نىكسوننىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى مەخپىي سۆھبەتلەردە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى

ياپونىيە ۋاسىدا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى مولى كازۇكو قاتارلىقلار بىرلىكتە تەرجىمە قىلغان «نىكسوننىڭ خىتاي زىيارىتىدىكى مەخپىي سۆھبەتلەر» ناملىق كىتاب، ناگويا ئۇنىۋېرسىتېتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2013-01-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى نىكسون(سولدىن ئۈچىنچى) خىتاي سابىق باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي(ئوڭدىن ئىككىنچى) بىلەن سۆھبەتتە. 1972-يىلى 22-فېۋرال، بېيجىڭ.
ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى نىكسون(سولدىن ئۈچىنچى) خىتاي سابىق باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي(ئوڭدىن ئىككىنچى) بىلەن سۆھبەتتە. 1972-يىلى 22-فېۋرال، بېيجىڭ.
RFA/Qutluq Haji

مەزكۇر كىتابقا، 1972-يىلى2-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە ئامېرىكا پرېزىدېنتى نىكسون، ئۇنىڭ ھەمراھى كىسسىنگېر قاتارلىقلارنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دۆلەت رەئىسى ماۋ زېدۇڭ، خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبەتلىرى كىرگۈزۈلگەن. كىتاب ئۈچ يۈز بەتتىن تەركىب تاپقان. نىكسوننىڭ ماۋ زېدۇڭ، جۇ ئېنلەي بىلەن بىۋاسىتە ئېلىپ بارغان بەش قېتىملىق سۆھبەت خاتىرىسىدىكى خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ سۆزىلا تەپسىلىي بېرىلگەن. ئۇندىن باشقا، ئىزاھات ۋە قوشۇمچە ماتېرىياللار كۆرسىتىلگەن. كىتابتا يالتا سۆھبىتى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت بىر قىسىم سۆھبەتلەر بېرىلگەن. ئىلگىرى ئامېرىكا ۋە باشقا قىسمەن دۆلەتلەردىكى دىپلوماتىيە مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مەسىلىلەر «شىنجاڭ» ئاتالغۇسى بىلەن دېيىلگەن بولسىمۇ،ئەمما نىكسون بىلەن جۇ ئېنلەينىڭ سۆھبىتىدە،خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي ئۆز ئېغزى بىلەن «تۈركىستان» دەپ ئاتىغان. ئۇندىن باشقا پەقەتلا موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسىگىلا جياڭ جېشىنىڭ قول قويغانلىقىغا ئائىت ئۇچۇرلار بېرىلگەن.

ياپونىيىلىك پروفېسسور، دوكتور نىشىخارا، نىكسوننىڭ خىتايدىكى سەپىرى توغرىسىدا قىسقىچە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، نىكسوننىڭ خىتايدىكى زىيارىتى كۆپ تەرەپلىمىلىك زىيارەت بولۇپ،نىكسون، ماۋ زېدۇڭ بىلەنمۇ ياپونىيە توغرىسىدا مەخپىي كېلىشىملەر تۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

كىتابنىڭ 180-بېتىدىن 194-بېتىگىچە، نىكسون بىلەن جۇ ئېنلەي ئارىسىدىكى سۆھبەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇنداق بايان قىلىنغان.

سۆھبەت 1972-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى جۈمە كەچ سائەت 5:45 تىن 6:45 گىچە بولغان ئارىلىقتا بېيجىڭدىكى نىكسوننىڭ قونالغۇسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

سۆھبەتكە خىتاي تەرەپتىن خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي،خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى چياۋ گۇەنخۇا، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەرقىي ياۋروپا، ئامېرىكا ئىشلىرى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ ۋېنجىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن جاۋ ۋىيخۇا قاتارلىقلار قاتناشقان. جى چاۋچۇ، تاڭ ۋېنشېڭ ئىككىسى تەرجىمانلىق قىلغان، ئىككى نەپەر ئىسمى نامەلۇم كىشى سۆھبەتنى خاتىرىلىگەن.

ئامېرىكا تەرەپتىن نىكسون، كىسنگېر، جوھن ھولدوۋىچ، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدىن ۋېستېن روئاد قاتارلىقلار قاتناشقان. سۆھبەت نىكسون بىلەن جۇ ئېنلەي ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.

نىكسون: سوۋېت بىلەن ھىندىستان چېگرا مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ،خىتايدا بىر ئىش چىقارماقچى.

جۇ ئېنلەي: بىزنىڭ ئىگىلىگەن ئاخباراتىمىزغا قارىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى گرومىيكو ئاندرېېۋىچنىڭ ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فۇكۇئودا تاكېئو غا دېگەن سۆزىگە قارىغاندا، سوۋېت ئىتتىپاقى بەش يىل ئىچىدە خىتايدا «جىنباۋداۋ ئارىلى» ۋەقەسىگە ئوخشاش ۋەقەدىن بىرنى تېرىپ، خۇددى بېنگال دۆلىتى مەسىلىسىدەك ئىشتىن بىرنى تېرىماقچى. بەلكىم سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركىستان دۆلىتىنى قۇرماي قالمايدۇ.

نىكسون: بىز بۇ مەسىلىنى قوللىمايمىز.

كىتابتا ئىككى رەھبەرنىڭ سۆزىدىكى جىنباۋداۋ ئارال مەسىلىسى، بېنگال مەسىلىسى ۋە تۈركىستان مەسىلىلىرى توغرىسىدا مەخسۇس تۆۋەندىكىدەك چۈشەندۈرۈشلەر بېرىلگەن.

خىتاي تارىخىدىكى جىنباۋداۋ ئارال مەسىلىسى 1969-يىلى 3-ئايدا سوۋېت بىلەن خىتاي چېگراسىدىكى ئۇسۇرى دەرياسىنىڭ ئۈستىدىكى دامانسكىي ئارىلىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇش بولۇپ،مەزكۇر توقۇنۇشتا سوۋېت تەرەپتىن 42 نەپەر ئەسكەر ئۆلگەن بولسىمۇ، سوۋېت ئاقىۋەتتە بۇ يەرنى بېسىلىۋالغان.

بېنگال مەسىلىسى، يەنى بېنگال ئەسلىدە پاكىستاننىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى بىر ئۆلكىسى بولۇپ، پاكىستاندىكى بېنگالىقلار مىللەتچىلىك ئىدىيىسى سەۋەبىدىن پارتلىغان ئىنقىلابتا غەلىبە قازىنىپ،پاكىستاندىن ئايرىلىپ چىقىپ،1971-يىلى 3-ئاينىڭ 26-كۈنى ئۆز مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان.

بۇ يەردە خىتاي باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەينىڭ ئاغزىدا دېيىلىۋاتقان تۈركىستان 1944-يىلى ھازىرقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىلى ۋىلايىتىدە قۇرۇلۇپ، 1946-يىلى بىت-جىت قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى كۆرسىتىدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقى ھەققىدە 1930-يىللاردىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى نۇرغۇن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. بۇ رايونغا تولىمۇ بەك قىزىققان. ئەينى چاغدىكى شىنجاڭنىڭ ھۆكۈمرانى شىڭ شىسەي بىلەن كېلىشىم تۈزۈم، ياپونغا قارشى ئەسكەر تۇرغۇزۇش قاتارلىق بىر قاتار توختاملارنى تۈزگەن. 1942-يىلىدىن كېيىن سوۋېت بىلەن شىڭ شىسەينىڭ مۇناسىۋىتى بۇزۇلغان، گومىنداڭ ئارمىيىسى شىنجاڭغا كىرگەن، بۇنىڭ بىلەن بۇ يەردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىر كۈچى تارايغان. 1944-يىلى كۈزدە بىر قىسىم ئىسلام دىنىدىكى ئۇيغۇرلار، قازاقلار خىتايلارغا بىرلىكتە قارشى تۇرۇپ قوزغىلاڭ يەنى قارشىلىق ھەرىكىتى ئېلىپ بارغان. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇ قوزغىلاڭنى قوللاپ ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي كۈچى بىلەن شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان. سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئىشلەنگەن قوراللار، ئارمىيىگە كېرەكلىك بۇيۇملار، بۇ يەرگە كىرىش بىلەن بىرگە، سوۋېت ئىتتىپاقى ئىقتىسادى جەھەتتە زور ياردەمدە بولغان. سوۋېت ئىتتىپاقى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى خىتايدىن ئايرىۋەتمەكچى بولغان. لېكىن يالتا سۆھبىتى ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقى شىنجاڭغا بولغان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ، گومىنداڭدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولماقچى بولغان بۇ رايوننى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق تىنچلاندۇردى. 1946-يىلى 7-ئايدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى بۇ يەردىن يوق قىلدى. بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بەك كۆپ. بەك سىرلىق.

ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى نىكسون بىلەن خىتاي سابىق باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي سۆھبىتىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت ياپونچە تېكىستى. 1972-يىلى 22-فېۋرال، بېيجىڭ.
ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى نىكسون بىلەن خىتاي سابىق باش مىنىستىرى جۇ ئېنلەي سۆھبىتىدىكى شەرقىي تۈركىستانغا ئائىت ياپونچە تېكىستى. 1972-يىلى 22-فېۋرال، بېيجىڭ. RFA/Qutluq Haji

كىتابتا ئۇندىن باشقا «يالتا سۆھبىتى»گە ئائىت قىسقىچە مەلۇمات بېرىلگەن.

ئاپتور كىتابتا يالتا كېلىشىمىگە ئائىت سۆھبەتنى مۇنداق بايان قىلغان:
1972-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، چارشەنبە، چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدىن ئالتىگە قەدەر نىكسوننىڭ بېيجىڭدىكى قونالغۇسىدا جۇ ئېنلەي بىلەن نىكسون ئېلىپ بارغان سۆھبەت:

جۇ ئېنلەي: موڭغۇلىيىنى مۇستەقىل قىلىشقا جياڭ كەيشى ئۆزى قول قويغان. موڭغۇلىيىنىڭ بىر قىسمى خىتاي دۆلىتىگە تەۋە دېگەن گەپ بار. ئەمما جياڭ كەيشى بۇنىڭغا ئىمزا قويغانلىقى ئۈچۈن بىز بىر نەرسە دېيەلمەيمىز. لېكىن جياڭ كەيشى بۇ مەسىلىنى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ. مەن جياڭ كەيشى بىلەن كۆرۈشەلىگەن بولسام، بۇ مەسىلىنى سورايتتىم. موڭغۇلىيە بىلەن چېگرا مەسىلىسىدە كېلىشتۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت