«يورۇق ساھىللار سەھىپىسى» ۋە «كەچمىش ۋە ئەسلىمە»

0:00 / 0:00

«يورۇق ساھىللار سەھىپىسى» ئارقىلىق دىدارلىشىپ تۇرۇۋاتقان قەدىرلىك دوستلار، ياخشىمۇ سىلەر؟ ھەممىڭلارنىڭ ھەپتە ئاخىرىنى كۆڭۈللۈك ۋە بەرىكەتلىك ئۆتكۈزۈشىگە تىلەكداشلىقىمىزنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، «يورۇق ساھىللار سەھىپىسى» گە تەشرىپ قىلغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز. بۇ ھەپتىلىك سەھىپىمىزدە ياش ئەدىبلىرىمىزدىن ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ «ۋەتەن ۋە ئىمان» ناملىق شېئىرى «كەچمىش ۋە ئەسلىمە» سەھىپىمىز ئۈچۈن مەخسۇس تەييارلانغان سۆھبەت خاتىرىسى، «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ھەل قىلىنىشىدا تۈركىيە ۋە ئىسلام دۇنياسى» ناملىق ماقالىنىڭ داۋامى ۋە سۆيۈنگۈل جانىشىف خانىمنىڭ «كۆز يېشىدا نەملەنگەن زېمىن» ناملىق ئەسلىمىسىنىڭ داۋامىنى ئاڭلايسىلەر.