ئېلشات ھەسەن: «خىتاينىڭ ئېتىبار بېرىش سىياسىتى ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆڭلىنى تىندۇرماقچى»
2011.08.17
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن «خەلق» تورىنىڭ 14-ئاۋغۇست خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا خىتاي دۆلەتلىك مالىيە مىنىستىرلىقى، تاموژنا ئىدارىسى ۋە باج ئىدارىسى بىرلەشمە ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، غەربنى ئېچىش قۇرۇلۇشىغا قاتناشقان شىركەتلەرگە قارىتىلغان باج ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ يەنە 2020-يىلى 31-دېكابىرغىچە ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.
خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، 16-ئاۋغۇست كورلىدا ئېچىلغان «كۆچمە نوپۇسلارغا مۇلازىمەت قىلىش يىغىنى» دا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىرىلىرى يېڭى قارار ماقۇللاپ، رايوندىكى كۆچمە نوپۇسلارنىڭمۇ يەرلىك نوپۇستىكىلەر بەھرىمەن بولۇۋاتقان ئىجتىمائىي پاراۋانلىق سىياسىتىدىن ئوخشاش دەرىجىدە بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «ھالقىما تەرەققىيات قۇرۇلۇشى» نىڭ ئېھتىياجى سەۋەبىدىن رايونغا بۇندىن كېيىن كېلىدىغان كۆچمە نوپۇسلارنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن ۋە «كۆچمە نوپۇستىكىلەرنىڭ رايوندىكى مەنپەئىتى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنىپ، ئۇلارغا شىنجاڭدا خاتىرجەم ياشاش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىش، كۆچمە نوپۇستىكىلەرنىڭ يەرلىك نوپۇستىكىلەر ئېرىشكەن بارلىق ئىجتىمائىي پاراۋانلىقلاردىن ئوخشاش بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» تەلەپ قىلىنغان.
چەتئەللەردىكى سىياسىي ئانالىزچىلاردىن ئېلشات ھەسەن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان بارلىق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانغا يەرلىشىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ كەلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ئېلشات ئەپەندى رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى يولغا قويغان باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ رايوندىكى بايلىقلارنى ئېچىش ۋە پايدىلىنىش ھوقۇقىنى ئۆز ئېلىكىگە ئېلىۋالغان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئېلشات ئەپەندى يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ خوتەن ۋە قەشقەردە يۈز بەرگەن خىتاي پۇقرالىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، كۆچمەن نوپۇستىكىلەرنىڭ يەرلىك نوپۇستىكىلەر بىلەن ئوخشاش پاراۋانلىقتىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ھەمدە ھۇجۇملاردىن كېيىن ۋەھىمە ئىچىدە قېلىپ، رايوندىن كېتىشنى قارار قىلغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى رايوندىكى ئىمتىيازلارغا جەلپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى رايىدىن ياندۇرۇش، شۇنداقلا تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي پۇقرالىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا كېلىپ يەرلىشىشكە جەلپ قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى خوتەن ھەم قەشقەردە يۈز بەرگەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەلىرىدىن كېيىن، ۋەقەنى «تېررورلۇق» بىلەن ئەيىبلەپ، رايوندا «تېررورلۇق ۋە زوراۋانلىق جىنايەتلىرىگە قاراتمىلىق زەربە بېرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئېلشات ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خوتەن ھەم قەشقەر ۋەقەسىدىن كېيىن، بىر تەرەپتىن رايوندا تېررورلۇققا زەربە بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇيغۇرلارغا ھەيۋە قىلىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۆڭلىنى ئەمىن تاپتۇرۇشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ خىل ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق خىتاي كۆچمەنلىرىنى شەرقىي تۈركىستانغا جەلپ قىلىپ، رايوندا خىتاي كۆچمەنلىرىنى نوپۇسىنى كۆپەيتىپ، ئۇيغۇرلارنى ئۆز زېمىنىدىكى ئاز سانلىقلارغا ئايلاندۇرۇش مەقسىتىگە يېتىش ئىكەنلىكىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل سىياسەتلىرى شەرقىي تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىقلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكال قارشىلىقلىرى ھەم ھۇجۇملىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.