«ئۇيغۇر دىپلومات» ناملىق ماقالە ۋە چەكلەنگەن ئەسەرلەر
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.09.01
2012.09.01
مەلۇمكى، چىڭگىزخان باشچىلىقىدىكى يۈەن سۇلالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئاساسلىق تەشكىلىي ئاپپاراتلىرىدا ناھايىتى مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەنلىكى مەلۇم. مەسىلەن: خانبالىقنىڭ قۇرۇلۇشىنى پىلانلىغان ئەختەرىدىن، موڭغۇل مائارىپىغا زور تۆھپە قوشقان ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقى ئاساسىدا موڭغۇل يېزىقىنى كەشىپ قىلغان تاتاتۇڭا قاتارلىقلار.
ئەمما، ھازىرغىچە نەزىرىمىزدىن ساقىت بولۇپ كېلىۋاتقان يەنە بىر مۇھىم شەخس بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ قۇبىلايخاننىڭ ئالاھىدە رۇخسىتى بىلەن ئوتتۇرا شەرققە، ئۇ يەردىن غەرب ئەللىرىگىچە ۋەكىل بولۇپ يېتىپ بارغان تۇنجى دىپلومات راببىن سامۇئا. تۆۋەندىكى ماقالىدا راببىن سامۇئانىڭ كىم ئىكەنلىكى ۋە ئىش - ئىزلىرى تونۇشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇ ماقالىنى ياش قەلەمكەشلىرىمىزدىن يۈكسەل قەلەمگە ئالغان.