خىتايدا يىتكەن بالىلار نەگە كەتتى؟

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2015.05.20
yutken-bala-balilar-1.jpg

يۈتكەن بالىلارنى ئىزدەش ئەلانى چاپلىماقتا. Social Media

yutken-bala-balilar-2.jpg

يۈتكەن بالىلارنى ئىزدەش ئەلانى چاپلىماقتا. Social Media

yutken-bala-balilar-3.jpg

يۈتكەن بالىلارنى ئىزدەش ئەلانى چاپلىماقتا. Social Media

yutken-bala-balilar.jpg

ئاتا-ئانىلار يۈتكەن بالىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى ئارزۇ قىلماقتا. Social Media

yutup-ketken-bala-suriye.jpg

يۈتۈپ كەتكەن سۈرىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى بىلەن چۈشكەن سۈرىتى. (ۋاقتى ۋە ئورنى ئېنىق ئەمەس) Social Media

يېقىنقى 20 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن خىتايغا ئېلىپ قېچىلىپ ئوخشىمىغان پاجىئەلىك قىسمەتلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئېغىر مەسىلىنىڭ بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ بەختسىز قىسمەتكە ئۇچرىغان ئوغرىلاپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ يۈزلىنىشى مۇمكىن بولغان تېخىمۇ قورقۇنچلۇق پاجىئە بولسا، ئۇلارنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ قەبىھ جىنايەتچىلەر تەرىپىدىن ئۆلۈك ياكى تىرىك پېتى ئېلىۋېلىنىدىغانلىقىدۇر. 3 كۈن ئىلگىرى ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە شەندۇڭدىن بالىلارنىڭ ئورگانلىرىنى ئوغرىلايدىغان جىنايەت گۇرۇھىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ئوتۇنكوزا شەھىرىگە كەلگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر تارقىلىپ كىشىلەردە بولۇپمۇ ئاتا-ئانىلاردا تەشۋىش پەيدا قىلغان ئىدى. ئوتۇنكوزا شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىمۇ شۇنداق خەۋەرنىڭ بارلىقى ۋە بۇ ھەقتە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.

خىتايدىكى قانۇنسىز ئورگان يۆتكەش مەسىلىسىنى كۆزەتكۈچىلەر بولسا خىتايدىكى ئورگان يۆتكەش جىنايەتلىرىنى جەمئىيەتتە ئېغىر ھالدا يۈز بېرىۋاتقان بالىلارنىڭ يىتىپ كېتىش مەسىلىسى بىلەن باغلىنىشلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ گۇمان قىلماقتا.

ئاۋاز ئۇلىنىشى ئارقىلىق پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.