تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتچىسى ئابدۇرەھىم ھېيت ئەپەندى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى سەنئەتچىلەر ئۇچرىشىشى ۋە خەلق ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا كونسېرت بەردى. 2016-يىلى ماي، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim) تۈركىيە گىرەسۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلىرى تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتكار ئابدۇرەھىم ھېيت ئەپەندىنىڭ كونسېرتىنى قىزىقىپ كۆرمەكتە. 2016-يىلى ماي. (RFA/Erkin Tarim) ئابدۇرەھىم ھېيت ئەپەندى تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى سەنئەتچىلەر ئۇچرىشىشى ۋە خەلق ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلغان گىرەسۇن ئۇنىۋېرسىتېتى ماگىستىر ئوقۇغۇچىسى ئونۇر تارلاچى بىلەن. 2016-يىلى ماي، تۈركىيە. (RFA/Erkin Tarim) 5-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى سەنئەتچىلەر ئۇچرىشىشى ۋە خەلق ئەدەبىياتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئۈرۈمچى ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى گۈلنىسا جامال خانىم «ئۇيغۇر تىلى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى» تېمىسىدا دوكلات بەردى. 2016-يىلى ماي. (RFA/Erkin Tarim)