ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە چاتما فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟

ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان دەۋرلەردە ئوخشىمىغان دۆلەتلەرنىڭ كىنو ۋە چاتما فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012.07.26
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
polat-alemdar-rawap-chalmaqta-nijati-shashmaz-305.jpg «بۆرىلەر ۋادىسى» ناملىق كۆپ قىسىملىق فىلىمدە پولات ئالەمدار ئىسمى بىلەن تونۇلغان داڭلىق كىنو ئارتىسى نىجاتى شاشماز راۋاب چالماقتا. 2012-يىلى ئىيۇل، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

مەسىلەن 1980-يىللاردا ياپونىيە ۋە ھىندىستاننىڭ فىلىم ۋە چاتما فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن بولسا، كېيىنكى مەزگىللەردە كورىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ فىلىملىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرگەن. ئۇيغۇرلار بۈگۈنكى كۈنلەردە تۈركىيىنىڭ «بۆرىلەر ۋادىسى» ، «مۇھتەشەم 100 يىل» دېگەنگە ئوخشاش چاتما فىلىملىرىنى ئومۇمى يۈزلۈك ياخشى كۆرىدىكەن.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا نۇرغۇن ئۇيغۇر ياش تۈرك فىلىملىرىنى كۆرۈش ئۈچۈن تۈركچە ئۆگىنىشكە باشلىغان؟ بەزى ئۇيغۇرلار «بۆرىلەر ۋادىسى» فىلىمىنى 2003-يىلىدىن بۈگۈنگىچە بىرمۇ قىسمىنى ئۆتكۈزمەي كۆرگەن. ئۇنداقتا «قۇرتلار ۋادىسى» يەنى «بۆرىلەر ۋادىسى» قانداق بىر فىلىم؟ ئۇيغۇرلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىدىكى سەۋەب نېمە؟ بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى ۋە ۋەتەندىن يېڭى چىققان ئۇيغۇر ياشلىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.