ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى ۋەقەلەرگە قارىتا ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئاۋىستىرالىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ھۈسەن ھەسەن ئەپەندى 18-ئىيۇل خوتەن ۋەقەسى ۋە 30-31-ئىيۇل قەشقەر ۋەقەلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ كەلگەن بىر قىسىم باھا ھەم ئىنكاسلاردىن نارازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم
2011.08.08
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ پىكرى بويىچە ئېيتقاندا، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ سەۋەبىنى «خىتاينىڭ قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقاردى، خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، مەدەنىي، دىنىي جەھەتلەردىكى زۇلۇمى پەيدا قىلدى» دەپ قاراشلار تۈپتىن خاتا. بۇ خىل قاراشلار ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ ھادىسە تەرەپلىرى بولۇپ، ماھىيەتلىك تەرەپلىرىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.

ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ قاراشلىرى مەيلى خىتاي ئۆكتىچى زىيالىيلىرى بولسۇن ياكى چەتئەل ئانالىزچىلىرى بولسۇن ۋە ياكى ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى بولسۇن، ئۇلار ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەن كۆز قاراشلارنى ئاساسى جەھەتتىن رەت قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پىكرىچە بولغاندا، تارىختىن بۇيان يۈز بېرىپ كەلگەن خىتايغا قارشى بارلىق ۋەقەلەرنىڭ بىرلا ماھىيەتلىك تەرىپى بار. ئۇ بولسىمۇ، خىتاي مۇستەملىكىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت. يەنى تارىختىن بۇيان ئوتتۇرىغا چىققان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى قايسىدۇر مۇستەبىت ھۆكۈمراننىڭ مەلۇم زامانلاردا زۇلۇمنى چېكىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلىكى تۈپەيلى يۈز بەرگەن ئەمەس. بەلكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئاداققى غايىسى ۋە ھەقىقىي ئىرادىسى بولغان مۇستەقىللىقتىن ئىبارەت بىر ئۇلۇغ نىشانغا يېتىش ئارزۇسىدىن يارالغان. پارتلاشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان رېئال ئامىللار بولسا، مەسىلىنىڭ ئوتتۇرىدا ئايان بولغان يۈزىدىنلا ئىبارەت.

ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىغا ئاساسلانغاندا سىياسەتچىلەرنىڭ، ئانالىزچىلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ۋەقەلەرنى مەلۇم ئوبيېكتىپ ئامىللارغا باغلاپ چۈشەندۈرۈشلىرىدە خاتالىق مەۋجۇت بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن ئىكەنلىكى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىللىق ئىستەۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت تۈپ مەسىلە ئېتىبارنىڭ سىرتىدا قالماقتا. قان ۋە جان بەدىلىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىنقىلابنىڭ غايىسى بۇرمىلانماقتا.

ھۈسەن ھەسەن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شەرقىي تۈركىستاندا ھەرقانداق بىر قارشىلىق ۋەقەلىرى يۈز بېرىۋاتقان بولسا، بۇ قارشىلىقلار نوقۇل ھالدا خىتاينىڭ زۇلۇمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش يۈزسىدىنلا ئەمەس، بەلكى تارىختا ياراتقاندەك سەلتەنەتلىك دۆلەتلەرنى قايتىدىن يارىتىش ئىرادىسىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېنىدا پارتلىشىدىن روياپقا چىقماقتا. زۇلۇمغا نارازىلىق بىلدۈرۈش قارشىلىقى بىلەن مۇستەقىللىق كۈرىشى بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان ئىككى مەسىلە.

ئۇ سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ قانلىق باستۇرۇشلىرى كار قىلمىغاندەك، خىتاينىڭ شاپائەتلىرى ۋە كەڭچىلىكلىرىنىڭمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى بېسىقتۇرۇشتا كېرەككە كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققانغا قەدەر بۇ خىلدىكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.