خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ رەسسام با دىيۇساۋنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» رەسىم ئېلانىغا قارشى نارازىلىقىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قولى بارمۇ؟
2022.02.08

يېقىندا ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى مەكتەپ رەھبەرلىكىگە ئەرز يوللاپ، مەكتەپتە ئېلان قىلىنغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى تەنقىدلەنگەن رەسىم ئېلانىدا «خىتايلارغا قارىتا ئىرقىي كەمسىتىش خاھىشى بار» دەپ نارازىلىق بىلدۈرگەن.
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىغان بۇ رەسىم ئېلانى ئاۋسترالىيەلىك رەسسام ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى با دىيۇساۋنىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» تېمىسىدىكى ھەجۋى رەسىملىرى ھەققىدىكى ئېلان ئىكەن. بۇ رەسىملەرنىڭ بىرىدە «قىزىل رەڭلىك خىتاي بايرىقىدىن كىيىم كىيگەن قارىغا ئېتىش ماھىرىنىڭ بېشىغا ئۇيغۇر دوپپىسى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىدىن كىيىم كىيگەن، قولى ئارقىدىن باغلانغان مەھبۇسنى نىشانغا ئېلىۋاتقان كۆرۈنۈشى سىزىلغان. ھەجۋى رەسىملەرنىڭ يەنە بىرىدە، ئوخشاش رەڭلىك خىتاي بايرىقىدىن كىيىم كىيگەن قار تېيىلىش ماھىرىنىڭ خوڭكوڭنىڭ سۆسۈن رەڭلىك بايرىقى ئۈستىدىن تېيىلىپ ئۆتكىنى ۋە مۇز تېيىلىش ماھىرىنىڭ لامالارنىڭ كىيىمىنى كىيگەن بىر تىبەت راھىبىنى ئۈسسۈپ يىقىتىۋەتكەن ھالىتى تەسۋىرلەنگەن.
مەكتەپ مۇدىرى مارك رايتون (Mark Wrighton) دەسلەپ خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نارازىلىق ئەرزىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، بۇ ئىشنى تەكشۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئۇ كېيىن بايانات بېرىپ، ۋەقەنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئېنىقلىغانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ خاتا ھالدا ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان.
مەكتەپ مۇدىرى مارك رايتون باياناتىدا: «دەسلەپ مەكتەپ تەرەپنىڭ ئەھۋالنىڭ ئىنچىكە تەپسىلاتىنى ئۇقمىغان شارائىتتا، بۇ رەسىم ئېلانىنى ئېلىپ تاشلاشنى قارار قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر بۇ رەسىم ئېلانلىرىدا «ئىرقىي كەمسىتىش خاھىشى بار» دەپ قارىمايدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوخشىمىغان قاراشلار ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى قوللايدىغانلىقىنى، مەكتەپ تەرەپنىڭ بۇ رەسىم ئېلانىنى چاپلىغان ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ھېچقانداق چارە-تەدبىرى قوللانمايدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ۋەقە ھەققىدە جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى دونالد كلارك رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىگە ئېلخەت ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرغان. ئۇ خېتىدە رەسسام ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى با دىيۇساۋنىڭ ھەجۋى رەسىمى سەۋەبلىك يۈز بەرگەن خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نارازىلىقىغا نىسبەتەن، مەكتەپ مۇدىرى مارك رايتوننىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېنىڭچە بۇ با دىيۇساۋنىڭ رەسىم ئېلانىدا ئىرقچىلىق خاھىشىنىڭ يوقلىغىنى ھەمدە بۇلار ئۇنىۋېرسىتېتلاردا دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھۆكۈمەتلەر توغرىسىدىكى تەنقىدىي ئوبزورلاردىن باشقا نەرسە ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلغان ياخشى بىر بايانات. ئەلۋەتتە ئۇنىۋېرسىتېت بۇنداق ئېلانلارنى ئۆچۈرمەيدۇ ياكى تەكشۈرمەيدۇ، ياكى ئۇلارنى قويۇشقا مەسئۇل بولغانلارنى جازالىمايدۇ. مەن پرېزىدېنت رايتوننىڭ ئىلگىرىكى خاتالىقنى ئوچۇق-ئاشكارا ئېتىراپ قىلىشتىكى بۇ جاسارىتى ۋە بىۋاسىتىلىقىنى تەبرىكلەيمەن».
قانۇن پروفېسسورى دونالد كلارك خېتىنىڭ داۋامىدا يەنە، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ نارازىلىقىغا سۈكۈت قىلغان خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ۋە ئۆچ ئېلىشىدىن قورققانلىقى ئۈچۈن ئىنكاس قايتۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «شۇنىمۇ تونۇپ يېتىش كېرەككى، خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى ئۆزىنى خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا ۋاكالىتەن سۆزلەيمەن دەپ دەۋا قىلسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ بۇنداق ئويلىشىنىڭ ئاساسىي يوق. ئۇلارنىڭ مەيدانىنى قوللىمايدىغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى ياخشى بىلىدۇ. بىز سۈكۈت قىلغانلارنى، ياكى ئۇلارنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلەرنى، ئەمەلىيەتتە قوشۇلدى دەپ قارىماسلىقىمىز كېرەك. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق نازارەت ۋە تەكشۈرۈش تۈزۈمىگە بولغان قورقۇش ھازىر چەتئەل تۇپراقلىرىغىچە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بىز داۋاملىق كۆزىتىشىمىز كېرەك».
دونالد كلارك يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارىتىلغان تەنقىدلەرگە نارازىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ: «كىنايىلىك ئەھمىيىتى شۇ يەردىكى، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان تەنقىدلەرگە قارشى تۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى ئويلاپ يېتەلمىدى» دېگەن.
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىلارمۇ مەكتەپتىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە رەسسام با دىيۇساۋنىڭ «خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئولىمپىكى» ھەققىدىكى رەسىم ئېلانىغا قارشى نارازىلىق ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇردى.
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىنى قوللىغۇچىلاردىن، پەلسەپە فاكۇلتېتىنىڭ 3-يىللىق ئوقۇغۇچىسى جۇئان كارلوس مورانىڭ قارىشىچە، «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تەنقىد قىلىنغان بۇ ھەجۋى رەسىمنىڭ نامەلۇم شەخسلەر تەرىپىدىن يىرتىۋېتىلىشى ۋە خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەسىم ئېلانىغا نارازىلىق ھەرىكىتى مەكتەپلەردىكى پىكىر ئەركىنلىكىگە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق ھەرىكىتى» ئىكەن.
ئۇنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تەنقىد قىلىنغان رەسىمگە قارىتا نارازىلىقىنى بىلدۈرگەن «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ ئارقىسىدا خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتى بار ئىكەن. ئۇلار ئامېرىكادىمۇ ئىرقىي مەسىلىلەرنىڭ بارلىقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، نىشاننى بۇراشقا ئۇرۇنغان. ئۇلارنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىنىڭ مۇنازىرە تېمىسى بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش» ئىكەن.
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى ئىنكاس ۋە ئانالىزلاردا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى تېما قىلىنغان پائالىيەتلەرنىڭ مەكتەپلەردىكى ئاتالمىش «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نامىدىكى تەشكىلاتلار تەرىپىدىن نارازىلىق، ھەتتا بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ئەھۋاللىرى ئىلگىرىمۇ يۈز بەرگەن. ئىنكاسلاردا يەنە «بۇ خىل بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئۆز تەسىرىنى سىڭدۈرۈشى» نىڭ بىر ئىپادىسى ئىكەن.
جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە، ئامېرىكادىكى ماركو روبىيوغا ئوخشاش سىياسىيونلارنىڭمۇ تەنقىد قىلىشىغا ئۇچرىغان. ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو روبىيو 7-فېۋرال تۋىتتېردا يوللىغان ئىنكاسىدا جورجى ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نامىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپ، ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىرىنى سىڭدۈرۈش ئۇرۇنۇشىغا يول قويۇش ئەھۋاللىرى تەنقىدلىگەن.