ئۇيغۇر مائارىپىغا نەزەر
2012.09.29
قېنى ئويلىنىپ كۆرەيلى! ئوقۇغۇچىلارغا قاچىلىنىۋاتقان بۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ دەپ بەرگىنى بويىچە يادلاپ ئۆگىنىشى كېرەكمۇ ياكى ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆز تەپەككۇرىغا تايىنىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ تەھلىل قىلىپ، ئۆزلىرى ئويلىغاننىمۇ دەپ بېقىشى كېرەكمۇ؟ ئويلىغان ئېيتقانلىرىنى ئاۋۋال ئۆزلىرى تىلىدا ئويلىشى ئېيتىشى كېرەكمۇ ياكى باشقا تىللاردىمۇ؟ يېڭىلا مەكتەپكە كىرگەن بالىلارغا يازىدىغان تاپشۇرۇق بېرىپلا ئۇلارنىڭ تەپەككۇرىنى بوغۇپ قويۇش ھەمدە ئۇلارغا نىسبەتەن تاپشۇرۇق بېسىمى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنى مەكتەپكە بارغۇسى كەلمەيدىغان مەكتەپكە ئۆچ قىلىپ، ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ شوخ، بەڭۋاش، خىيالى ۋە تەسەۋۋۇر دۇنياسىنى مەھرۇم قىلىپ، ئاستا ـ ئاستا ئوقۇتقۇچىلار خالىغانچە بىر تەرەپ قىلىشقا بولىدىغان «ياغاچ قورچاق» قا ئايلاندۇرۇپ قويۇش كېرەكمۇ؟ ياكى ئۇلارنىڭ مېڭىسى ۋە قولىنى ئازاد قىلىپ، ئۇلارنىڭ تەپەككۇر ۋە تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش، ئۇلاردىكى بېسىمنى قىزىقىش ۋە خۇشاللىققا ئايلاندۇرۇش، ئۇلارنى مەكتەپنى ياخشى كۆرىدىغان مەكتەپنى ئەڭ كۆڭۈللۈك جاي دەپ چۈشىنىدىغان ھېسسىيات شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭمۇ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھۆرمەت قىلىش كېرەكمۇ؟ مانا بۇلار مائارىپىمىز ئويلىنىپ كۆرۈشكە تېگىشلىك مەسىلە.
مائارىپىمىزنى زامانىۋىلىشىشقا، كەلگۈسىگە ۋە دۇنياغا ھېقىقى يۈزلەندۈرۈشىمىز كېرەك ئىدى. ئەمەلىيەتتىچۇ؟ بىز مائارىپنى زادى نېمىگە يۈزلەندۈرىۋاتىمىز؟ بىزنىڭ مائارىپىمىز ئېنىقكى بايا ئېيتقان بىز ئويلىنىپ بېقىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنقىسىغا ئوخشاپ قالدى، ئەمەلىيەتتە، توغرا يۆلىنىشلىك تەرەققىيات يولىنى ئىزدەيدىغانلارنىڭ مائارىپى كېيىنكى مائارىپ ئۇسۇلى بولۇشى كېرەك. تۆۋەندە بىز كېيىنكى مائارىپ ئۇسۇلىنىڭ توغرىلىقى توغرىلىق توختىلىمىز.
ئەنگلىيىلىك مۇتەپەككۇر، داڭلىق پېداگوگ، ماتېماتىكا ئالىمى بېرتىراند روسسېل: «ئەگەر بىز بالىلارنى ئويلىساق، مائارىپتا بالىلارنى ئۇ ياكى بۇ پارتىيە گۇرۇھقا كىرگۈزۈشنى مەقسەت قىلماي، بەلكى ئۇلارنى ئىككى گۇرۇھ ئارىسىدا ئاقىلانە تاللاتقۇزۇشىمىز كېرەك، ئوقۇتقۇچىلار ئويلىغاننى ئويلاتقۇزماي، بەلكى ئۆزىنى مۇستەقىل ئولاتقۇزىشىمىز لازىم. ئەگەر بىز بالىلارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى ھۆرمەت قىلساق، بالىلارنى مۇستەقىل قاراش شەكىللەندۈرۈشكە زۆرۈر بولغان بىلىم ۋە ئىدىيە ئادىتى بار قىلىپ تەربىيىلىشىمىز لازىم. بىراق مائارىپ بىر خىل سىياسىي تۈزۈم بولۇپ قالغاندا، مائارىپ ئادەت شەكىللەندۈرۈش ۋە چەكلىمىلىك بىلىمگە ئامال ئىزدەيدۇ.» دېگەندە ھۆكۈمران گۇرۇھلارنىڭ مائارىپنى مەدەنىيەت مۇستەبىتلىكى يۈرگۈزۈشتىكى شەكىلسىز چاكارغا ئايلاندۇرۇۋالماسلىقى كېرەكلىكىنى نەزەردە تۇتقان بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا ئېينىشتېيننىڭ ئامېرىكا ئالىي مائارىپىنىڭ 300 يىللىقىنى تەبرىكلەش مۇراسىمىدا سۆزلىگەن نۇتقىدىمۇ مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان ۋە ئىش قىلالايدىغان كىشىلەرنى يېتىلدۈرۈشنىڭ مۇھىملىقىنى ناھايىتى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان.
قايسى بىر شەخس ئېيتقاندەك «مىللەتنىڭ تىلى مىللەتنىڭ مۇكەممەل بولغان جانلىق ئىجادىيىتى» ھەممىمىزگە ئېنىقكى ھەرقانداق بىر مىللەت ئالدى بىلەن ئۆز ئانا تىلىدا ئويلىنىدۇ ۋە تەپەككۇر قىلىدۇ. ئانا تىلىغا پىششىق بولماي تۇرۇپ، باشقا تىلنى ئۆگىنىش ھەقىقەتنىمۇ تەسكە توختايدۇ. تىلدا بىر خەلقنىڭ بارلىقى ـ ئۇنىڭ پۈتكۈل ۋەتىنى گەۋدىلىنىدۇ. تىل مىللەتنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشنىڭ ئومۇمىي تارىخىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مىللەتنىڭ تىلى ئۇنىڭ ئۆتمۈشى بىلەن بۈگۈنكى كۈننى باغلاپ تۇرىدۇ. تەربىيە نۇقتىسىدىن ئالغاندا مائارىپشۇناسلىرىمىز ئېيتقاندەك ئۆز تىلىنىڭ پۇقراۋى مائارىپتىكى مۇھىم ئۆزىنى ئالدى بىلەن ئەنئەنە بىلەن زامانىۋىلىقنى ئۇلاش ۋاسىتىسى ئىكەنلىكىدە ئىپادىلىنىدۇ. مائارىپ مەدەنىيەتنى يەتكۈزىدۇ. ئالماشتۇرىدۇ ۋە ئۈزلۈكسىز يېڭى مەدەنىيەت يارىتىدۇ. شۇڭا، مائارىپ بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ھەرىكەتچان مۇناسىۋەت بار. ھەر قانداق مىللەت ئۆزىنىڭ تەسۋىرى سەنئەت ئەسەرلىرى ۋە ناخشا مۇزىكا، ماقال ـ تەمسىل، ئىدىئوم، رىۋايەت، تىياتىر، ھېكايە، رومانلارغىچە بارلىق يېزىق شەكلىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۆزىنىڭ ئېتىقادى، ئىشەنچى، ئارزۇ ـ ئارمانلىرىنى جەملەپ چىقىدۇ. مىللەت ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى ساپاسىنى ئەسەرلەردىكى غايىۋىلەشتۈرۈلگەن ئادەم ـ پېرسوناژلاردا ئەكس ئەتتۈرىدۇ. مىللەتنىڭ ئۆز قەلىمىدىن چىققان بۇنداق ئەسەرلەردىن مىللەتنىڭ ئادەم، ئەخلاق، جەمئىيەت ھەققىدىكى غايىۋى تەلپۈنۈشلىرىنى بىلگىلى بولىدۇ. يەنە بىر نۇقتىدىن ئالغاندا، مىللەتنىڭ پەلسەپىسى مىللەتنىڭ دىلىدا ئانا تىلىدا ساقلىنىدۇ. تىلنىڭ يوقلىشى پەلسەپىنىڭمۇ يوقىلىشنى تېزلىتىدۇ. بىلىش تەس ئەمەسكى، پۇقراۋى مائارىپتا ئانا تىلنىڭ ئورنى ئىنكار قىلىنسا، مىللەت ئەنئەنىسىنىڭ ئۈزۈلۈشكە زېمىن ھازىرلانغان بولىدۇ. بۇ ماھىيەتتە بىر پۈتۈن مىللىي گەۋدىدە قەلبىنىڭ يەڭگۈشلىنىشىدۇر.
ھازىر مەكتەپلىرىمىزگە قارايدىغان بولساق ئاساسەن ئەدەبىياتتىن باشقا دەرسلىكلەرنىڭ ھەممىسى باشلانغۇچنىڭ 1 ـ يىللىقىدىن باشلاپ، خەنزۇچە قىلىپ تۈزۈلدى. تۇرمۇشتىكى گەپ سۆزلەرنى ئانا تىلىدا دېيىشنى ئەمدىلا ئۆگەنگەن 6 ياشلىق بالا مەكتەپ ھاياتىغا قەدەم بېسىپلا ئۆزىگە ناتونۇش بولغان باشقا بىر تىلدىكى خەتلەرنى ئوقۇش ۋە يېزىشنى ئۆگىتىشكە ئاران ئۈلگۈرۈۋاتقان قوشۇلغان خەنزۇ تىلى بويىچە دەرس ئۆگىتىش تېخىمۇ بېسىم بولدى. باشلانغۇچنى پۈتتۈرگۈچە ئاز ـ تولا خەنزۇ تىلى ئۆگەنسىمۇ، ئۇيغۇرچە خەتنى راۋان ئوقۇيالمايۋاتقان ۋە ئۇيغۇر تىلى بىلەن خەنزۇچىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئەبجەش سۆزلەيدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاز ئەمەس. ھازىرقى مائارىپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى دەرسلىرىنىڭ ئۇلارغا نىسبەتەن ئەڭ قىيىن دەرس ئىكەنلىكى بايقىۋېلىش تەس ئەمەس. دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ دېيىشىچە جۇڭگو مائارىپىدا 1 ـ يىللىقلارغا ئۆتۈلىدىغان دەرسلەر تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ 3 ـ،4 ـ يىللىقىدا ئوقۇلىدىغان دەرسلەرگە باراۋەر كېلىدىغان ھەمدە تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە باشلانغۇچتا ئاساسەن بالىلارغا تاپشۇرۇق بەرمەي، بالىلارنىڭ تەپەككۇرى ۋە زېھنىنى ئاشۇرىدىغان پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىكەن، لېكىن ئۇيغۇر مائارىپى) جۇڭگو مائارىپى( ھە دېسە بالىلارغا تاپشۇرۇق بېرىپ ئۇلارنى مەكتەپتىن زېرىكتۈرۈپ قويۇۋاتىدۇ. بۇلارغا مېنىڭ ئۇكام مىسال بولالايدۇ. ھەر كۈنى مەكتەپتىن ئېلىپبەدىن 3 ۋاراق، خەنزۇ تىلىدىن 2 ۋاراق، ماتېماتىكىدىن 2 ۋاراق تاپشۇرۇق بېرىدىكەن، ئۇكام تاپشۇرۇق ئىشلەيمەن دەپ يا ئوينىيالماي يا ئۇيقۇسى قانماي مەكتەپكە كېتىدۇ. ئۇكاملا ئەمەس باشقا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ، ئايىغى ئۈزۈلمەي كېلىۋاتقان بىلىم ۋە ئۇچۇرلارنى، بىر ـ بىرىدىن سىرلىق ئۇقۇملارنى دەرسخانىدىن ئىبارەت ئاشۇ «يېپىق دۇنيا» دا جىمجىت ۋە ئىنكاسسىز ھالەتتە، پاسسىپ قوبۇل قىلغۇچى ئورۇندا تۇرۇپ، ئاشۇ كېچىككىنە نازۇك مېڭىسىگە توختىماي قاچىلاپ، قاچىلىغانلىرى توغرىلىق ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئويلاندۇرۇشى ۋە پىكىر يۈرگۈزتىشى يوق، بار بولغان تەقدىردىمۇ ئىنتايىن ئاز بولغان ئەھۋالدا بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئوخشاش بىر خىل تەپەككۇر، ئوخشاش بىر خىل ھېسسىيات، ئوخشاش بىر خىل ئىدىيە، ئوخشاش بىر خىل كۆز قاراش بىلەن تەربىيىلەش، ئاخىردا نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى بىر ئوقۇغۇچى قىلىپ چىقىش مانا بۇ بىزنىڭ مائارىپىمىزدا كۆرۈلۈۋاتقان ۋە كۆرۈلمەكچى بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.
تىلغا ئىلىپ ئۆتۈش كېرەككى مەخسۇس مائارىپ تەتقىقاتچىسى شائىر تەلئەت قادىر ئەپەندى «بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ» دېگەن كىتابىدا «بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاسلىقى ۋە مۇستەقىللىقى ئۆزىگە قايتۇرۇپ بېرىدىغان ۋە ئۇنى يېتىشتۈرۈشكە زېمىن ھازىرلايدىغان مائارىپتۇر. بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل مۇستەقىل پىكىر قىلالايدىغان ۋە ئىپادىلىيەلەيدىغان، ئىجاد قىلالايدىغان، يېڭىلىق يارىتالايدىغان قول سېلىپ ئىشلىيەلەيدىغان ئوقۇغۇچىلارنى يېتىشتۈرىدىغان مائارىپتۇر. بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل بەس ـ مۇنازىرىگە تولغان، ئېچىۋېتىلگەن ئەركىن دېموكراتىك دەرسخانا مائارىپىنى تەكىتلەيدىغان مائارىپتۇر. بىز ئىزدەۋاتقان مائارىپ دەل ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر پىلتىسىگە ئوت تۇتاشتۇرالايدىغان مائارىپتۇر» دەپ ئېيتىپ مائارىپىمىزغا سالماقلىق بىلەن قاراپ چىقىشىمىزنى كۈچلۈك دەۋەت قىلدى ۋە بىزگە بۇ توغرىلىق نۇرغۇن ئىلمىي ئۇچۇرلارنى بەردى.
ئامېرىكىنىڭ ئامىلچىلىق پېداگوگلىرى: «ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى ئىچىدە ئۆزگەرمەيدىغان ئورتاق ئامىللار بار. بۇ مەدەنىيەت ئامىللىرىنى ئوقۇغۇچىلارغا يەتكۈزۈپ بېرىش باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى» دېگەن قاراشنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن بىر ئەۋلادلاردىكى كۈنسايىن كۈچىيىۋاتقان ياتلىشىش ـ ئېتىقاد، ئىنتىلىش، ئادەت دۇنيا قاراش جەھەتلەردىن، ئاتا ـ ئانىلاردىن تېز سۈرئەتتە يىراقلىشىش، ئەخلاق جەھەتتىن بۇزۇلۇش ھالەتلىرىنىڭ ئاساسلىقى مائارىپىمىزنىڭ كاتالىزاتورلۇقى ۋە بىخۇدلۇقىدا يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىشىمىز كېرەك.
ئاخىردا يەنە شۇنى تەكىتلەپ ئۆتۈش كېرەككى، تىل خەلقىنىڭ ئۆتمۈشى، ھازىر ھەم كېلەچەكتىكى ئەۋلادلىرىنى مۇستەھكەم پۈتۈنلۈككە، تارىخىيلىق ۋە جانلىقلىقى جەھەتتە جىپسىلىققا ئىگە قىلغۇچى ئەڭ ھاياتىي كۈچكە ئىگە، ئەڭ باي، ئەڭ مۇستەھكەم ۋاسىتىدۇر. شۇڭا شۇ مىللەتنىڭ تىلىدىكى ئوقۇتۇشنى مۇھىم مەركىزىي ئورۇنغا قويۇش كېرەك، ئۇيغۇر مائارىپىمۇ ھەم شۇنداق.
ئەلۋەتتە بۇ يەردە تىل ئۆگەنمەسلىك دېگەن گەپ چىقمايدۇ. ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئېيتقىنىدەك ئانا تىل ئادەمنىڭ ئۆز كۆزىگە ئوخشايدۇ، قالغان تىللار كۆزەينەك، دۇربۇن، تېلېسكوپ، مىكروسكوپ دېگەنلەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار ھەرقانچە ئىلغار بولسىمۇ كۆزۈڭ يەنىلا ساق بولۇشى كېرەك.
بىر زىيالىي بىر دانىشمەنگە مۇنداق دەپتۇ:
ـ پەننىڭ قۇدرىتىگە بىر نېمە دېمەك تەس، كۆزەينىكىم بولمىسا نەرسىلەرنى تۈزۈك كۆرەلمەيمەن. كۆزەينىكىمنى تاقىۋالسام، قارا كىگىزدە ئۆمىلەپ كېتىۋاتقان قارا چۈمۈلىنىمۇ كۆرەلەيمەن.
ـ ئوبدان دېدىلە ئەپەندى ئاشۇ قارا چۈمۈلىنى سىلىنىڭ كۆزەينەكلىرى كۆرەمدۇ ياكى كۆزلىرىمۇ؟ ئىشەنمىسىلە كۆزەينەكلىرىنى كاسسىلىرىغا توغرىلاپ باقسىلا، ـ دەپتۇ دانىشمەن.
ئانا تىل غۇرۇر، مۇھەببەت، ۋىجدان ۋە ئەقىدىنىڭ تىلى، ئۇ يىلىك، مەرىپەت، ھەقىقەت، قۇدرەت ئۇنىڭدىن باشلىنىدۇ. باشقا تىللار گۇۋاھنامە، شاھادەتنامە، كاپالەتنامە، ھوقۇقنامە تىللىرىمۇ.
يۇقىرىدا مەن ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر مائارىپى توغرىسىدىكى كۆز ـ قاراشلىرىمنى ۋە بەزى مائارىپشۇناسلىرىمىزنىڭ مائارىپ ھەققىدىكى كۆز ـ قاراشلىرىمنى ئېيتىپ ئۆتتۈم، بىز ئاساسىي مائارىپىمىزدىكى تۈزەتمىسەك بولمايدىغان مەسىلىلەرنى كۆزىتىشكە نىسبەتەن تۈرلۈك قانۇن ۋە سىياسەتتىن ئاساسى بارلىقىغا ئىشىنىش بىلەن بىرگە، مۇھىمى ھەر بىرىمىز يۈكسەك مىللىي مەسئۇلىيەت نۇقتىسىدىن ئىجادىي كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.
ئېسىمىزدە بولسۇنكى 21 ـ ئەسىر بىر ئۈچۈن كىملىك قۇرۇلۇشى دەۋرى، شۇنداقلا كىملىكىمىزنى دۇنياغا يۈزلەندۈرۈش دەۋرى، يانچۇقۇڭدىكى كىملىك بىلەن يۈرىكىڭدىكى كىملىك بىردەك بولغاندا دۇنيا ساڭا قۇچاق ئاچىدۇ.