بو شىلەينىڭ ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايى قىلمىشلارنى ئىنكار قىلىشى مۇنازىرە قوزغىدى

0:00 / 0:00


چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ سابىق پارتكوم سېكرېتارى، خىتاي كومپارتىيە سىياسىي بيۇرو ئەزاسى بو شىلەي 22 - ئاۋغۇست پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ شەندۇڭنىڭ جىنەن شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىدە پارا ئېلىش، خىيانەتچىلىك ۋە ھوقۇقىنى سۈي ئىستېمال قىلىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ سوتقا تارتىلغان ئىدى.

پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى سوتتا ئوقۇپ ئۆتۈلگەن ئەيىبنامە ۋە گۇۋاھلىق ئىسپاتلىرىغا قارىتا، بو شىلەينىڭ ئارقا - ئارقىدىن ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىشى مۇنازىرە قوزغىماقتا.

بو شىلەي ئۈستىدىن ئېچىلىۋاتقان سوتتا ئۆزى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلدى. سوت ئەسلى 23 - ئاۋغۇست ئاياقلىشىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما 23 - ئاۋغۇست چۈشتىن كېيىن سائەت 5 لەرگىچە بو شىلەي ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىلمىدى. سوتچى سوتنىڭ 24 - ئاۋغۇست شەنبە كۈنى داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ سوتنى توختاتقان.

نۆۋەتتە بو شىلەينىڭ سوت جەريانىدا ئۆزى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىشى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان بولۇپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بو شىلەينىڭ سوت مەيدانىدىكى پوزىتسىيىسىگە قارىتا ئوخشىمىغان ئىنكاسلار قايتۇرۇلدى.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدىن شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىقلارنىڭ خەۋىرىدە، بو شىلەينىڭ سوت مەھكىمىسىدە ئۆزى ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلەرگە نىسپەتەن «جاھىللىق بىلەن ئېتىراز بىلدۈرۈپ، جىنايى قىلمىشلىرى ھەققىدە پولاتتەك ئىسپات تۇرۇقلۇق،جىنايى جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشتىن باش تارتىشى، ئاقىۋەتتە ئۇنىڭغا پايدىسىز» ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ، بۇ قېتىمقى سوتنىڭ خىتاي «كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت تۇتقان يىللاردا ئەيىبلەنگۈچىگە نىسپەتەن ئەڭ زور دەرىجىدە دېموكراتىيە ھوقۇقى بېرىلگەن ئادىل سوت» بولغانلىقى مەدھىيىلەندى. خىتاينىڭ باشقا ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بو شىلەي ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئانچە كۆپ بېرىلمىدى. خەلق گېزىتى، چۇڭچىڭ گېزىتىقاتارلىقلارمۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى بەرگەن خەۋەر ۋە مۇلاھىزىلەرنى كۆچۈرۈپ بېسىش بىلەن چەكلەندى.

خوڭكوڭ، تەيۋەن ۋە كۆپلىگەن چەتئەل مەتبۇئاتلىرى بو شىلەينىڭ سوتتا ئۆزى ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسى ۋە بۇنىڭ بو شىلەي ئۈستىدىن چىقىرىلىدىغان ھۆكۈمگە قانداق تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە تۈرلۈك پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويماقتا. خوڭكوڭدا چىقىدىغان«شىڭداۋ گېزىتى»، «ئالما گېزىتى»، «جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتى» قاتارلىقلارنىڭ جۈمە كۈنىدىكى خەۋەرلىرىدە «بو شىلەينىڭ بارلىق ئەيىبلەشلەرنى قەتئىيلىك بىلەن ئىنكار قىلىشى، ئۇنىڭ خىتايدا يۇقىرى قاتلامدا ۋەزىپە ئۆتەشكە لايىق كىشىلىك خاراكتېرىنى كۆرسىتىدىغان» لىقى تەرىپلەندى. «ئالما گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە تەيۋەن مۇخبىرىنىڭ «بو شىلەي بۇ خىل جاسارىتى بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلىشتا توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، تەيۋەنگە بېرىپ پرېزىدېنتلىق سايلىمىغا قاتناشسا بوپتىكەن» دېگەن سۆزىنى نەقىل ئېلىپ ئىشلەتكەن.

چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن بو شىلەينىڭ سوتتا ئۆزى ھەققىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيەسى ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەردە، بەزى ئانالىزچىلار بو شىلەينىڭ بۇ خىل قاتتىق پوزىتسىيىسى بەلكىم ئۇنىڭ ئۈستىدىن چىقىرىلىدىغان جازا ھۆكۈمىنى يېنىكتىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسا، يەنە بەزىلەر بو شىلەينىڭ بۇ خىل قاتتىق پوزىتسىيىسىنىڭ ئۇنىڭغا پايدىسىز ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بېيجىڭ باھارى ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى، سىياسى ئانالىزچى خۇ پىڭ ئەپەندى مۇشۇ خىل قاراشتىكىلەرنىڭ بىرى.

خۇ پىڭ ئەپەندى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا بۇ ھەقتە توختىلىپ :«مەيلى بو شىلەينىڭ سوتتىكى پوزىتسىيىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، خىتاي سوتىنىڭ بو شىلەي ئۈستىدىن چىقارماقچى بولغان ھۆكمى ئۆزگەرمەيدۇ. ھازىر بو شىلەي مەتبۇئاتلاردا «قەتئىيلىك بىلەن ئۆزىنى ئاقلاشقا جۈرئەت قىلدى» دەپ تەرىپلەنمەكتە. ئەمما مېنىڭچە، ئۇنىڭ بۇ خىل پوزىتسىيىسى ئەكسىچە ئۇنىڭ ئۈچۈن پايدىسىز ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى خىتايدىكى سوت مەھكىمىلىرى ئەزەلدىن مۇستەقىل ھۆكۈم چىقىرالمايدۇ. بەلكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ قانداق ھۆكۈم چىقىرىشى كېرەكلىكىنى ئالدىن - ئالا بەلگىلەپ بەرگەن بولىدۇ» دېدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بو شىلەي ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت ھەققىدە جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە،«بو شىلەينىڭ سوتتا ئۆزى ئۈستىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئىنكار قىلىش پوزىتسىيىسىدىكى قەتئىيلىك ياخشى رول ئېلىۋاتقان ئارتىسنى ئەسلىتىدۇ» دەپ تەرىپلىنىپ،سوتتىكى بۇ خىل ۋەزىيەتنىڭ بەلكىم ئالدىنئالا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلدى.

بو شىلەي ئۈستىدىن ئېچىلغان سوتتا مەتبۇئاتلارنىڭ دىققىتىنى تارتقان نۇقتىلارنىڭ يەنە بىرى، بو شىلەينىڭ يېنىدا ئۇنى يالاپ تۇرغان ئىككى نەپەر ساقچىنىڭ ئوخشاش نومۇرلۇق ئىزناك تاقىغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ بويىنىڭ خىتايدا ئىگىزلەر قاتارىغا كىرىدىغان 1.86 مېتىر ئىگىزلىكتىكى بو شىلەينىڭ بويىدىن خېلىلا ئىگىزلىكى مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلانغان. «مىنباۋ» گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە «372078 دېگەن ئوخشاش نومۇرلۇق ئىزناق تاقىغان بۇ ئىككى ساقچىنىڭ بويى ئاز كەم ئىككى مېتىرغا يېقىن» دەپ تەرىپلىنىپ، خىتايدىكى تورداشلارنىڭ ئۇلارنىڭ كىملىكى ھەققىدىكى«ئۇلار بەلكىم ۋاقىتلىق ياللانغان ۋالىبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى، ياكى ئارتىستلار بولۇشى مۇمكىن» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «بو شىلەينىڭ سوتتا بەكلا گەۋدىلىنىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئالغان تەدبىرى مەسخىرىگە ئۇچرىدى» دېيىلدى.

بو شىلەي خىتاي ئەمەلدارلىرى ئىچىدە پارىخورلۇق، خىيانەتچىلىك ۋە ھوقۇقىنى سۈيئىستىمال قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن تۇنجى ئەمەلدار ئەمەس. ئەمما بو شىلەي ئۈستىدىن ئېچىلغان سوت شى جىڭپىڭ قاتارلىق خىتايدا ھاكىمىيەتنى ئۆتكۈزۈۋالغان يېڭى رەھبەرلىك دەۋرىگە توغرا كەلگىنى ئۈچۈن، بو شىلەي ئۈستىدىن قانداق ھۆكۈم چىقىرىلىشى يەنىلا خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى دەپ تەرىپلەنمەكتە.