۋالىمەن. شىنجاڭدىلا بولساڭ كەينىڭدە مانا مەن بار-دېدى ئۇ، مۈرەمگە شاپىلاقلاپ.
ئويلانغاندەك بولۇۋېلىپ بىردەم تۇرغاندىن كېيىن، -ھېچ ئېسىمگە ئۇنداق كىشىلەر كەلمىدى.
-مەن تونۇيدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى كادىر، ئوقۇتقۇچى ۋە ساقچى، قاراڭ، مەن باشقا كىشىلەر بىلەن كۆپ ئارىلاشمىغاچقا بىلمەيدىكەنمەن-دېدىم.
-ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان نېمە ئىكەنسەن، شۇنچە ئوقۇپ ئەقىل كىرمىگەن. بوپتۇ، سەنلەر قاماقتا يېتىپ سېسىپ كېتىش، مەن سەندەكلەرنى تۇتۇپ بولالماي قېرىپ كېتەي!
ئۇ شۇنداق دېگەنچە كېلىپ مېنى گەجگەمدىن ئىتتەرگەن پېتى سوراقخانىدىن ئېلىپ چىقىپ گۇندىپايلارغا تاپشۇرۇپ بەردى.