دولقۇن ئەيسا: خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلىماقچى بولغان يېڭى تەدبىرىمۇ ئاقمايدۇ

خىتاي ئىككى كۈندىن بۇيان فرانسىيە، ئەنگلىيە، ۋېنگرىيە، ئامېرىكا، كانادا، ياپونىيە، ئاۋسترالىيە، فىلىپپىن، تايلاند قاتارلىق دۆلەتلەردىكى خىتايچە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ كەسپى خادىملىرىنى بېيجىڭغا توپلاپ، "مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى" دېگەن مەكتەپتە تەربىيىلەۋاتىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.08.30
Dolqun-eysa-305 ﺩ ﺋﯘ ﻕ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺳﯧﻜﺮﯦﺘﺎﺭﻯ ﺩﻭﻟﻘﯘﻥ ﺋﻪﻳﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ.
RFA Photo

خىتاي بۇ مەكتەپتە تەربىيىلىگەن ئاخباراتچىلارنى ئۇيغۇر، تىبەت تارىخىنى تەتقىق قىلىپ، ماقالە يېزىپ دۇنياغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىدىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا مۇلاھىزىسىدە، خىتاينىڭ ئەمدى ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىنى بۇرمىلىماقچى بولغان يېڭى تەدبىرىمۇ ئاقمايدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى بۈگۈن بەرگەن خەۋەردىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىككى كۈندىن بۇيان فرانسىيىدىكى 'ياۋروپا ۋاقىت گېزىتى'، ئەنگلىيىدىكى 'لوندون ۋاقىت گېزىتى'، ۋېنگرىيىدىكى 'ماستېركارت ئۇچۇر ئاگېنتلىقى'، ئامېرىكىدىكى، كانادادىكى، ياپونىيىدىكى 'مۇھاجىرلار گېزىتى'، ئاۋىستىرالىيىدىكى 'كۆچمەن ئەينىكى'، فىلىپپىن، تايلاندلاردىكى 'دۇنيا گېزىتى' قاتارلىق خىتايچە ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ كەسپى خادىملىرىنى بېيجىڭغا توپلاپ تەربىيىلەۋاتىدۇ، ئۇلارغا مەركىزى سوتسىيالىزم ئىنستىتۇتى دېگەن مەكتەپنىڭ كوممۇنىست پارتىيە سېكرېتارى دەرس ئۆتۈۋاتىدۇ.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي بۇ مەكتەپتە تەربىيىلىگەن ئاخباراتچىلارنى ئۇيغۇر، تىبەت تارىخى ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىپ، ماقالە يېزىپ دۇنياغا تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى، قەشقەر، ئاقسۇ قاتارلىق جايلارغا ئەۋەتىدىكەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئەمدى ئۇچۇر ۋاستىلىرىگە ماقالە يازغۇزۇپ ئۇيغۇر تارىخىنى ۋە مەدەنىيىتىنى دۇنياغا تونۇشتۇرماقچى بولغانلىقى، بۇنىڭدىن بۇرۇن 'تېررورچى' دەپ تونۇشتۇرۇش تەدبىرلىرى ئاقمىغاندىن كېيىن قوللانماقچى بولغان يېڭى تەدبىرى.

دولقۇن ئەيسانىڭ تەھلىل قىلىشىچە، شەرقى تۈركىستاندىكى زىددىيەتلەر ۋە ئاققان قانلار خىتاينىڭ 'شىنجاڭ ئەزەلدىن خىتاينىڭ زېمىنى' دېگەن تەشۋىقاتلىرىنى مەغلۇپ قىلدى. ئۇيغۇر مەسىلىسى دۇنيا سەھنىسىگە چىققاندىن كېيىن، خىتاي ئەمدى دۇنيادىكى جامائەت پىكرىنى توساش ئۈچۈن، چەتئەللەردىكى خىتايچە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلانماقچى بولۇۋاتىدۇ.

دولقۇن ئەيسانىڭ قارىشىچە، خىتاي ھازىر ئۇيغۇر مەسىلىسىدە، چەتئەللەردىكى خىتايچە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلانماقچى بولغان بۇ يېڭى تاكتىكىمۇ ئاقمايدۇ.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىبى دولقۇن ئەيسا ۋەتەن ئىچىدىكى ۋە چەتئەللەردىكى ھەربىر ئۇيغۇردىن، خىتاينىڭ بۇ يېڭى تاكتىكىسىغا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.