خروئىندىكى «خىسلەت»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇۋەلى ئايۇپ
2017.07.04
eydiz-AIDS-HIV.jpg زەھەرلىك چېكىملىك ئىستېمال قىلغۇچىلار ئىشلەتكەن شپىرىسلار. 2010-يىلى 15-ئىيۇل، كۇنمىڭ.
AFP

تەڭرىتاغ قاماقخانىسىدا مەن ئۇچراتقان سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك قىران يىگىتلەر ئىدى. خروئىن سەۋەبلىك تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا يېشى ھەر خىل بولۇپ، خروئىن ئۇلارنىڭ ئوغرىلىق، ئالدامچىلىق، بۇلاڭچىلىق ۋە قاتىللىققا ئوخشاش جىنايەتلەرنى سادىر قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى.

مەن ئىلگىرى كېيىن بولۇپ قامالغان 2-2 ۋە 2-6 دېگەن ئىككى كامېردا باشلىقلار خروئىن ئەتكەسچىلىكى بىلەن تۇتۇلغان خىتايلار، قولچوماقلار بولسا پارچە ساتقۇچى ۋە چەككۈچى ئۇيغۇر، تۇڭگانلار ئىدى. خروئىنكەشلەر بىر پاراڭلىشىپ كەتسە قايسى خىتاي، قايسى ئۇيغۇر، قايسى تۇڭگان ئايرىغىلىمۇ بولمايتتى. دېيىشىچە، ئۇلار خېرىدار ئازلىغان ھامان كىچىك بالىنىڭ ۋېلىسىپىتى چاغلىق نەرسىنى ئوغرىلاپ قاماققا كىرىدىكەن ۋە بىر توپ خېرىدارلار بىلەن تونۇشۇپ تىجارىتىنى داۋام قىلىدىكەن. قاماقخانا ئۇلارنىڭ كېيىنكى تىجارەت پىلانى ئۈچۈن ئادەم ۋە ئەقىل توپلايدىغان غايىۋىي بازا ئىكەن.

سىياسىي مەھبۇسلارغا تاپشۇرۇپ ئالالمىسىمۇ، ئائىلىسىدىن پۇل، كىيىم ۋە خالتا كىرىپ تۇراتتى. كارغا كەلمەيدىغانلىقى ئېنىق بولسىمۇ، ئۇلارغا ئادۋوكات تەكلىپ قىلىناتتى. خروئىنكەش بالىلارغا بولسا ئۆيىدىن پۇل كىرمەيتتى. كىيىم-كېچەك، خالتا دېگەندەك تەسەللىلەردىمۇ ئۇلارنىڭ نېسىۋىسى يوق ئىدى. ئۇلارغا ئادۋوكات تەكلىپ قىلىنمايتتى. ھەتتا سوتقا چىققاندىمۇ ئۇلار ئائىلىسىدىن ھېچكىمنىڭ كەلمىگەنلىكلىرىدىن ئاغرىنىپ قايتىپ كېلىشەتتى.

بىر كۈنى خروئىننى پارچە سېتىپ قامالغان ئابدۇراخمان بوش قىرائەت قىلىپ ئولتۇرۇپ كەتتى. ئۇ مەن ساناق سانىيالماي جازاغا تارتىلغاندا كاسامغا ئاياغنىڭ چەمى بىلەن ئۇرغان قولچوماقلارنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ تۇتۇلغاندا ئانىسىغا تېلېفون قىلغانىمىش، ئانىسى «خۇداغا شۈكۈر، ئوبدان بوپتۇ، خۇدايىم دۇئايىمنى ئىجابەت قىپتۇ، ساڭا ئانىنىڭ، خوتۇننىڭ، بالىنىڭ قەدرى ئۆتۈلۈپ ئادەم بولۇپ چىقارسەن» دەپ گەپ تۈگىمەستىن تېلېفوننى قوپاللا قويۇۋەتكەنمىش.

ئابدۇراخماننىڭ قىرائىتىگە دىققەت قىلسام، ئوقۇۋاتقىنى «ئەرراھمان» سۈرىسى ئىكەن. ئۇنىڭ ئاغزىدا ئاللانىڭ راخمان دېيىلگەن مېھرىبانلىقى يادلىنىۋاتقان بىلەن قىلغانلىرى شەيتاننىڭ رەھىمسىزلىكى ئىدى. خروئىن سېتىپ زەھەرلەۋاتقىنى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئولتۇراقلاشقان يوپۇرغا مەھەللىسىدىكى ناتىۋان ياشلار ئىدى. ئېيتىشىچە، ئۇ خەتمىدىن ئۆتكەن مۇرەتتەپ قارى ئىكەن.

-سەن قانداق قارى، «قۇرئان» نى يادلاپ تۇرۇپ مىللىتىمىزنى خاراب قىلىۋاتقان، ئاللا ھارام قىلغان خروئىنكەشلىك قىلىدىغان؟ - دەپ سورىدىم ئىچىم پۇشۇپ. ئابدۇراخمان بىر پەس ئولتۇرۇپ كېتىپ ماڭا «سىرتقا چىق!» دېگەندەك كۆز ئىشارىسى قىلدى. چۈنكى ئىككى ئۇيغۇرنىڭ يېقىن تۇرۇپ پاراڭ قىلىشى خەتەرلىك بولۇپ جازالىنىشىمىز ئېنىق ئىدى. ئابدۇراخمان ئىما بىلەن مېنى باشلاپ كامېرىنىڭ كەينىدىكى كاتەكتەك ھاۋالانما بوشلۇقىغا چىقتى. ئۇ سىم تورلار ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان ئاسمانغا قاراپ قويۇپ كەچۈرمىشىنى مۇنداق باشلىدى:

-مەن كىچىكىمدىن موللامدا ئوقۇغان، 16 يېشىمدا قارى بولغان. شۇ يىلى ئۇستازىم تۇتۇلۇپ كەتتى. مېنىمۇ ئۈچ كۈن قاماپ قويۇپ بەردى. چاتاق يېرى شۇندىن كېيىن مەھەللە ساقچىسى، كوچا كادىرى كەينىمگە كىرىپلاۋالدى. دادام بوتكا ئېچىپ بەردى، ھۈنەرگە بەردى، ھەتتا باشقا شەھەرگە تىجارەتكە يولغا سالدى. ئەمما نېمە ئىش قىلسام بىر ساقچى كەينىمدە بارلا بار، نەگە بارسام تۇتۇپ سولاپ قويىدۇ. ئاخىرى خروئىن چېكىشكە ئۆگىنىپ قالدىم. چېكىپ ياتسام جان توشمايدىكەن، شۇڭا مەھەللىدىكى تۇڭگانلاردىن پارچە ئاق ئېلىپ مەھەللىدە ساتتىم، ئۇلار بىلەن ئىچكىرىگە كىرىپ ئاق يۆتكىدىم. قاچان مەن مەھەللىدە خروئىنكەش بولۇپ تونۇلدۇم، ساقچىنىڭ ئىزدىشى شۇ زامان ئازلىدى. كېيىن يىل، ئاي ئۆتۈپ كەتسىمۇ ساقچىلار پەقەت ئىزدىمەيدىغان بولدى. مانا ئەمدى قۇلاق تىنچ، ئاتا-ئانام تۇتۇپ قاماپ قويۇڭلار دېسىمۇ ساقچىنىڭ كارى يوق.

ئابدۇراخمان خوش ياقا-خوش ياقماس ھېكايىسىنى ئېيتىپ تۈگەتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.