خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر
2012.02.21

خىتاي مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈركىيىدىكى رەسمىي زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇ زىيارىتىنىڭ بىرىنچى بېكىتىدە تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل بىلەن ئۇچراشقان. شى جىنپىڭ تۈركىيە زىيارىتى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ ھەر ئىككىلا دۆلەتكە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇ بۇ زىيارىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى، ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتنى ۋە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساس قىلىنغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
شى جىنپىڭ شۇ كۈنى ئاخشام سائەتلىرىدە يەنە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئىستانبۇلغا يېتىپ بېرىپ، تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بىلەن ئۇچراشقان. خەۋەرلەردىن قارىغاندا، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىشى بىر يېرىم سائەت ئەتراپىدا داۋام قىلغان. ئۇچرىشىشنىڭ تەپسىلاتىغا دائىر مەلۇماتلار ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيە باش مىنىستىرلىقىدىن بېرىلگەن ئۇچۇردا، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىي مەسىلىلەر، سۈرىيە مەسىلىسى ۋە ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئوخشاش رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەردە سۆھبەت قىلغانلىقى ۋە شۇنداقلا شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننى خىتايغا تەكلىپ قىلغانلىقى، ئەردوغاننىڭمۇ تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، كېيىنكى ئايلاردا خىتايغا زىيارەتكە بېرىشقا ماقۇل بولغانلىقى خەۋەر قىلىندى.
شى جىنپىڭ بۇ يىل 10-ئايدا خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسلىكىنى ئۆتكۈزۈۋالىدىغانلىقى ئېنىق دەپ قارىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق تۈركىيە زىيارىتىنى ئۇ 2008-يىلىدىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان دىپلوماتىك مەشىق ۋە رايوندىكى مۇھىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن تونۇشۇش سەپىرىنىڭ بىر قىسمى دەپ قاراشقا ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئوتتۇرا شەرقتە مۇھىم تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان تۈركىيە بىلەن سۈرىيە كرىزىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان دەپ قاراشقا بولىدىكەن. تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيىنى زىيارەت بېكەتلىرىنىڭ بىرى قىلىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىنىڭ تۈركىيىنىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خىتاي مۇئاۋىن رەئىس شى جىنپىڭ تۈركىيىدە قىلغان سۆزىدە گ-20 تەشكىلاتى ۋە ناتو ئەزاسى بولغان تۈركىيىنىڭ رايوندا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر دۆلەتلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، تۈركىيىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن چوڭلۇقىنى، ئىككى دۆلەتنىڭ نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىشىش شارائىتىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردا تۈركىيە بىلەن بولغان دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتلەرنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كېتىشىنىڭ ئۇنىڭ ياۋرو-ئاسىيا جۇغراپىيىسىگە قاراتقان سىياسىتى ۋە ئەلۋەتتە ئۇيغۇر مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكلىكىنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ تۈركىيىدىكى زىيارىتىنى رەسمىي باشلاشتىن ئىلگىرى تۈركىيىدىكى مۇھىم گېزىتلەردىن بىرى بولغان «ساباھ» گېزىتىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ساباھ گېزىتىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى تەلەپ قىلىپ سورىغا سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېگەن:
ياۋرۇ-ئاسىيا قىتئەسىنىڭ كىندىكىگە جايلاشقان شىنجاڭ، دۆلىتىمىزدىكى نۇرغۇن ئېتنىك گۇرۇپپىلار بىرلىكتە ياشايدىغان رايون. ياۋرۇ-ئاسىيا قىتئەسىدىكى مۇھىم بىر قاتناش تۈگۈنى بولغان بۇ رايون دۆلىتىمىزنىڭ سىرتقا ئېچىلىشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە رايون. ھۆكۈمىتىمىز، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن بىرلىكتە يەنە شىنجاڭدىكى باشقا ئېتنىك گۇرۇپپىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن زور تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.
شى جىنپىڭ يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىقتىسادىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن رايونغا نۇرغۇن مەبلەغ سالغانلىقىنى تىلغا ئالغاندىن كېيىن، تۈركىيىلىك كارخانىچىلارنى ئۇيغۇر رايونىغا كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشقا چاقىرغان.
2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە ۋەقەگە ئەڭ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرغان دۆلەت تۈركىيە بولغان ئىدى. ئەينى چاغدا تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن «قىرغىنچىلىق» ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلىگەندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئارقا-ئارقىلاپ تۈركىيىگە ھەيئەت ئەۋەتىپ مەسىلە ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بەرگەن ئىدى. بۇ قېتىم شى جىنپىڭنىڭ تۈركىيە زىيارىتىدىمۇ قايتا-قايتىلاپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىشى ئەلۋەتتە ئەگەر تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ھەقىقەتەن ئارزۇ قىلىنغان سەۋىيىدە كۈچلەنگەن تەقدىردە، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە قانداق بىر تەسىر كۆرسىتىدۇ، دەيدىغان بىر سوئال پەيدا قىلماي قالمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىگە تۈركىيە جەھەتتىن قارىغاندا، تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە كۆپ مەنپەئەتكە ئېرىشمىگەنلىكىنى، شى جىنپىڭنىڭ زىيارىتىنىڭمۇ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە چوڭ ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جۈملىدىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان كۆز قارىشىمۇ ئوخشىمىغانلىقتىن بۇنىڭدىنمۇ زور ئۆزگىرىشنىڭ بارلىققا كەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.