ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىدە نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدۇ؟

0:00 / 0:00

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتى ئەزالىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتى ئارقا-ئارقىدىن يىغىن چاقىرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ساھىپخانلىقى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى قېرىنداش تەشكىلاتلارنىڭ قوللىشى بىلەن 2022-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنىدىن 28-كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ مىيونخىن شەھىرىدە ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ چاقىرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇلار بۇ يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى بىلەن كېڭەشتە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلارنى بېكىتىپ چىققان.

بىز بۇ ھەقتە مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن د ئۇ ق نىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

د ئۇ قنىڭ سىياسىي خىزمەتلىرىگە مەسئۇل مۇئاۋىن رەئىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بۇ كېڭەشنى ئېچىشتىكى مەقسەت توغرىسىدا توختالدى.

د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سەمەت ئابلا ئەپەندى، 2-نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىدە 7 مۇھىم تېما بويىچە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى كېڭەشتە نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى يەتتە تېمىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بارماقچى. بىرىنچىسى، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئىنسانىيەت مەسىلىسىگە ئايلاندۇرۇش؛ ئىككىنچىسى، ھازىرقى ئۇتۇقلارنى كۈچكە ئايلاندۇرۇش، تېخىمۇ سەۋىيەلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دەۋا سىياسىتىنى بەلگىلەپ چىقىش؛ ئۈچىنچىسى، خەلقئارا قانۇن ۋە قائىدىلەرگە ئاساسەن ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ تۆتىنچىسى، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ خەلقئارا كۈنتەرتىپتىكى ئىزچىللىقى ۋە ھەمكارلىق مەسىلىسى؛ بەشىنچىسى، خىتاي سىياسىتى ۋە دەۋا مەسىلىسىنىڭ چارىلىرى؛ ئالتىنچى، ئۆزگىرىۋاتقان خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە دەۋا مەسىلىسىنىڭ چارىلىرى؛ يەتتىنچى، شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق ۋە ۋەزىپە تەقسىماتى مەسىلىسى قاتارلىقلار ئىكەن.»

دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى يۇقۇرىدا سەمەت ئابلا ئەپەندى تەكىتلەپ ئۆتكەن 7 مۇھىم تېمىدىن سىرت يەنە چەت ئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭمۇ نۇرغۇن مەسىلىسى بارلىقىنى، ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىدە بۇ ھەقتىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

3 كۈن داۋام قىلىدىغان مىللىي كېڭەشتە يوقۇرىقى تېمىلار بويىچە مەخسۇس سوئال-جاۋابلىق مۇزاكىرىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن.

ئىككىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كەڭىشىگە تەكلىپ قىلىنغان مۇتەخەسسىسلەر يۇقۇرىقى تېمىلاردا دوكلات بېرىدىكەن.

بىرىنچى نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئالىي كېڭىشى 2010-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 7-كۈنىگىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگىتوندا ئېچىلغان ئىدى. مەزكۇر ئالىي كېڭەشكە 15 دۆلەتتىن كەلگەن 150 تىن ئوشۇق ۋەكىل قاتناشقان ئىدى. بۇ 2009-يىلى «5-ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى» يۈز بەرگەندىن كېيىن ئېچىلغان تۇنجى چوڭ خەلقئارالىق يىغىن ئىدى.