شاھمامۇتقا خىتايچە ئۆگىتىشنى داۋام قىلدىم. ئۇنىڭ ئىلگىرىلىشى ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە تېز بولدى. بىر كۈنى ئۇ كارىدوردىكى «دۆلىتىڭ بولمىسا ئائىلەڭ بولمايدۇ» دېگەن خىتايچە جۈملىنى چۈشىنىپ ئېغزى يۇمۇلماي قاپتۇ. ئۇنىڭ ئاقسېرىق چىرايىدا پارلىغان بىلىشنىڭ خۇشاللىقىغا جۆر بولدۇم. ئەمما ئۇنىڭغا بىر مىللەتكە باش تىققۇدەك، خەقنىڭ كۆزىگە تەلمۈرمەي ئازادە ئولتۇرغۇدەك بىر ماكاننىڭ نەقەدەر زۆرۈرلۈكىنى دېيىشتىن ۋاز كەچتىم.
ئىككىمىزنىڭ نەزىرىدىكى دۆلەت پەرقلىق ئىدى. مېنىڭ دۆلىتىمدە ئىلىدىكى نەغمىچى ئۇيغۇر قانداق ھۆرمەتلىك بولسا، تارىمدىكى قىرائەتچى ئۇيغۇر ئوخشاش ئىززەتلىك ئىدى، خوتەن چۇقۇ بازاردىكى ۋاھابى ئۇيغۇر قانداق ھۆر بولسا، تۇيۇق مازاردىكى تاۋاپچى ئۇيغۇر شۇنداق ئەركىن ئىدى. شاھمامۇتنىڭ ئىنتىلگىنى بىر مىللەتنىڭ ئەمەس، پۈتۈن ئۈممەتنىڭ دۆلىتى ئىدى. ئۇنىڭچە مۇسۇلمانلارنىڭ بىرلا دۆلىتى بولۇشى كېرەك بولۇپ، ئەكسىچە بولغان دۆلەتلەر ئۇرۇش ئېچىشقا تېگىشلىك ئىدى. ئۇنىڭ قانداقلا رەددىيە بەرسەم بىرلا جاۋابنى تەكرارلىشىغا قاراپ يادىلىۋالدىمىكىن دېگەن ئىدىم. راست دېگەندەك تۈركىيەگە كېلىپ سەيىد قۇتۇپنىڭ «يول بۇ يەردە» دېگەن كىتابىدا ئەينەن شۇ مەزمۇننى كۆردۈم.
بىر كۈنى كامېرغا ئىسمائىل ئىسىملىك چېكەرمەن ئۇيغۇر قامالدى. شاھمامۇت ئىككىمىز ئۇنىڭ بېشىدىن كۈندە نەچچە ۋاق سۇ قۇيۇپ ئىككى ھەپتە ئۆتكەندە ئاران خۇماردىن چىقاردۇق. ئۇنىڭ ئىشتىھاسى خۇمارى يوقاپلا ئېچىلىپ كەتتى. ئىككىمىز نۆۋەتلىشىپ پۇلغا بۇيرۇتىدىغان بىر كىشىلىك زەھەردەك قىممەت تاماقنى ئۈچەيلەن يېيىشكە باشلىدۇق.
ئىسمائىل ئۈرۈمچىدە تۆمۈر يول ئىدارىسى قورۇسىدا چوڭ بولغاچقا خىتايچىنى سۇدەك سۆزلەيتتى. سىياسىي قاشقىسى بولمىغاچ كامېر باشلىقىدىنمۇ، گۇندىپايلاردىنمۇ قورقمايتتى. ئۇ كىرىپ كامېر ئۇيغۇرچە چاقچاق ۋە كۈلكە بىلەن روھلىنىپ قالدى. ئۇ بىزگىلا ئەمەس كارىدوردا تاماق توشۇيدىغان ئۇيغۇر مەھبۇسلارغىمۇ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشتىن قورقمايتتى. قارشى تەرەپكە قامالغان شىرىكىم دىليار ئوبۇلنىڭ خەۋىرىنىمۇ شۇ ئىسمائىل كارىدوردىكى مەھبۇسلارغا دەپ يۈرۈپ دەپ بەرگەن ئىدى.
ئىسمائىل بىز بىلەن پاراڭلىشىپ يۈرۈپ سەت گەپ قىلىشتىن ئۇيىلىدىغان، ناماز ئوقۇيدىغان بولدى. بولۇپمۇ شاھمامۇتنى ئىلمى بار دەپ ئالاھىدە ھۆرمەتلەيتتى، يوشۇرۇن يېزىپ بەرگەن ئايەتنى ئاۋازلىق يادلاپ كېتەتتى، ئەمما تاماكا چېكىشتىن چەكلىنەلمىدى. كامېرغا شەپەرەڭمۇ كىرەلمەيتتى-يۇ، تاماكا كىرەتتى. بىچارە ئىسمائىل خىتايلارنىڭ چىرايىغا تەلمۈرۈپ بىر شورىۋالمىغىچە بولدى قىلمايتتى. شاھمامۇت ئىسمائىلغا ئۈچ قېتىم ئايەتلەردىن مىسال ئېلىپ نەسىھەت قىلىپ كار قىلمىغاندا ماڭا «تاماكا چەككەن ئادەم بىلەن بىر قاچا تاماقنى بىللە يېيىش ھارام،» دېدى. ئەمەلىيەتتە شۇ چاغدا ئىككىلىمىزگە قاچىسىنى 80 سومدىن ئېلىپ يەۋاتقان تاماقنىڭ يېرىمىنى ئىسمائىلغا بېرىش تەس كەلمىگەن دېيەلمەيمەن.
تاماقنى بىللە يېيىش توختىغاندىن كېيىن كامېردىكى ئۇيغۇرچە كۈلكە توختاپ كۆڭۈللەر مۇزلىدى. ئىسمائىل ئاڭلىتىپ تۇرۇپ خىتاي مەھبۇسلارغا بىزنى قالاق دەپ يامانلاپ بېرەتتى. مەنچە ئىسمائىلغا تاماقنى بەرمەسلىك ئەمەس، ناماز ئوقۇپمۇ ئېتىراپ قىلىنماسلىق ۋە يەكلىنىش ئېغىر كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ئارىمىزدىكى نىزا سۈركۈلۈشكە ئۆزگەرگەندە خىتاي كامېر باشلىقىنىڭ مۇشتۇمىنى تۈگۈپ «سىلەر مۇشۇنداق ئۆم بولۇشىڭلار كېرەك» دېگىنى ئېسىمدىن چىقمايدۇ. شۇ چاغدا ئۈچ مۇسۇلمان ھالال-ھارام دەپ تالىشىپ خىتايلارغا ئويۇن قويۇپ بەرگەن ئىكەنمىز.
2014-يىلى چاغاندا نىزا چېڭىغا چىقتى. قاماقخانىدىن بايراملىق ھەر خىل قورۇما تارقىتىلىدىغان بولدى. قورۇمالار زەھەردەك قىممەت بولۇپ ئائىلىسىدىن پۇل كىرىدىغان شاھمامۇت، مەن ۋە كامېر باشلىقى ئۈچىمىزلا چىقىنالايتتۇق. ئەسلىدىنلا كامېرغا ئېلىنىدىغان سوپۇن، سۈرتكۈچ، لۆڭگە دېگەندەك لازىملىقلارغا بىز پۇل چىقىرىۋاتقىنىمىز ئۈچۈن، پۈتۈن كامېردىكى 23 مەھبۇسقا چاغانلىق قورۇما ئېلىپ بېرىش ئىككىمىزگە ئېغىر كەلگەندەك ئىدى. شاھمامۇت ئېغىز ئېچىپ ماڭا «ئۇ قورىمىلار ھالال ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەخسۇس چاغانغا ئاتالغان قورىمىلارنى يېسەك كاپىرنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىگەن بولىمىز» دېدى. شۇنىڭ بىلەن قالغان مەھبۇسلارغا قورۇمىلارنى بۇيرۇتمايدىغانلىقىمىزنى، سەۋەبى «ھارام» لىقىنى دەپ چۈشەندۈرۈپ بالاغا قالدىم. ئاران تۇرغان ئىسمائىل «ھارام ئەمەس، ھالال!» دەپ قايناپ كەتتى. ئەسلىدىنلا ئاۋازى يۇقىرى ئىسمائىل ھېلى ئۇيغۇرچە ھېلى خىتايچە سۆزلەپ كامېرنى بېشىغا كىيدى. باشقا خىتاي مەھبۇسلار بىر مىللەت ئىچىدىكى بۇ ھالال-ھارام مۇنازىرىسىگە ھېچ نېمىنى چۈشىنەلمەي قاراپ تۇرۇشتى.
ۋېي فامىلىلىك گۇندىپاي ۋاراڭ-چۇرۇڭنى ئاڭلاپ كامېرنىڭ ئالدىغا كەلگەندە ھەممىمىز سەپراس بولۇپ تۇردۇق. كامېر باشلىقى «ھالال-ھارام» مۇنازىرىسىدىن دوكلات بېرەلمەي مېنى كۆرسىتىپ قويدى. گۇندىپاي 751 دەپ نومۇرۇمنى چاقىرىپ نېمە بولغاننى سورىدى. ئۆزۈمچە مۇئەللىملىكىم تۇتۇپ گۇندىپايغا ھالال-ھارامدىن دەرس ئۆتۈپ كېتىپتىمەن، گەپنىڭ يېرىمغا كېلىۋېدىم، ئىشىكنى ئېچىپ «چىقە! ساڭا نېمە ھالال، نېمە ھارام، ئۆگىتىپ قوياي» دەپ ۋارقىرىدى. روجەكتىن سۇنۇلغان ئىشكەل ۋە كىشەن بىلەن پۇت قولۇم چۈشەلدى. «دوكلات!» دەپ دوڭغىيىپ ئىشىكتىن چىقىشىمغا بىر تېپىك مېنى كامېرغا كىرگۈزۈۋەتتى. ئارقا ئارقىدىن تەگكەن ئۈچ تېپىك بىلەن ئۈچ قېتىم يىقىلىپ قوپتۇم. مەندىن كېيىن شاھمامۇتنىڭ قولىغا ئىشكەل سېلىپ، ئىككىمىزنى ئىككى تەرەپتىكى مەشىق كامېرغا سولىۋەتتى.
پۇتلىرىم كىشەنلەنگەن، قولۇم پۇتۇمغا چېتىلغان شۇ بىر ھەپتىدە نە ئۇيقۇ، نە ھاجەت، نە تاماق ھېچ بىرىنى ئەپلەشتۈرەلمدىم. ھېلىقى «ھارام» دېگەن قورۇمىلارنى ئادەمدەك قولۇمدا ئەمەس، ئىتتەك تۇمشۇقۇمدا يېيىشكە مەجبۇر بولدۇم. ھاجىتىم قىستىغاندا ئىشتىنىمنى سالالماي كىم ياردەم قىلار دەپ ھەر بىر خىتاينىڭ چىرايىغا تىلەمچىدەك تىكىلدىم. تەرىتىم سۈرتۈكسىز، كىيىملىرىم سېلىقسىز يۈرۈپ پۇراپ قېشىمدا ھېچ كىم ياتماس، ئۆزۈممۇ سەسكىنىپ ئۇخلىيالماس ھالغا چۈشتۈم. مەن سىياسىي مەھبۇس ئەمەس تۇرۇپ بۇ كۈننى كۆرگەن ئىدىم. شاھمامۇتنىڭ نېمە كۈنلەرنى كۆرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىشتىن ھازىرغىچە قورقىمەن.
0:00 / 0:00