ئابلىمىت سادىق: «شىنجاڭدا تۆۋەنگە خىزمەت گۇرۇپپىسى چۈشۈش مېنىڭ تەكلىۋىمنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۈمكىن»

0:00 / 0:00

ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي تەرەپدارى مۇھاجىر ئابلىمىت سادىق مۇخبىرىمىز بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ بۈگۈنكى قىسمىدا، ئۆزىنىڭ ھازىرغا قەدەر خىتاينىڭ تەكلىپى بىلەن بېيجىڭ ۋە ئۈرۈمچىگە ئىككى قېتىم، ئاۋسترالىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىغا ئىككى قېتىم بارغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. ئۇ ھەر قېتىملىق بېرىشىدا خىتاي تەرەپكە مەسىلە ئىنكاس قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ يەنە ئىككى يىلدىن بېرى ئۇيغۇر رايونىدا تۆۋەنگە چۈشۈۋاتقان خىزمەت گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆزى بەرگەن تەكلىپكە بىنائەن بولغانلىق ئېھتىمالىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان سىياسىي كۆزەتكۈچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، ئابلىمىت سادىقنىڭ خىتاي زىياپەتلىرىگە قاتناشقاندا، گۇناھنى ئاساسىي قاتلامدىكى چارىسىز ئۇيغۇر كادىرلارغا يۈكلەپ قويۇش ئارقىلىق يۇقىرى دەرىجىلىك خىتاي رەھبەرلىرىگە خۇشامەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ئابلىمىت سادىقنىڭ يۇقىرىقى پەرىزىنى «ئۆز - ئۆزىنى ئالداشتىن باشقا نەرسە ئەمەس» دېدى.

يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر.