فېيسبۇك تورى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىك قۇرۇلۇشىدا مۇھىم رول ئوينىماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.07.23
yaghach-mashina-uyghur-ijadiyiti-305.jpg ئۇيغۇر ھۈنەرۋەن ياسىغان ياغاچ ماشىنا 6 ئايدىن بېرى قەشقەردە ساغلام قاتنىماقتا. 2012-يىلى نويابىر.
Facebook tin elinghan

دۇنيادا كەڭ قوللىنىلىدىغان ئاممىۋى تور بەتلەردىن فېيىسبۇك تورى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن رەسمىي چەكلەنگەن. ئەمما دۇنيا مىقياسىدا بىر مىلياردتىن ئارتۇق قوللانغۇچىسى بولغان بۇ تور بەت چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم بىر ئالاقە ۋاسىتىسىگە ئايلاندى. ئۇنداقتا، سىز فېيىسبۇك تورىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قانداق ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ نېمە سەۋەبلەردىن بۇ تور بەتنى ئىشلىتىدىغانلىقىغا قىزىقامسىز؟ يېقىندا ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن شەھىرىدە ئېچىلغان بىر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا دەل فېيىسبۇكنىڭ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئىشلىتىلىشى ھەققىدە بىر تەتقىقات ماقالىسى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتۈلدى.

ئىنتېرنېت تور ئالاقىسى كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىپ كىرگەندىن بۇيان، ئۆز-ئارا ئالاقە، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش، تىجارەت، سىياسەت، ھەر ساھەدە ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلدى. ئۇلار ھازىر كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىزنىڭ كىملىكىمىز ۋە دۇنيا قارىشىمىزنىڭمۇ بىر ئەينىكى بولۇپ قالدى. ھازىر ئىنتېرنېت تورىدا ھەرخىل مەقسەتلەر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان مىليونلىغان تور بەت بار. ئەمما بۇلار ئىچىدە فېيسبۇك ۋە تىۋىتتر قاتارلىق تور بەتلەر بولسا دۇنيا مىقياسىدا مىليونلىغان ھەتتا مىلياردلىغان ئابونتقا ئىگە بولغان، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارغىمۇ يات بولمىغان تور بەتلەردۇر. فېيىسبۇك تور بېتى بولسا دۇنيا مىقياسىدا جەمئىي بىر مىلياردتىن ئارتۇق قوللانغۇچىغا ئىگە بولۇپ، بۇ تور بەت شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاددىيلا بىر ئالاقە تور بېتى ئەمەسلىكىنى مىسىردا قوزغالغان «ئەرەب باھارى» ئارقىلىق ئىسپاتلىدى. شۇڭىمۇ ئۇ دۇنيادىكى خىتايغا ئوخشاش دىكتاتور دۆلەتلەرنىڭ دۈشمىنىگە ئايلاندى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2009-يىلى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن فېيىسبۇك تورىنى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە چەكلەپ، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ فېيىسبۇك تورى ئارقىلىق دۇنيا بىلەن ئۇچرىشىشىغا چەكلىمە قويغان بولسىمۇ، ئەمما چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار بولسا فېيسبۇكنى مۇھىم ئالاقە ۋاسىتىسى قاتارىدا ئىشلەتمەكتە. ئىرېلاندىيەنىڭ دۇبلىن شەھىرىگە جايلاشقان خەلقئارا ئاخبارات ۋە ئۇچۇر-ئالاقە تەتقىقات ئورگىنى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 2013-يىللىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ فېيسبۇك ئىشلىتىش ئەھۋالى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، فېيىسبۇك ئۇيغۇرلار ئۈچۈن پەقەتلا بىر ئالاقە ۋاسىتىسى ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ كىملىك قۇرۇلۇشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينىماقتا.

ئىنتېرنېت ئالاقىسى ھازىر ئەسلى يۇرتىدىن ئۇزاق باشقا دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان باشقا كۆچمەن گۇرۇپپىلار ئۈچۈن مۇھىم رول ئويناۋاتقان بولسا، 90-يىللاردىن كېيىن ئىنتېرنېتنىڭ كەڭ قوللىنىشىغا ئەگىشىپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن مۇھىم رول ئويناشقا باشلىغان. مەسىلەن، ئىنتېرنېت چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز-ئارا تەشكىللىنىشى، ئۆزىنىڭ مەدەنىي ۋە سىياسىي كىملىكىگە ۋەكىللىك قىلىشى ۋە خەلقئارالىشىشى ۋە ئوخشىمايدىغان ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە ئورنىتىشىغا شارائىت ياراتقان.

بۇ تەتقىقات ماقالىسى نۇقتىلىق ھالدا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ فېيسبۇك تورى بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈستىگە مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭدا فېيسبۇكتا ئۇيغۇر، شەرقىي تۈركىستان، شىنجاڭ ياكى بۇ ئاتالغۇلارنىڭ ئوخشىمىغان تىللاردىكى ئاتىلىشى ئاستىدا قۇرۇلغان جەمئىي 117 فېيسبۇك بېتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان. ئۇنىڭدا ئېيتىلىشىچە بۇ 117 فېيىسبۇك بېتىنىڭ 99 ئى ئومۇمغا ئوچۇق بەتلەر بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە قويۇق سىياسىي مەزمۇنلارغا ئىگە فېيىسبۇك بەت ۋە گۇرۇپپىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى تۈركىيە ۋە ئامېرىكىدا قۇرۇلغان. ئەمما ئەڭ تونۇلغان ۋە ئىچىدىكى مەزمۇنلار داۋاملىق يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان فېيىسبۇك بەتلىرى بولسا ئاساسەن تۈركىيە، ئەنگلىيە ۋە گېرمانىيەدە قۇرۇلغان بەتلەر ئىكەن.

تەتقىقات ماقالىسىدە ئېيتىلىشىچە، فېيىسبۇكتا قۇرۇلغان ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بۇ بەتلەردە ئاساسەن ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەقەلەر، مىللەتنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى ئەندىشىلەر، مەدەنىيەت، تارىخ ۋە سەنئەتكە ئوخشاش تېمىلار ئېلان قىلىنىدىغان ۋە مۇلاھىزە قىلىنىدىغان بولۇپ، فېيىسبۇك ھازىر چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ بارىدىغان، بۇ ھەقتىكى كۆز قاراش ۋە خەۋەرلەرنى تارقىتىدىغان مۇھىم بىر سورۇنىغا ئايلانغان. فېيسبۇك ھەم شۇنداقلا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرىدىغان مەيدان ھازىرلاپ بەرگەن.

بۇ تېمىدا ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدىن قارىغاندا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ناھايىتى كۈچلۈك سىياسىي ۋە مىللىي كىملىك شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ فېيىسبۇك ئالاقىسىدە ئىشلىتىدىغان سۆزلىرى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ خىتايدىن پەرقلىق بىر مىللەتلىكىنى ناھايىتى ئوچۇق ئىپادە قىلىدىغانلىقى، ئۆز ۋەتىنى بولغان ئۇيغۇر ئېلىنى خىتايدىن پەرقلەندۈرىدىغانلىقى، خىتايلارغا تەۋە بولغان چاغان، دۆلەت بايرىمى ۋە ياكى ھەرقانداق باشقا بايرامدا فېيىسبۇكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىنى تەبرىكلىمەيدىغانلىقى، ئەمما نورۇزغا ئوخشاش ئۇيغۇرلارغا خاس بايراملاردا بولسا فېيىسبۇكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر-بىرىنى مۇبارەكلەيدىغانلىقى ھەققىدە مىساللار بېرىلگەن. ماقالىدە ئېيتىلىشىچە يەنە، ئانا تىلنى ئىشلىتىش، ئانا تىلنى ئۇنتۇپ قالماسلىقمۇ چەتئەللەردىكى فېيىسبۇك ئىشلىتىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ مۇھىم تېمىسى ۋە ئەندىشىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر فېيىسبۇكتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان تېما ئىكەن. فېيىسبۇكتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپىنچىسى مىللىي كىملىكلىرىنى يوقىتىپ قويماسلىق ئۈستىدە باش قاتۇرىدىكەن.

ئەمما تەتقىقاتچىلار ماقالىنىڭ خۇلاسە قىسمىدا يەنە، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر داۋاسى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان سىياسىي شەخسىلەر ياكى تەشكىلاتلار چەتئەللەردىكى كەڭ ئۇيغۇر ئاممىسىغا تولۇق خىتاب قىلالمايۋاتقان بولۇپ، بۇنىڭ سەۋەبى بولسا ئاساسلىق بۇ سىياسىي شەخس ياكى تەشكىلاتلارنىڭ فېيىسبۇكتا ئاكتىپ مەشغۇلات ئېلىپ بارماسلىقى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىملىكىدىكى مۇرەككەپلىك ۋە شۇنداقلا ئۇزۇن يىل خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ياشاشتىن كېلىپ چىققان «ئۆز -ئۆزىنى چەكلەش» خاھىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ كۆرسىتىلگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.