1960-يىللاردىن بۇيان سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي توقۇنۇشى ۋە سوغۇق ئۇرۇشلىرى ئىچىدە ۋەتىنى ئۈچۈن تىنىمسىز يول ئىزدىگەن يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ۋەتەنسىز ھېچ بىر ئىشنىڭ رېئاللاشمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر دەرىجىدە ھېس قىلىدۇ. شۇڭا ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا قالدۇرغان تىلەكلىرىدە «مېنىڭ ۋەتىنىمنىڭ ئازادلىقىدىن باشقا ھېچ بىر ئارمىنىم يوق،» دەيدۇ.
يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا سوۋېت ئىمپېرىيەسىنىڭ يىقىلىپ، كوممۇنىستىك سىستېمىنىڭ غۇلىغانلىقىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادا 5 دۆلەتنىڭ، شۇ جۈملىدىن مۇستەقىل قازاقىستاننىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى كۆرىدۇ. بۇ ھال ئۇنىڭغا مىسلىسىز جاسارەت ۋە ئۈمىد ئاتا قىلىدۇ. شۇ يىللىرى ئۇ زور ئىشەنچ بىلەن ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان مىللىي قۇرۇلتىيى» غا قاتنىشىدۇ. پۈتكۈل زېھنى ۋە ۋاقتىنى ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلىدىغان تەشۋىقات ۋە سىياسىي پائالىيەتلەرگە سەرپ قىلىدۇ. يۈسۈپبەگ مۇخلىسى ئائىلىسىنىڭ بۈگۈن ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان نەۋرە كېلىنى دىلدار راشىدىن خانىم 1992-يىلى ئۆزىنىڭ ئالمۇتادا تۇنجى قېتىم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنى كۆرگەن چاغدىكى ھېسسىياتىنى چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن بايان قىلىدۇ.
دىلدار خانىمنىڭ ئەسلىمە قىلىشىچە، شۇ يىللاردا يۈسۈپبەگ مۇخلىسى بىر تەرەپتىن «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق گېزىت چىقىرىپ تارقاتسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر دىيارىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەر ھەققىدە ئۇچۇر توپلاپ، باش شتابى لوندوندىكى «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى» بىلەن «ئامېرىكا ئاۋازى» قاتارلىق خەلقئارالىق تاراتقۇلارغا ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى يىپ ئۇچلىرىنى يەتكۈزۈپ تۇرىدۇ. دىلدار خانىم شۇ يىللاردا يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ئۆزىگىمۇ بىر ۋەزىپە تاپشۇرغانلىقىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.
دىلدار خانىم، مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ 1990-يىللاردىن تاكى ۋاپات بولغانغا قەدەر ئۆزىنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكى ۋە زېھنىنى ۋەتەن ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارغا سەرپ قىلغانلىقىنى، ئۆيىدە بىر يېزىق ئۈستىلى، بىر ئورۇندۇقى ۋە كارىۋىتىدىن باشقا ھېچنېمىسىنىڭ قالمىغانلىقىنى تىلغا ئالىدۇ.
ھالبۇكى، شۇ يىللاردا ئەتراپىدىكى شۇنچە كۆپ كىشىلەر يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى، ۋەتەن سەۋداسىنىڭ ئۇنى نېمە كويلارغا سېلىۋاتقانلىقىنى چۈشىنىپ يەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېچقاچان ئايرىم شەخسلەردىن ئاغرىنمايدۇ. بۇنى ھەرقانداق دەۋر ۋە ھەرقانداق بىر جەمئىيەتتە بولىدىغان نورمال ھادىسە دەپ ھېسابلايدۇ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تۇتقان يولىدىن قەتئىي قايتمايدۇ.
مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسى كېيىنكى ھاياتى داۋامىدا «ۋەتەنسىز نەغمە-ناۋا ماڭا ئەسلا راۋا ئەمەس،» دېگەن پرىنسىپ بويىچە ياشايدۇ. ھەرقانداق توي-تۆكۈن ۋە نەغمە-ناۋا سورۇنىغا قاتنىشىشنى رەت قىلىدۇ. دىلدار خانىم، يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ شۇ يىللاردا ھەتتا ئۆز ئوغلىنىڭ توي مۇراسىمىغىمۇ قاتنىشىشنى رەت قىلغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.
يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان جىيەن ئوغۇللىرىدىن مۇھسىن مۇخلىسوفمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، تاغىسى مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ھاياتىدا ھېچقاچان ئۆز پرىنسىپىدىن ۋە ماڭغان يولىدىن قايتقان كىشى ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قازاقىستاندىكى پېشقەدەم ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچى قەھرىمان غوجامبەردى ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ 1990-يىلىدىن بۇيان يۈسۈپبەگ مۇخلىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولۇپ كەلگەنلىكىنى، ئۇنىڭ «ۋەتەن ئازاد بولمىغۇچە توي-تۆكۈن ۋە نەغمە-ناۋا ماڭا راۋا ئەمەس» دېگەن پرىنسىپ بويىچە ياشاپ ئۆتكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ.
بۇنىڭدىن 20 يىل مۇقەددەم، يەنى 1998-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى ئۇ رادىيومىزغا قالدۇرغان ئاۋازلىق سۆزىدە ئۇ «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق ئۇيغۇرچە گېزىتنى 1979-يىلىدىن ئېتىبارەن ئىزچىل چىقىرىپ كەلگەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن ئىدى.
مەرھۇم يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ ھازىر ئالمۇتادا ياشاۋاتقان يەنە بىر جىيەنى ئابدۇلھادى ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان ئاۋازى» ناملىق بۇ ئۇيغۇرچە گېزىتنىڭ تاغىسىنىڭ ۋاپاتىدىن بىر يىل كېيىن ئاندىن نەشردىن توختىغانلىقىنى، تاغىسى يۈسۈپبەگ مۇخلىسىنىڭ بۇ گېزىتنى چىقىرىش ئۈچۈن ئەينى يىللىرى ھەتتا ئاچ قالغان چاغلىرىنىڭمۇ بولغانلىقىنى ئەسلىمە قىلىدۇ.
(داۋامى بار)
0:00 / 0:00