قاماقتىكى شاھمامۇت

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.10.17
ilham-toxti-turme.jpg ئۇيغۇر ئاكادېمىك ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشتىن بۇرۇن 8 ئاي تۇتۇپ تۇرۇلغان تۈرمە. 2014-يىلى 24-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
RFA

2013-يىلى نۇيابىردىن باشلاپ قاماقخانىدا ئۇيغۇر مەھبۇسلار كۆپلەپ قالدى. پۈتۈنلەي دېگۈدەك خىتايلاردىن بولغان ئوغرى، قاتىل، پاراخور، كاززاپ قامىلىدىغان قاماقخانا كارىدورىدا ئانچە-مۇنچە ئۇيغۇرنىڭ سايىسى كۆرۈنىدىغان بولدى. ئۇيغۇرلار كۆپەيگەنچە تۈزۈم چىڭىيىپ باراتتى. زۇلۇمنى ئەگەشتۈرۈپ كەينى-كەينىدىن كىرىۋاتقان بۇ بالىلارنى سىياسىي مەھبۇس دېسە پەقەت ئىشەنگۈم كەلمەيتتى. ئۇلار ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان دۆلەتلەردىن ئەمەس، غۇلجا ۋە قەشقەردە قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەتتىنمۇ بىخەۋەر ئىدى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئۈرۈمچىدە ئانچە-مۇنچە دىندىن ساۋاق ئېلىپ قالغان چاغدا نان ياقىدىغان، رېمۇنتچىلىق قىلىدىغان، بىنا چاقىدىغان ياشلار ئىدى.

ماڭا ئەڭ ئۇزۇن كامىرداش بولغان، ئايەت ئۆگىتىپ قويغان، مۇڭلۇق غەزەللىرى بىلەن كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدىغان، ئۈرۈمچىدە ناۋايلىق قىلىۋاتقاندا تۇتۇلغان يەركەنلىك ئىنىمىزنىڭ ئىسمى شاھمامۇت ئىدى. ئۇ ئىسمىدىكى «شاھ» سۆزىنى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شاھلىرىغا باغلاپ مېنى خوش قىلغان بىلەن، ئابدۇقادىر داموللامنىڭ كىملىكىنى بىلمەي، ئۆزىنى «سىزدەك كومپارتىيە نەشرىياتىدا چىقارغان كىتابلاردا يېزىلغان داموللامنى تونىمايمىز» دەپ ئاقلىغانلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ دائىم «شەھىت ئاتاجان» دېگەن ئۆزبېكچە ناخشىنى ئوقۇيتتى، «جىھاد، ھىجرەت» دېگەن تېمىلاردا گەپ باشلىسا تەلەپپۇزى ئۆزبېكچىگە كېتەتتى.

بەزدە ئۇ ئۆتكۈر ئەپەندىمنىڭ «سېنىڭ ۋەسلىڭگە ئەي دىلبەر بولاي قۇربانە، قۇربانە» دېگەن مىسرالىرىنى «سېنىڭ ۋەسلىڭگە ئەي رەببىم» دەپ ئۆزگەرتىپ ئوقۇيتتى. مەن قەستەن «سېنىڭ بەختىڭگە ئەي خەلقىم» دەپ ئۆزگەرتىپ ئۇنى تېرىكتۈرەتتىم. ئۇ دائىم «ئاللاھ ئاخىرەتتە مىللىتىڭگە نېمە قىلىپ بەردىڭ دەپ سورىمايدۇ،» دەپ مېنى مىللەتچىلىكتە ئەيىپلەيتتى. مەن بولسام «شۇنداق، ئاللاھ سەندىن سورىمايدۇ، ئەمما مەندىن سورايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ھېچكىمنى قۇربى يەتمىگەن ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ،» دەپ رەددىيە بېرەتتىم.

بىر كۈنى تېلېۋىزوردا نېلسۇن ماندېلا ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم بېرىلدى. تازا دىققەت بىلەن كۆرۈۋاتسام شاھمامۇت قەستەن ئالدىمدىن تولا ئۆتۈپ بىئارام قىلدى. ئاخىرى مەن، - ئۇكام مالال قىلمىساڭچۇ، خوش بولاي، - دېدىم جىلە بولۇپ. - كىمۇ ئۇ، قارا ئادەم، سىز شۇنچە كۆز ئۈزمەي قاراپ كەتكەن؟ - دەپ سورىدى ئۇ ساددىلارچە. ئۇنىڭغا نېلسون ماندېلانىڭ كىملىكىنى بىر ئېغىز گەپ بىلەن بايان قىلىپ بولالمايتتىم. كۆپرەك چۈشەندۈرەي دېسەم چانغىدەك ئۇيغۇرچە سۆزلەش خەتەرلىك ئىدى. شۇڭا سۆزسىز فىلىمنى كۆرۈپ تۈگەتتىم. ئاندىن ئۇنىڭغا خىتايچە ئۆگەتكەن بولۇپ نېلسون ماندېلا ھەققىدە سۆزلەپ بەردىم. شۇنچە جازالىنىش خەۋپىگە قارىماي ھاياجان بىلەن سۆزلەپ تۇرسام، ئۇ گېپىمنى بۆلۈپلا - سىز ئۇنچە ماختاپ كەتكەن بىلەن ئۇ دېگەن كاپىر، ھامان دوزاخقا كىرىدۇ! دېمەسمۇ، قاراپ تۇرۇپلا قالدىم. ئاندىن ئاچچىقىمدا - مەن ئەگەر خەلقىمنى نېلسون ماندېلادەك ھۆرلۈككە ئېرىشتۈرەلىسەم دوزاخقا كىرسەممۇ رازى! - دەپ تاشلىدىم.
تۆۋە، شۇنداق دەپ بولۇپلا تۆۋە قىلدىم. شۇ چاغدا غەزەپتىن دېگەنلىرىمگە خېلى ۋاقىتلارغىچە ئىچىمنى مۈشۈك تارمىلىغاندەك بىئارام بولدۇم.

شاھمامۇتنىڭ كەيپى شۇندىن كېيىن بۇزۇلدى. ئۇنى مىڭ تەستە قايىل قىلغان خىتايچە ئۆگىنىشمۇ سۇغا چىلاشتى. مەن ئۇنىڭغا خىتايچە ئۆگىتىشنى گۇندىپايلارغا نەچچە ئون قېتىم دەپ، ھۆججەت يېزىپ بېرىپ يۈرۈپ ئاران ھەل قىلغان ئىدىم. ئوقۇتقۇچىلىق ماڭا ھۇزۇر، ئۆگىنىش ئۇنىڭغا نەتىجىلىك تۇيۇلۇشقا باشلىغان ئىدى. شۇ قېتىملىق زىددىيەتتىن كېيىن ئۇ ھەتتا چېگرا ئايرىيمەن، دەپ ماڭا قارىمىدى، مەن بۇيرۇتقان ئالاھىدە تاماقنىمۇ جايىز ئەمەس دەپ بىر ئايدەك يېيىشنى رەت قىلدى.

بىر كۈنى گۇندىپاي شاھمامۇتنى چاقىرىپ كامىرىنىڭ رۇجىكىدىن بىر جۈپ پاختىلىق ئاياقنى سۇنۇپ بەردى. ھەمدە ئۇنىڭغا پۇشايمان قىلىش ھەققىدە بىر مۇنچە تەنبىھ ۋە تەھدىت ئارىلاشقان گەپلەرنى قىلدى. ئارىدا مەن تەرجىمانلىق قىلدىم. ئۇنىڭغا گۇندىپاينىڭ خىتايچە ئۆگىنىشنى تاپىلىغانلىقىنى، خىتايچە سۆزلىگۈدەك بولسا پۇتىغا سېلىنغان كىشەندىن ئازاد قىلىنىدىغانلىقىنى دېدىم. شۇ كۈندىن باشلاپ ئارىمىز تۈزىلىپ قالدى. ھاياتىم يەنە مەنەگە ئېرىشتى.

دېكابىرنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە شاھمامۇت سوراققا ھېلىقى پاختىلىق ئاياقنى كىيىپ چىقىپ كېتىپ لاتا خەي بىلەن قايتىپ كىرىپتۇ. سەۋەبىنى سورىسام ئۆزى بىلەن تۇتۇلغان ئۇستازىغا كارىدوردا گۇندىپاي كۆرمەستە ئاياقنى سېلىپ بېرىپتۇ. سىياسىي مەھبۇسلار كۈندۈزدە ۋە كېچىلىك نۆۋەتچىلىكتە مۇزدەك سېمۇنت يەردە سائەتلەپ تۇراتتى. يالاڭ قات لاتا خەي ئۈرۈمچىنىڭ دېكابىردىكى سوغىقىغا ھەرگىز پايلىمايتتى. راست گەپنى دېسەم، پۇلغا بىر نەرسە سېتىۋالغىلى بولمايدىغان ئۇ يەردە شاھمامۇتقا بېرىلگەن پاختىلىق ئاياققا بەكلا ھەسىتىم كەلگەن ئىدى. تاپىنىمدىن تېشىپ مېڭەمگە چىقىپ كېتىدىغان سوغۇقتىن مۇشۇنداق بىر ئايىغىم بولسا قۇتۇلۇپ كېتەرىدىم دەپ ئويلىغان ئىدىم.

شاھمامۇت تۇتۇلۇپ دەسلەپكى سوراقتا ئاكىسى شاھداۋۇت بىلەن ئۇستازىنىڭ ئۆزىدىن بۇرۇن تۇتۇلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان ئىكەن. ئۇستازى ئادەتتە بىر تېلېفوننى ئۇزاق ئىشلەتمەيدىكەن، شۇ چاغدا بىخەستەلىك قىلىپتۇ. ئۇستازى تەرىپىدىن بىر قېتىملىق چەتئەلگە ئۇرۇلغان تېلېفون ۋە يۆتكەلگەن پۇل ئوننەچچە تالىپىنى قاراڭغۇ كامىرىغا بەند قىپتۇ. ھالبۇكى، شاھمامۇت بۇنى ھېچ بىر زامان ئۇستازىدىن كۆرمەي، ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى دەپ قارايتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.