د ئۇ ق باياناتچىسى دىلشات رىشىت : ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا پارتلاتقۇچ ماتېرىياللىرىنى ساقلاۋاتقانلار خىتاي كۆچمەنلىرى

بۈگۈن خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى'دە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ شىنجاڭ جامائەت خەۋپسىزلىك نازارىتى10 ‏- ئايغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون مىقياسىدا پارتلاتقۇچ دورا ۋە قورال يىغىۋېلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى خەۋىرى
2008.05.27

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۇ ھەقتە ئوبزور ئېلان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت خىتاينىڭ 'شىنجاڭ گېزىتى' دە خوتەن، لوپ، تۇيۇق قاتارلىق جايلاردا پارتلاتقۇچ تېپىلدى' دېگەن ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى.

دىلشات رىشىتنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا ئېچىلىۋاتقان كانلارنىڭ ھەممىسى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ قولىدا، پارتلاتقۇچ دورا ساقلايدىغانلارمۇ، ھەر خىل جىنايەت دېلوسى سادىر قىلىۋاتقانلارمۇ خىتاي كۆچمەنلىرى ئۆزلىرى.

خىتاينىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى ھازىر پارتلاتقۇچ دورا ياكى ئوق-قورال ساقلاۋاتقانلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىق دېمەيلا خەلقئاراغا ئۇيغۇرلارنى 'تېررورچى' قىلىپ كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.