خىتاينىڭ ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىشنىڭ بەدىلى نېمە؟
مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2011.11.16
2011.11.16
tianshannet.com din elinghan
خىتاي مۇھاجىرلار ۋە مائارىپ تور بەتلىرىنىڭ تارقاتقان خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ھۆكۈمىتى تەسىس قىلغان «2011-يىللىق ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان مۇنەۋۋەر شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى» 11-نويابىردىن 13-نويابىرغىچە ياپونىيىنىڭ ئوساكا ۋە توكيو شەھەرلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمدا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى جاڭ چۈنشەننىڭ «ئارقاڭلاردا قۇدرەتلىك ۋەتىنىڭلار بار، سىلەرنى قوللايدىغان، سىلەرنى قىزغىن سۆيىدىغان يۇرتۇڭلار بار....» دەپ يازغان خېتىنى يەتكۈزگەن ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ياپونىيىدە ئوقۇۋاتقان 29 نەپەر مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىغا مۇكاپات تارقاتقان.
بۇ خىل ئوقۇش مۇكاپاتى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان بولۇپ، مۇكاپاتلانغۇچى بىر قېتىمدا 50 مىڭ يۈەن ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىكەن.
خىتاي دائىرىلىرى 2005-يىلىدىن باشلاپ، ئۆز خىراجىتى بىلەن مىسىردىكى ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلغان ئىدى، 2010-يىلىدىن باشلاپ بۇ خىل مەخسۇس ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقانلارغا قاراتقان ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىشنى يەنە سۈرىيە، تۈركىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانغىچە كېڭەيتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇۋاتقانلارغا قاراتقان مەبلەغ سالمىقىنى بۇ يىل ئىككى مىليون 500 مىڭ يۈەنگە ئاشۇرغان بولۇپ، ياپونىيىدىن باشقا،گېرمانىيە، رۇسىيە، كورىيە، ئامېرىكا، شۋېتسىيە، مالايشىيا، قازاقىستان، ئۆزبېكىستاندىمۇ تەسىس قىلىدىكەن.
نۆۋەتتە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ياپونىيىدە ئۇيغۇر ئېلىدىن بارغان ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقاتقانلىقى بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە پارتكومغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى ۋە ناھايىتى تەسىرلەنگەنلىكىدەك تەشۋىقات خەۋەرلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئىچى-سىرتىدىكى تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىدە تارقىتىلىشى بىلەن، مەزكۇر خەۋەر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا قوزغىماقتا. چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، خىتاينىڭ ئۆز خىراجىتى بىلەن چەتئەلدە ئوقۇۋاتقانلارغا نېمە ئۈچۈن مەخسۇس ئوقۇش مۇكاپاتى تەسىس قىلىۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل ئوقۇش مۇكاپاتىنى ئېلىشىنىڭ توغرا ياكى خاتالىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەتلىرى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ مەزكۇر مەسىلىگە قانداق نۇقتىنەزەردە تۇرۇپ قارىشى قاتارلىق مەسىلىلەر بەكرەك مۇنازىرە قوزغاۋاتقان تېمىلاردۇر.
ياپونىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئىلھام ماخمۇد ئەپەندى بۇ مەسىلىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ پەقەت خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى پارچىلاشتا قوللىنىلىۋاتقان تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا سوغۇق قانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
ياپونىيىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان، خىتاينىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلىغا ئىلتىماس قىلغان ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئوقۇغۇچىلاردىن بىرى، گەرچە خىتاينىڭ بۇ خىل ئوقۇش مۇكاپات پۇلىنى تەسىس قىلىشتىكى مەقسىتى ئۆزىگە ئايان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەتئەلدىكى يالغۇزلۇق، موھتاجلىق ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇ جەرياندا ۋىجدان ۋە مەنپەئەت ھەم موھتاجلىق ئوتتۇرىسىدا ئۇزاق مەزگىللىك ئارىسالدىلىق ۋە روھىي بېسىملارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاينىڭ ياپونىيىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تارقاتقان ئوقۇش مۇكاپاتىغا قارىتا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ ئىنكاسى سۈپىتىدە، دۈشەنبە كۈنى چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ۋە خىتاي تور بەتلىرىگە «قانغا بويالغان ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» ناملىق ماقالە چاپلىنىپ ئىنتايىن كۈچلۈك مۇنازىرە قوزغىدى، ماقالە ئاپتورى ئامېرىكىدىكى پائالىيەتچىلەردىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ «ئوقۇش مۇكاپاتى ئېلىشنى خاتا دېيەلمەيمەن، ئەمما بۇ ئوقۇش مۇكاپاتىنىڭ 5-ئىيۇل قۇربانلىرىنىڭ قېنىدا بويالغانلىقىنى ئەسكەرتىمەن» دېدى.