بىز بۈگۈن ئىسلام دىنىنىڭ ئۇچۇر-ئاخبارات بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ۋە ئۇچۇر-ئاخباراتنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلارنىڭ ئىجتىمائىي جەمئىيەتتىكى رولى ۋە مۇناسىۋىتى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز.
بىز ئالدى بىلەن، ئىسلام دىنى ئۇچۇر ئاخباراتقا قانداق قارايدۇ؟ ئۇيغۇرلار ئۇچۇر-ئاخباراتتىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك. مۇسۇلمان ئاخباراتچىلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟. بۇ ھەقتە، جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى شۇنداقلا ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئەپەندىنىڭ پىكىر قاراشلىرىغا دىققەت بېرەيلى.
ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئەپەندى، ئۇچۇر-ئاخباراتنىڭ ئىسلام دىنى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ ئىككى ئۇقۇمنى ئايرىم-ئايرىم نەرسە دەپ قاراشنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىنسانلارنى ئىسلام دىنىغا چاقىرىشتا ئېغىز ئارقىلىق تەشۋىق قىلىش بىلەن ئېلىپ بارغانلىقىنى شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇچۇر-ئاخباراتنىڭ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئەپەندى، مۇسۇلمانلار بىلەن غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۇچۇر-ئاخباراتنىڭ ئوخشاشماسلىق پەرقى توغرىسىدا توختالدى.
ئابدۇسالام ئابدۇغېنى ئەپەندى ئىسلام دىنىدا ئۇچۇرنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇچۇرنىڭ توغرا بولۇشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە مۇسۇلمان ئاخباراتچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى شۇنداقلا تەشكىلاتچىلىق توغرىسىدىمۇ ئۇچۇر-ئاخباراتنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.