ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكا تەتقىقاتچىسى ئەلىس ئاندېرسوننىڭ 2018-يىلدىكى ئۇيغۇر دىيارى زىيارىتى (1)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.03.07
Elise-Anderson-adil-mijit.jpg نۆۋەتتە ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا ۋە فولكلور تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئەلىس ئاندېرسون خانىم داڭلىق كۈلدۈرگە ئارتىسى ئادىل مىجىت ئەپەندى(ھازىر خىتاينىڭ جازا لاگېرىدا) بىلەن خاتىرە سۈرەتتە. 2015-يىلى قەشقەر.
Social Media

ئەلىس ئاندېرسون: «ئۇيغۇر موماي ماڭا ‹بۇرۇنقى ئۈرۈمچى يوق، بىزنى يوقىتىۋاتىدۇ› دېدى»

نۆۋەتتە ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا مۇزىكا ۋە فولكلور تەتقىقاتى بويىچە دوكتورلۇق ئاسپىرانتلىقىدا ئوقۇۋاتقان ئەلىس ئاندېرسون خانىم 2012-يىلدىن 2016-يىلغىچە ئۈرۈمچىدە ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر ناخشا-مۇزىكىلىرىنى ئۆگىنىش ھەمدە تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.

ئۇ شۇ يىللاردا ئۇيغۇر دىيارىدا ئۆتكۈزۈلگەن «يىپەك يولى ساداسى» ناملىق ناخشا مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر ناخشىلىرىنى ئەينەن ۋە ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇنداپ، ئۇيغۇرلار ئارىسىدا «نازاكەت» دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان ئىدى. ئەلىس ئاندېرسون خانىم بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر رايونىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاش ۋە ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنى قۇتۇلدۇرۇش ھەرىكىتىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇۋاتقان، ئۆزى شەخسەن گۇۋاھلىق بېرىش ۋە باشقا شەكىللەر بىلەن ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ زۇلۇملارغا قارشى تۇرۇۋاتقان غەرپلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى.

ئۇنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 2018-يىلى 6-ئاي مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدا 2 ھەپتىلىك قىسقا زىيارەتتە بولغان ئىكەن. ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى دۇنياغا ئاڭلىتىشنى ئۆزىنىڭ بۇرچى دەپ بىلگەن ئەلىس ئاندېروسون خانىم ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ئەھۋاللارنى ئاڭلىغۇچىلار بىلەن ئورتاقلىشىش قارارىغا كەلگەن. تۆۋەندە دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ ئەلىس ئاندېرسون خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنىڭ 1-قىسمىدا بولسۇن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.