مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى 1930-يىللاردىن تاكى 1940-يىللارنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغىچە بولغان بىر جەرياننى ئۆز ھاياتىدىكى ئۇنتۇلماس بىر دەۋر دەپ ھېسابلايدۇ. ئۇ يەنە بۇ يىللارنى 1944-يىلى ئىلىدا پارتلىغان ئىككىنچى قېتىملىق مىللىي قۇتۇلۇش ئىنقىلابى ئۈچۈن زېمىن ھازىرلىغان، مىڭلىغان ياشلارنىڭ قەلبىدە ھۆر ۋە مۇستەقىل بىر ۋەتەننىڭ تەسەۋۋۇرىنى ئويغاتقان يىللار دەپ قارايدۇ.
بۇ يىللاردا زامانىۋى مائارىپ تەربىيەسى كۆرگەن بىر ئەۋلاد ئۇيغۇر ياشلىرى دۇنيا خەلقىنىڭ فاشىزمغا قارشى كۈرىشى ۋە ئۇنىڭ غەلىبىسىنى كۆرىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن نەچچە ئونلىغان مىللىي دۆلەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تۇغۇلۇش جەريانىغا شاھىت بولىدۇ. ئۇلار شۇ يىللاردا يەنە مىلىتارىست شېڭ شىسەينىڭ خۇددى «خامېلېئون» دەك رەڭ ئۆزگەرتىپ، ئۈستىگە ئۇستىلىق بىلەن كىيىۋالغان كوممۇنىزم يېپىنچىسىنى يىرتىپ تاشلىغانلىقىنى، ستالىن ۋە سوۋېتلار ئىتتىپاقىدىن يۈز ئۆرۈپ گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. 1944-يىلى 12-نويابىردا غۇلجىدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى جاكارلانغاندا ئىنقىلابقا ئاكتىپ ئىشتىراك قىلغان يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئۆزىنىڭ 24 ياشلىق بىر نەۋقىران يىگىت ئىكەنلىكىنى ئەسلەپ ئۆتىدۇ.
1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا شاھىت بولغان يۈسۈپبەگ مۇخلىسى بۇ قىسقىغىچە 5 يىلنىڭ 20-ئەسىر ئۇيغۇر مىللىي ئىنقىلاب تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس بىر سەھىپە بولۇپ قالغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا 30 مىڭ كىشىلىك مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيەنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ھېچ بىرىدە مەۋجۇت بولۇپ باقمىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.
مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئۆز ھاياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بۇ دەۋرنى ئەسلىگىنىدە قەلبى قاتتىق قىرىلىدۇ. ئۇ شۇنچە قانلار ۋە شۇنچە قۇربانلار بەدىلىگە قۇرۇلغان ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ستالىن تەرىپىدىن ھېچقانداق شەرتسىز ھالدا خىتاي كوممۇنىستلىرىغا ئىككى قوللاپ ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەنلىكىنى چەكسىز ئەپسۇسلۇق ئىلىكىدە تىلغا ئالىدۇ.
يۈسۈپبەگ مۇخلىسى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى يىقىلىپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەركىبىگە قوشۇۋېلىنغاندىن كېيىن، مىللىي ئىنقىلابنىڭ نەتىجىسىز بىر رەۋىشتە ئاخىرلاشقانلىقىنى، مىللىي ئارمىيەنىڭ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، قىسقىغىنە بىر دەۋر مىللىي ھۆرىيەتنىڭ تەمىنى تېتىغان مىڭلىغان ياشلارنىڭ ئۈمىدسىزلىككە چۆككەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئۇ، بۇ يىللاردا قەلبىنى تاتىلاۋاتقان تارىخىي رېئاللىق ئالدىدا بوشىشىپ ئولتۇرمايدۇ. 1950-يىلىدىن تاكى 1958-يىلىغىچە بولغان جەرياندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخ ساھەسىدە جاپالىق ئىزدىنىدۇ. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدا ناھىيەمۇ ناھىيە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئۇيغۇر تارىخ مەدەنىيىتىگە دائىر قىممەتلىك ئاسارئەتىقىلەر، قوليازمىلار ۋە قەدىمكى بۇيۇملارنى توپلايدۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېينىڭ قۇرۇلۇشىغا بىۋاسىتە قاتنىشىدۇ.
ھالبۇكى، 1958-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۆز چۈمپەردىسىنى قايرىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا «يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى ھەرىكەت» نى باشلايدۇ. بۇ ھەرىكەتنىڭ قۇربانلىرىدىن بىرىگە ئايلانغان يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئەينى يىللىرى ئىلى ئىنقىلابى جەريانىدا يېتىشىپ چىققان مىڭلىغان ئۇيغۇر سىياسىي سەرخىللىرى بىلەن زىيالىيلارنىڭ دەھشەتلىك تۈردە باستۇرۇلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
1959-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا «يەرلىك مىللەتچىلىك» قالپىقى بىلەن زەربە بېرىلگەن يۈسۈپبەگ مۇخلىسى تۇرپانغا سۈرگۈن قىلىنىدۇ ۋە بۇ يەردىكى ئەمگەك لاگېرىدا ئەمگەككە سېلىنىدۇ. 1960-يىللاردىن كېيىن ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن باغلىنىشى بولغان ئائىلىلەرگە نۇقتىلىق زەربە بېرىلىدۇ. يۈسۈپبەگ مۇخلىسى گەرچە سوۋېت پۇقراسى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئايالىنىڭ ئاتا-ئانىسى 1930-يىللارنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈپ كەلگەن كىشىلەر بولغاچقا ئۇنىڭغىمۇ «سوۋېت رىۋىزىيونىزمچىسى» دېگەن قالپاق كىيدۈرۈلىدۇ. ۋەتەندە تۇرۇش ئىمكانىيىتى قالمىغان يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئاخىرى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.
مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىشتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مەدەنىيەت ۋە تارىخ ساھەسىدە ئۆتكۈزگەن 10 يىلدىن ئارتۇق ھاياتىدىن كۆپلىگەن خاتىرىلەرنى ئەسلىمە قىلىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 1950-يىللاردا ئۇيغۇر دىيارنىڭ پۈتكۈل شەھەر-بازارلىرى بىلەن يېزا-قىشلاقلىرىنى ئايلىنىپ ئىلمىي تەكشۈرۈشتە بولغانلىقىدەك بۇ قىممەتلىك پۇرسەت ئۇنىڭ ھاياتىدا قايتا بولمايدۇ. ئۇ بۇ يىللاردا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مۇزېي بىلەن پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشىدا ھالقىلىق روللارنى ئوينايدۇ.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00