بىلال ئۇيغۇرنىڭ «ئەركىنلىك مارشى» يۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى بولدىمۇ؟
2024.08.09
كانادادىكى ئۇيغۇرلاردىن بىلال مالىك ئۇيغۇر كانادا باش مىنىستىرىغا ئۆزىنىڭ تەلەپ خېتىنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن 2021-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى تورونتو شەھىرىدىن يولغا چېقىپ، كانادادىكى 10 نەچچە شەھەردىن پىيادە مېڭىپ ئۆتۈپ، 7-ئاينىڭ 19-كۈنى پايتەخت ئوتتاۋاغا يېتىپ بارغانىدى.
ئەينى ۋاقىتتا رادىيومىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەرگەنىدى. بىلال شۇ ۋاقىتتا 500 كىلومېتىرغا يېقىن يولنى پىيادە مېڭىپ، ئۆزىنىڭ تۆت تۈرلۈك تەلىپى يېزىلغان مەكتۇپنى باش مىنىستىر ئىشخانىسىغا يەتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقانىدى. مەكتۇپتىكى تۆت تۈرلۈك تەلەپ مۇنۇلار ئىدى: بىرىنچى، كانادا پارلامېنتى ئالغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىق قارارىنى كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئېتىراپ قىلىشىنى تەلەپ قىلىش؛ ئىككىنچى، كانادا ھۆكۈمىتى بۇ قارارغا قارىتا رەسمىي ھەرىكەت قوللىنىش. ئۈچىنچى، كانادا ئولىمپىك كومىتېتى بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش؛ تۆتىنچى، تۈركىيەدە تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى كاناداغا يەرلەشتۈرۈش.
بىلال بۇ پىيادە يول مېڭىش ھەرىكىتىنى «ئەركىنلىك مارشى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، كىشىلەرنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرى ھەققىدىكى تونۇشىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلغانىكەن. بىلالنىڭ بۇ 15 كۈنلۈك پىيادە سەپىرى ھەققىدە «قاداق باسقان قانلىق يول» (Blistered Bloodlines) ناملىق بىر ھۆججەتلىك فىلىممۇ ئىشلەنگەن ئىكەن. كورونا ۋاباسى تۈپەيلى بۇ فىلىمنى ئىشلەش ۋە تارقىتىش ئىشلىرى كەينىگە سۈرۈلگەن بولۇپ، يېقىندا بۇ ھۆججەتلىك فىلىم چوڭ-كېچىك فېستىۋاللاردا قويۇلۇشقا باشلىغان.
بىز بىلالنىڭ 15 كۈن جەريانىدا پۇتلىرىنىڭ قاداق بېسىپ كەتكىنىگە قارىماستىن، 500 كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىپ باش مىنىستىرغا يەتكۈزگەن خېتىنىڭ نەتىجىسىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن قايتا ئالاقىلەشتۇق.
ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ئەينى ۋاقىتتىكى جاپالىق 15 كۈنلۈك سەپەردىن كېيىنكى نەتىجىلەرنى سۆزلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، سەپەر جەريانىدا يەرلىك خەلق رايونلىرىنىڭ بىرىدە يۈز بەرگەن بەكمۇ تەسىرلىك بىر ۋەقەنى ئەسلەپ ئۆتتى. ئەمما بۇ ۋەقە ئەينى ۋاقىتتا ھۆججەتلىك فىلىمغا ئېلىنماي قالغان ئىكەن.
سۆھبىتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.