ئۇيغۇر ياش: «22 يىل ئىچىدە چىدىغۇسىز تراگېدىيەلەرگە شاھىت بولدۇم»

ئىشقىيار ئابدۇرەھىمنىڭ دادىسى، ئانىسى، ئاچا-سىڭىللىرى ۋە نەۋرىلەر تۇتۇلۇپ كېتىلگەندىن كىيىن بوش قالغان ئۆيى. (بۇندىن 20 كۈن بۇرۇن تارتىپ ئەۋەتىلگەن). (RFA/Ekrem Tarim)
سۈرەتتە ئوڭ تەرەپتىن ئىشقىيار ئابدۇرەھىمنىڭ ئانىسى ھۆرىگۈل تۇرسۇننىڭ ئىنىلىرى خالمۇرات تۇرسۇن، خالمەمەت تۇرسۇن، ۋە ئاكىسى ئابلەت تۇرسۇننىڭ بالىسى شۆھرەت ئابلەت. 2002 ۋە 2008-يىللىرى 2 يىل قاماق جازاسى يېگەن. 2018-يىلى 5-ئايدا لاگېرغا تاشلانغان. (RFA/Ekrem Tarim)
ئىشقىيار ئابدۇرەھىمنىڭ ئانىسىنىڭ ئىنىسى ئابلىكىم تۇرسۇن. 2008-يىلى دىنىي سۆھبەتكە قاتناشقان سەۋەبلىك تۇتۇلۇپ 3 يىل كېسىلگەن. 2011-يىلى يېرىم جان بېلىنىڭ تۆۋىنى تۇتمايدىغان ھالەتتە قويۇپ بېرىلگەن. تەن جازاسى تۈپەيلى ئېسىنى يوقىتىپ، ئۆز ئۆزىگە سۆزلەيدىغان بولۇپ قالغان. 2017-يىلى تەكرار تۇتۇلۇپ جازا لاگېرىغا تاشلانغان. (RFA/Ekrem Tarim)
ئىشقىيار ئابدۇرەھىمنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى سەيدەخمەتنىڭ ئۇنۇڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرى. (RFA/Ekrem Tarim)
ئىشقىيار ئابدۇرەھىمنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى سەيدەخمەتنىڭ ئۇنۇڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدە ئەۋەتكەن ئۇچۇرلىرى. (RFA/Ekrem Tarim)
ئىشقىيار ئابدۇرەھىمنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى سەيدەخمەت، ئاكىسىغا ئۇچۇر ئەۋەتىپ تۇغقانلىرىنىڭ لاگېرغا تاشلانغانلىقىنى يەتكۈزگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇپ كېتىلگەن. (RFA/Ekrem Tarim)
ئىشقىيار ئابدۇرەھىمنىڭ قېيىن ئاپىسى تۇرسۇنبۈ ھۈسەيىن بۇ يىل 50 ياشتا بولۇپ، 2015-يىلى نەۋرىسىنى كۆرۈش ئۈچۈن ئىستانبۇلغا كېلىپ 20 كۈن تۇرۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن جازا لاگېرىغا تاشلانغان. (RFA/Ekrem Tarim)
ئىشقىيار ئابدۇرەھىمنىڭ قېيىن ئاتىسى ئالىمجان ئابدۇراخمان، قىزى تۈركىيەدە بولغاچقا جازا لاگېرىغا تاشلانغان. (RFA/Ekrem Tarim)
ئىشقىيار ئابدۇرەھىمنىڭ ئايالىنىڭ ھەدىسى پاتىمە ئالىمجان، سىڭلىسى بىلەن تېلېفوندا سۆزلەشكەنلىكى ئۈچۈن جازا لاگېرىغا تاشلانغان. (RFA/Ekrem Tarim)
ئىشقىيار ئابدۇرەھىمنىڭ ئانىسىنىڭ چوڭ ئاكىسى ئابلەت تۇرسۇن ۋە ئايالى تاجىگۈل تۇدىقارى، 2014-يىلى ھەجىگە بېرىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن 2018-يىلى جازا لاگېرىغا تاشلانغان. (RFA/Ekrem Tarim)