«قارغىشىم» تەگكەن ئوغرى
2017.10.03
ئۈرۈمچىنىڭ سوغۇق بىر دېكابىر ئاخشىمى ئىدى. ھەر كۈندىكىدەك پۈتۈن ئەزايىم قىچىشىپ ئۇخلىيالماي تۇرۇپ كەتتىم. بىردەم ئىشىكنىڭ قىرىغا دۈمبەمنى سۇۋاپ قاشلىنىپ بولغاندىن كېيىن گۈپۈلدەپ سېسىق پۇراق چىقىۋاتقان خالادا ئاستا يۇيۇندۇم. جالاقلاپ تىترەپ تۇرۇپ ئانام تىكىپ بەرگەن تامبالنى كىيدىم. گەرچە بىر دوستۇم گۇندىپايغا يول مېڭىپ بىر قۇر يېڭى ئىچ كىيىم كىرگۈزۈپ بەرگەن بولسىمۇ، ئۇنى شاھ مامۇت دېگەن مەھبۇسقا بېرىپ كونا تامبالنى كىيىپ يۈرەتتىم. تىزىمدىن ئېشىپ تۇرىدىغان بۇ تامبالنى باشقىلار دائىم مەسخىرە قىلىشاتتى.
بۇندىن 38 يىل بۇرۇن ئوپالدا، مۇشۇنداق بىر سوغۇق كېچىدە، ئاغرىقتىن قىينىلىپ، توڭۇپ ئۇخلىيالمىغان ئىكەنمەن. ئانام شۇ زۇلمەت كېچىسى دولىسىدىكى خۇرجۇنغا زاكىلىرىمنى سېلىپ، بىر قولىدا مېنى قۇچاقلاپ يەنە بىر قولىدا دوختۇرخانا ئالدىدىكى يولدىن ئوت يېقىش ئۈچۈن چاۋار تەرگەن ئىكەن. بۇ كېچە مەن ئۈرۈمچىدە، يەنە شۇنداق ئاچچىق سوغۇق، يەنە بىر مەرەز كېسەل قىيناپ ئۇخلاتمايدۇ.
ئانامنىڭ دېيىشىچە، ئىككى ياشقا كىرگىچە كېسەلدىن ساقىيالماي قۇچاقتىن چىقالمىغان ئىكەنمەن. كېيىن ساقايدىم، ئەمما چوڭ بولغانچە ئانامدىن ئۇزاقلاپ كەتتىم. بەلكىم بۇ كېچە، شۇ باغرى قان ئانام مېنى توڭۇپ قالغانمىدۇ، ئاغرىپ قالغانمىدۇ، دەپ يەنە ئۇخلىيالمىدى، بەلكىم باغرىغا بېسىپ، چاۋار تېرىپ ئىسسىتالمايدىغان يىراق بىر يەردە بولغىنىم ئۈچۈن، 38 يىل بۇرۇنقى ھېلىقى زۇلمەت كېچىدىكىدىن بەكرەك پۇچلانغاندۇ.
ئۆكتەبىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يۇقتۇرۇۋالغان قىچىشقاق دورا بېرىلمىگەچ ساقايماي ئۈچ ئايدىن بېرى تۈزۈك ئۇخلاپ باقمىغان ئىدىم. پىچىلىپ كەتكەن قولتۇق، تېقىملىرىم ۋە قاشلاپ يارا بولۇپ كەتكەن ئەزالىرىم ھەققىدە ھەپتىدە بىر كىرىدىغان «دوختۇر» غا دېدىم. كۆرسەتكىلى بولىدىغان ھەممە يېرىمنى قايسى گۇندىپاي كامېرىغا كىرسە ئېچىپ كۆرسىتىپ دەرد ئېيتىپ بولدۇم. ئۇلار سورىغان بولدى-يۇ، كارى بولمىدى. دوختۇرنىڭ دورىسى مەھبۇس نەرىم ئاغرىيدۇ دېسە ئوخشاش، شۇ ئۈچ-تۆت خىلدىن ئاشمايتتى.
زەھەردەك سوغۇق سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن قىچىشىق بىر ئاز بېسىققاندەك بولدى. نۆۋەتچىلىكتە تۇرغان بولۇپ ناماز ئوقۇپ دۇئا قىلىشقا باشلىدىم. بۇ مېنىڭ يىراقتىكى ئانامغا ۋە يۈرەك پارىلىرىدىن جۇدا بولغان ئانىلارغا قىلىپ بېرەلەيدىغان بىردىن بىر ئىشىم ئىدى. ئاللاھقا يالۋۇردۇم، بالىسىنىڭ ئىسمى چىقىپ بولغۇچە يىغىسى تېشىغا چىقىپ كېتىدىغان مۇڭلۇق ئانىلار ئۈچۈن، ھېچ كىمگە تۇيدۇرماي ئۈنسىز ياش تۆكىدىغان دادىلار ئۈچۈن ئۇزاق-ئۇزاق دۇئا قىلدىم. پەقەت ناماز ئوقۇغاندىلا ئۆزۈمنى قاماقتىكى يېگانە ئۇيغۇر مەھبۇس ئەمەس، گۈرۈلدەپ تەكبىر ئېيتىۋاتقان بىر جامائەتنىڭ ئەزاسىدەك ھېس قىلىپ خاتىرجەم بولۇپ قالاتتىم.
تۇيۇقسىز قورسىقىمغا تەگكەن قاتتىق بىر تېپىك بىلەن پۈكلىنىپلا قالدىم. مەن نېمە بولغاننى ئاڭقىرىپ بولغۇچە يەنە بىر كېچىلىك نۆۋەتچى كېلىپ ماڭا پەشۋا ئاتقان ئوغرىنى بېسىقتۇردى. جېدەلنى كامېرادىن كۆرۈپ تۇرغان گۇندىپايمۇ پەيدا بولدى. كامېر باشلىقى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدىغان بولۇپ گۇندىپاينى كەتكۈزگەن بولدى. نېمە بولغاننى ئۇقالمىدىم، قۇلىقىمدا پەقەت ئېگىز بوي تۇڭگان ئوغرىنىڭ «مېنى قارغاپ توختىمايۋاتىدۇ» دېگىنى ياڭراپ تۇراتتى. قىچىشقاق قىينىغان ئاز كەلگەندەك بىكاردىن تاياق يىگىنىم ئېغىر كېلىپ بىر كېچە كۆز يۇممۇدۇم.
ئەتىسى ئەتىگەندە كامېر باشلىقى يىغىن ئاچتى. يىغىندا تۇڭگان ئوغرى جېدەلنىڭ سەۋەبىنى ماڭا ئارتتى. ئۇ ناماز ئوقۇپ قارغىغانلىقىم ئۈچۈن ماڭا ھۇجۇم قىلغانىمىش. توۋا، نامازدا ئاغزىمنىڭ توختىماي مىدىرلىشى ئۇنىڭغا قارغىغان بولۇپ تۇيۇلۇپتۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەن يامان گەپ ۋە يامان ئىش قىلمايمىشمەن، بەش ۋاقىت ناماز ئوقۇيدىكەنمەن، شۇڭا مېنىڭ قارغىشلىرىم بەكرەك ئۆتەرمىش. قارغاپ كەتكىنىم ئۈچۈن تەپكەنمىش مېنى.
ئۇنىڭ نېمە دەۋاتقىنى ئەمدى ئېنىق بولدى. كۈندۈزدە ئۇ قاماقخانا تارقاتقان سامساقنى تامبىلىغا يوشۇرۇۋاتقاندا كۆرۈپ قالغان ئىدىم. ئۆزۈمنى تۇتالماي قاقاقلاپ كۈلۈپ تاشلىشىم سەۋەبلىك ھەممەيلەن ئۇنىڭ بۇ سىرىنى كۆرۈپ قالغان ئىدى. ھەرقانچە ئامراق بولسىمۇ ئۇنىڭ سامساقنى تامبالغا يۆگەپ ساقلاپ يىيىشى ماڭا قىزىقارلىق تۇيۇلغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن باشقىلارنىڭ مەسخىرىسىگە قالغان ما شىياۋگاڭ دەردىنى كېچىدە ئاپتۇ.
ناماز ئوقۇغانلىقىمنىڭ بىلىنىپ قالغىنىدىن بەك قورقتۇم. بۇ سەۋەبلىك جازالىنىشىم ئېنىق ئىدى. ئادەتتە ناماز ئوقۇغانلىق بايقالسا پۇتقا ئون كىلولۇق كىشەن سېلىنىپ، ئىشكەللەنگەن قول بىلەن پۇت چېتىپ قويۇلاتتى. بۇ ھالدا نە ئەپلەپ تاماق يېگىلى، نە قاملىشىپ تەرەت قىلغىلى بولمايتتى.
- ئابدۇۋەلىنىڭ ناماز ئوقۇغىنىنى قانداق بىلىسەن، مەن ئۇيغۇرلار بىلەن يىگىرمە يىلغا يېقىن ئىشلىدىم، ئەجەب مەن بايقىمىدىمغۇ؟- دەپ سورىدى كامېر باشلىقى، مېنى «ناماز ئوقۇدى!»، دەپ شالىنى چېچىۋاتقان شىياۋ مادىن.
- مەن مۇسۇلمان، بەش ۋاق نامازنىڭ قەرەلىنى بىلىمەن. ئۇ كۈندە بەش قېتىم ھېچ كىمگە گەپ قىلماي جىمىپ كېتىدۇ، يۇيۇنۇشتىن بۇرۇن ئېغزى بۇرنىغا سۇ ئالىدۇ. ناماز ئوقۇيدىغان ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى بۇ!- دېدى، شىياۋ ما ئۆز گېپىنى قۇۋۋەتلەپ.
كامېر باشلىقى خىتاي يېڭىشەھەر رايونىغا مۇئاۋىن سېكىرتار بولغان كىشى بولۇپ، كامېرىدا مەن بىلەن ئەڭ كۆپ پاراڭلىشاتتى.
- بۇ كامېرىدا 18 كىشى بار. سەن بىر ئادەمنىڭ دېگىنىگە قاراپ ئابدۇۋەلىنى ناماز ئوقۇدى دەپ دوكلات قىلغىلى بولمايدۇ، ھېچ قايسىمىز ئۇنداق دەپ ساڭا گۇۋاھچى بولمايمىز، ئەگەر سەن شۇنداق دوكلات قىلمەن دېسەڭ مەيلىڭ، بىزمۇ سېنىڭ تۈنۈگۈن كېچە ئادەم ئۇرغىنىڭنى دوكلات قىلىمىز، بۇنىڭغا ھەممەيلەن گۇۋاھچى، بۇنىڭ ئىسپاتىنى كامېرادىنمۇ تاپقىلى بولىدۇ، - دەپلا گەپنى كەستى كامېر باشلىقى.
قارغىشىم تۇتقان بولسا كېرەك، كامېر باشلىقى شۇ كۈنى كەچتە شىياۋ مانى جازالاپ سېمۇنت پۇلدا يېتىشقا بۇيرۇدى. ئۇنىڭ كارىۋاتتىكى ئورنىغا مەن چىقتىم. قاماققا كىرگەن تۆت ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم مۇزدەك سېمۇنتتىن قۇتۇلۇپ كارىۋاتتا ياتقان شۇ كېچە بەدىنىم قىچىشقاننىمۇ تۇيماي خاتىرجەم ئۇخلاپ كېتىپتىمەن.