20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تۈركىيەدە ئوقۇپ كەلگەن بىرقانچە نەپەر ئوت يۈرەك ياش مۇسابايلار جەمەتىنىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىشى بىلەن قەشقەرگە ئانچە يىراق بولمىغان ئاتۇشتا يېڭىچە پەننىي مائارىپنىڭ مەشئىلىنى ياندۇرغان ئىدى.
كېيىنچە تۈركىيەدىن كەلگەن ئەھمەد كامال ئىلكۇلنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن يېڭىچە مىللىي مائارىپ يەنىمۇ كېڭىيىدۇ. ئەنە ئاشۇ مەزگىللەردە، يەنى ئۇيغۇر خەلقى يېڭىچە مائارىپقا، ئىلىم-مەرىپەتكە ۋە مىللىي ئويغىنىشقا تەشنا بولۇۋاتقان بىر زاماندا ئاتۇشتىكى مۇخلىس ئاخۇن ئائىلىسىدە بىر بوۋاق دۇنياغا كېلىدۇ. بۇ 1920-يىلىنىڭ قۇياش پارلاپ تۇرغان بىر كۈنى ئىدى.
يۈسۈپبەگ مۇخلىسى دەسلەپكى تەلىم-تەربىيەنى ئاتۇشتىكى دىنىي مەكتەپتە، كېيىنچە يېڭىدىن قۇرۇلغان ئۇسۇلى-جەدىد مەكتەپلىرىدە ئالىدۇ. ئۇنىڭ چوڭ ئاكىسى ئۆز دەۋرىدە قەشقەردىكى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن ۋە دىپلوم ئالغان زامانىسىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دىنىي زىيالىيلىرىدىن ئىدى.
يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ چوڭ ئاكىسى ئەينى ۋاقىتتا دىنىي خىزمەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن چۆچەكنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىدە ئىمامەتچىلىك قىلىدۇ. يۈسۈپبەگ مۇخلىسى 9 ياشقا كىرگەندە ئاكىسىنىڭ چاقىرتىشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئائىلىسى 1929-يىلى ئاتۇشتىن ئايرىلىپ چۆچەكنىڭ دۆربىلجىن ناھىيەسىگە كۆچىدۇ ۋە يەرلىشىدۇ. ئەينى يىللىرى چۆچەك ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىدىكى يېڭىچە مائارىپ بىرقەدەر گۈللەنگەن رايون بولۇپ، ياش يۈسۈپبەگ دۆربىلجىندىكى يېڭىچە مەكتەپكە كىرىپ، تاتار ئوقۇتقۇچىلاردىن تەلىم ئالىدۇ.
يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ئۆسمۈرلۈك يىللىرى 1931-يىلى قۇمۇلدىن باشلانغان مىللىي ئىنقىلابنىڭ دولقۇنلىرىغا توغرا كېلىدۇ. ئۇ بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي رايونلىرىغا كېڭەيگەن مىللىي ئىنقىلابنىڭ بىر قىسىم جەريانلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ. شۇنداقلا مىللىي ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسىدە ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى ۋە بۇ ھۆكۈمەت يولغا قويغان بىر مەزگىللىك ئاقارتىش دولقۇنىغا شاھىت بولىدۇ.
يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئۆزىنىڭ ئۆسمۈرلۈك يىللىرىغا توغرا كەلگەن 1930-يىللاردىكى مىللىي ئىنقىلابنىڭ قانلىق سەھىپىلىرى بىلەن پاجىئەلىك ئاقىۋەتلىرىگە ستالىن ۋە سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي سۇيىقەستلىرىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى، «ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا ياردەم قىلىمىز» دەپ جار سالغان بولشېۋىكلەرنىڭ ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىغا ئەمەس، بەلكى مىلىتارىست شېڭ شىسەيگە ياردەم قىلغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
1935-يىلى ئەمدىلا 15 ياشقا كىرگەن يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئىلىمگە بولغان ئوتتەك ئىشتىياقى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك گىمنازىيەگە ئوقۇشقا كىرىدۇ. ئۇ شۇ مەزگىللەردە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جاي-جايلىرىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ يۇقىرى دەرىجىدە تەلىم-تەربىيە كۆرگەن ساناقلىق ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بىرى ئىدى. بۇ يىللاردا يەنە شېڭ شىسەي ھۆكۈمىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تاشكەنتتىكى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت ئۇنىۋېرسىتېتىغا تۇنجى تۈركۈمدە ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىنى ئوقۇشقا ئەۋەتكەن ئىدى.
1930-يىللارنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدىن 1940-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە بولغان جەرياندا ياش يۈسۈپبەگ مۇخلىسى دەسلەپ ئۈرۈمچىدىكى ئۆلكىلىك گىمنازىيەدە، كېيىنچە بۇ يەردىن تاللانغان بىر سىنىپ ئوقۇغۇچى بىلەن سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىدا ئوقۇيدۇ. ئۇ بۇ يىللاردا ئۆزىنىڭ لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇرەھىم تىلەشوپ ئۆتكۈر ۋە ئابدۇكېرىم ئابباسوف قاتارلىق ئوت يۈرەك ياشلار بىلەن بىرلىكتە ئوقۇغانلىقىنى ۋە كەلگۈسىگە نىسبەتەن ئاجايىپ تەسەۋۋۇرلاردا بولغانلىقىنى ئەسلەيدۇ…
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00