ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ستۇدېنتلار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارغا قىزىقىش كۈچەيمەكتە

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2020-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پايتەخت ۋاشىنگتونغا جايلاشقان ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ستۇدېنتلارنى قوبۇل قىلىدىغان چوڭ ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى. 28-يانۋار كۈنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېت قارمىقىدىكى كېنىدىي سىياسەت مۇنبىرى ئورۇنلاشتۇرغان «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى» تېمىسىدىكى لېكسىيەگە ئامېرىكادىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى، ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ۋە ئاممىسىغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشتا ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان ياشلارنىڭ بىرى بولغان فۇرقەت جاۋدەت تەكلىپ قىلىندى.

مەزكۇر پائالىيەتكە «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلى قاتارلىق مەتبۇئاتلارنىڭ داڭلىق ئوبزورچىسى، ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى يورۇتىدىغان نۇرغۇن ماقالىلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارغىمۇ تونۇشلۇق بولغان ژۇرنالىست جوش روگېن رىياسەتچىلىككە تەكلىپ قىلىنغان. بۇ لېكسىيەگە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ سىياسەت ۋە خەلقئارالىق مۇناسىۋەتلەر، قانۇن ھەمدە خىتايغا قىزىقىدىغان 100 دىن ئارتۇق ستۇدېنت ۋە تەتقىقاتچىلار قاتناشتى.

جوش روگېن دەسلەپ خىتاينىڭ پەقەت ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا ئېتنىك مىللەتلەرگە قارىتا ئېغىر دەرىجىدىكى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى يۈرگۈزۈپ، مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ كىشىلەرنى لاگېرلارغا قامىغاندىن سىرت، ئۇيغۇر ئېلىنى يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش سىستېمىسى بىلەن باشقۇرىدىغان ساقچى دۆلىتىگە ئايلاندۇرۇپلا قالماي، ھەتتا چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى، ئۇرۇق تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش ئارقىلىق بېسىم ئىشلىتىپ ئۇلارنى سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر قىلىۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى. ئۇ ئىشتىراكچىلارغا، «خىتاينىڭ ئەنە شۇنداق ئېغىر تەھدىت ۋە بېسىملىرىغا قارشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەزىل سىياسەتلىرى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ئۈچۈن سۈكۈتنى بۇزغان جۈرئەتلىك ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى بولغان فۇرقەت جاۋدەتنى دوستۇم دەپ كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن ئىپتىخارلىق ھېس قىلىمەن» دېگەن كەلىمىلەر بىلەن فۇرقەت جاۋدەتنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى.

فۇرقەت جاۋدەت ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆزىنىڭ لاگېردىكى ئانىسى ۋە ئائىلىسى ئۇچرىغان قىسمەتلەر بىلەن تەڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشلىرى ھەققىدە ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇش بەردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ «ئەمەلىيەتتە پائالىيەتچى ئەمەس، پەقەت ئۆز ئانىسىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدەك رەزىل بىر كۈچنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ ئائىلىسىنى جەم قىلىشتا ھەر قانداق بىر پەرزەنتنىڭ ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بۇرچىنى ئادا قىلىشقا تىرىشىۋاتقان بىر ئىنسان ئىكەنلىكى» نى بىلدۈرگەندە، ستۇدېنتلار ئىنتايىن تەسىرلەندى.

«خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى» تېمىدىكى لېكسىيە بېرىش پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ئاساسلىق رول ئوينىغان ستۇدېنتلاردىن بىرى بولغان نوۋا ئېرىك زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنبەر ئەزالىرىنىڭ خېلىدىن بۇيان دۇنيادىكى قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا لاگېرلارنى قۇرۇپ مىليونلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتنىك خەلقلەرنى سولىغانلىقىدەك ئەھۋالغا دىققەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ، ئۆزلىرىنىڭ بۇ تېمىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنى ئويلاپ كېلىۋاتقان بىر پەيتتە «نيۇ-يورك ۋاقتى» گېزىتىنىڭ ئامېرىكادىكى ياش پائالىيەتچى فۇرقەت جاۋدەتنىڭ غۇلجىدىكى ئۆيىدە نەزەربەندتە تۇرۇۋاتقان ئاپىسى مۇنەۋۋەر تۇرسۇننى زىيارەت قىلىپ ئىشلىگەن پروگراممىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، فۇرقەتنى مەكتەپكە كېلىپ ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى ئورتاقلىشىشقا تەكلىپ قىلغانلىقى ۋە بۇنىڭ ئوقۇغۇچىلاردا زور قىزىقىش قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فۇرقەتنىڭ غۇلجىدىكى ئاپىسى مۇنەۋۋەر خانىم تۇنجى قېتىم 2017-يىلى ئۆكتەبىردە لاگېرغا ئەكېتىلگەن، ئارىلىقتا قويۇپ بېرىلىپ، 2018-يىلى يەنە قايتىدىن لاگېرغا كىرگەن. بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئوغلى فۇرقەت جاۋدەت ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن دائىرىلەر ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىپ، ئۇنى يەنىمۇ قاتتىق شارائىتلاردا باشقۇرۇلىدىغان لاگېرغا يۆتكەپ، قىيىن-قىستاققا ئالغان. فۇرقەت لېكسىيەسىدە، ساق سالامەت ئاپىسى مۇنەۋۋەر خانىمنىڭ لاگېرغا قامالغاندىن كېيىن سالامەتلىكىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ يۇقىرى قان بېسىمى بولسىمۇ، دورا بېرىلمىگەنلىكتىن پۇت-قوللىرى ئىششىپ، تىلى ئىششىپ گەپ قىلىشىنىڭمۇ ئىنتايىن قىيىن ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقدەك ئەھۋاللىرىنى بايان قىلدى.

ئۇ، لاگېردىكىلەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جازالاش، قىيىن-قىستاقلىرى ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقى، لاگېر شارائىتلىرىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى، ئۆزىنىڭ ۋە بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايدا ۋۇخەن ۋىرۇسى تارقالغاندىن بۇيان، شۇ لاگېرلاردىكى ناچار شارائىتتا كېسەللىكلەردىن قوغدىنىش ئىقتىدارى ۋە ماجالى بولمىغان ئىنسانلارغا بۇ ۋىرۇسنىڭ يۇقۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان پاجىئەدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ستۇدېنتلار لېكسىيە ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى بۇ زۇلۇمدىن ۋە تېخىمۇ ئېغىر ئاقىۋەتلەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن نېمە قىلىدىغانلىقىنى سورىغاندا ئۇ: «مېنىڭچە خىتايدەك ئىنسان ھەقلىرىنى ئېغىر دەپسەندە قىلىۋاتقان بىر دۆلەتنىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشكە شەرتى توشمايدۇ. خىتاينىڭ 2022-يىللىق قىشلىق ئولىمپىك ئۆتكۈزۈشىنى بايقۇت قىلىشقا ئاۋاز قوشۇشۇڭلارنى، ئامېرىكا سىياسىي ئەربابلىرىغا، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇنىنى ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ خەت يېزىشىڭلارنى قارشى ئالىمىز، ھېچ بولمىغاندا، خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى، ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭ ھازىرقى زامان قۇللۇق ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقان لاگېردىكى قېرىنداشلىرىمىز تەرىپىدىن ئىشلەنگەنلىكىنى بىلمەيمىز» دەپ جاۋاب بەردى.

پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغان مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسلىق خادىملىرىدىن لۇئىسا گرېۋ خانىم، بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ئۆتكەنلىكىنى، بولۇپمۇ كەلگۈسى ئامېرىكا سىياسىتىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بۇ ستۇدېنتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى، خىتاينىڭ سىياسەتلىرى ھەققىدە سورىغان كەڭ دائىرىدىكى سوئاللىرىدىن، ئامېرىكادىكى ياش بىر ئەۋلاد ستۇدېنتلاردا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان چۈشىنىشى ھەم قىزىقىشىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان فۇرقەت جاۋدەت، ئۆزىنىڭ 2018-يىلىدىن بۇيان بۇ 3 قېتىم ئامېرىكادىكى ئۇنىۋېرسىتېتتا لېكسىيە بېرىشى ئىكەنلىكىنى، ئوخشىمىغان دۆلەت مىللەت ۋە مەدەنىيەت تەۋەلىكلىرىگە ئىگە ستۇدېنتلارغا بىرلا ۋاقىتتا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشنىڭ تەسىرى ۋە ئەھمىيىتى يۇقىرى بولىدۇ دەپ قارايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

يىغىنغا قاتناشقان ستۇدېنتلاردىن بىرى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، گەرچە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى بىر ئىككى يىلدىن بۇيان كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋە لاگېرلاردىنمۇ خەۋىرى بار بولسىمۇ، لېكىن فۇرقەتنىڭ ئۆز بېشىدىن ئۆتكەنلىرىنىڭ ئۆزى ئاڭلىغان ھېكايىلەر ئىچىدە ئەڭ تەسىر قىلغانلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قوللاش ئۈچۈن ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش قارارىغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈردى.

يەنە بىر ئوقۇغۇچىمۇ، بۈگۈنكى لېكسىيەنى ئاڭلاپ ئىنسانلارنىڭ «يەھۇدىيلارغا ئېلىپ بېرىلغان قىرغىنچىلىق مەڭگۈ تەكرارلانمىسۇن دەيدىغان» قەسەميادنىڭ ئەمەلىيەتتە تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، كۆزى ئېچىلغاندەك بولغانلىقىنى، فۇرقەتنىڭ رېئالنى ھېكايىلىرىنىڭ باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭمۇ ئۇيغۇرلار بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان بۇ زۇلۇملارنىڭ ئاياغلىشىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك كۈچىنى چىقىرىشىغا ئىلھام بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت