ئۈرۈمچىدىكى لاگېر ۋە يېقىن ئەتراپتىكى گۇمانلىق ئورۇنلار سىستېمىلىق بىر گەۋدىمۇ؟ (2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2021.04.29
ئۈرۈمچىدىكى لاگېر ۋە يېقىن ئەتراپتىكى گۇمانلىق ئورۇنلار سىستېمىلىق بىر گەۋدىمۇ؟ (2) ئۈرۈمچى 310-يول ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىنىڭ قارلىغاچلىق يولى ئاخىرقى بېكىتىگە جايلاشقان ھەربىي گازارمىغا يانداش لاگېرنىڭ سۈنئىي ھەمراھىدىن كۆرۈنۈشى. 2021-يىلى ئاپرېل.
Bextiyar Ömer teminligen

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىغا جايلاشقان خۇڭ يەنچى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسىدىن قارلىغاچلىق مەھەللە رايونىغىچە بولغان بىر يول لىنىيەسى دائىرىسى ئىچىدىكى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە خەرىتە ئۈستىدە «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» ھەم رادىئومىز مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھەمكارلىقىدىكى دەسلەپكى ئېنىقلاشلىرىمىزدىن، ئۈرۈمچى 310-يول ئاممىۋى قاتناش ئاپتوبۇسىنىڭ قارلىغاچلىق يولى ئاخىرقى بېكىتىگە جايلاشقان ھەربىي گازارمىغا يانداش، قورشاۋغا ئېلىنغان جاينىڭ بىر لاگېر ئىكەنلىكى بايقالغانىدى.

نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇر ئەدلىيە ئارخىپى» نىڭ مەسئۇلى بەختىيار ئۆمەر ئەپەندىنىڭ كۈزىتىشىچە، «燕儿窝片区» يەنى قارغىغاچلىق مەھەللە رايونى تەۋەسىدىكى بۇ لاگېرىنىڭ ھەربىي گازارمىغا يانداش سېلىنغانلىقى ئۇنىڭ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ ئىنتايىن قاتتىق ئىكەنلىكىنىڭ بىر بەلگىسى. بۇ لاگېرغا مىڭ ئەتراپىدا ئادەم سىغىدۇ. بۇ لاگېرنىڭ ئۇدۇلىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك ئورنى دەپ گۇمان قىلىنغان ئورۇننىڭ دەرۋەقە «شىنجاڭ تەڭرىتاغ قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى يېڭى تام ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى» ناملىق ئورۇن ئىكەنلىكى، بۇنىڭدا ھەر جايلاردىكى ئاتالمىش كەسپىي تەربىيەلەش مەركەزلىرى(لاگېرلار)دىن ئېلىپ كېلىنگەن ئىشچىلارنىڭ بارلىقىمۇ كۈپ تەرەپتىن دەلىللەنگەنىدى.

بەختىيار ئۆمەر ئەپەندى، مەزكۇر تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ بۇ دائىرىنى سىستېمىلاشقان بىر گەۋدە دەپ گۇمان قىلىشىدا، ھەربىي گازارما بىخەتەرلىك كۆزىتىشى ئاستىدىكى لاگېر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئورنىدىن باشقا، يېقىن دائىرىدە خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى ئادەم ئورگانلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر ئورۇننىڭ بولۇشىدۇر. بۇ ئەڭ نۇقتىلىق گۇمان قوزغاشقا تېگىشلىك ئورۇن ئىكەن.

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونىدىكى بۇ 3 كىلومېتىر دائىرىدىكى يۇقىرىقىدەك گۇمانلىق نۇقتىلارنى بىرمۇ بىر دەلىللەشكە تىرىشتۇق.

دەسلەپ لاگېر بىلەن ئارىلىقى 200 مېتىر كەلمەيدىغان جايدىكى ئەڭ ھالقىلىق ئورۇن بولغان ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى قارمىقىدىكى ئاناتومىيە تەجرىبىخانىسى ھەققىدىكى گۇمانلىرىمىزنى يېشىشىمىز شەرت ئىدى.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىدىكى ئەدلىيەلىك جەسەت تەكشۈرۈش مەركەزلىرىدىن بىرىنىڭ تېلېفونى ئۇلاندى. ئەمما، تېلېفوننى ئالغان خادىم بۇ ئورۇننىڭ ئۈرۈمچى يېڭى شەھەر رايونىدىكى ئەدلىيەلىك ئاناتومىيەلىك تەجرىبىخانا ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ تەمىنلىگەن تەڭرىتاغ رايونى قارلىغاچلىققا جايلاشقان، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ئەدلىيەلىك ئاناتومىيە تەجرىبىخانىسىنىڭ تېلېفونى ئېلىنمىدى. گەرچە خەرىتىدە بۇ ئورۇننىڭ 10 يىللاردىن بۇيان بۇ جايدا مەۋجۇتلۇقى مەلۇم بولغان بولسىمۇ ئەمما بۇ جاينىڭ باشقا ئۇچۇرلىرى توسۇۋېتىلگەنىكەن.

بۇ ئەھۋالدا ئۇنىڭ يېنىغا جايلاشقان قەبرىستانلىقلار ئارقىلىق بۇ ئورۇننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى دەلىللەشكە تىرىشتۇق.

تەڭرىتاغ رايونىدىكى ئەڭ چوڭ مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى بىز ئېيتىۋاتقان بۇ 3 كىلومېتىر دائىرىدە ئىچىدە لاگېر ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئاناتومىيەلىك تەكشۈرۈش ئورنى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يېقىن قەبرىستانلىق بولۇپ، گوگول خەرىتىسىگە قارىغاندا لاگېر بىلەن قەبرىستانلىقنىڭ ئارىلىقى 1.4كىلومېتىر كېلىدۇ.

گۇلساي قەبرىستانلىقى باشقۇرۇش ئىشخانىسىدىن تېلېفوننى ئالغان ئۇيغۇر، لاگېردىنمۇ بۇ جايغا جەسەتلەرنىڭ ئېلىپ كېلىنىشى ۋە قانداق بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا ئىنتايىن ئېھتىيات بىلەن بۇ ھەقتە ئاشكارا گەپ قىلسا جازالىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان بولسىمۇ، بىراق لاگېردىنمۇ جەسەتلەر ئېلىپ كېلىنىدىغانلىقىنى ئىنكار قىلمىدى:

بۇ دائىرىدە بىر جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى ۋە ئىنتايىن چوڭ قەبرستانلىقمۇ بار بولۇپ، ئېنىقلاش ئارقىلىق ئۇنىڭ ئۇلانباي ئىنقىلابى قۇربانلار قەبرىستانلىقى يەنى

«ئۈرۈمچى شەھەرلىك دەپنە سارىيى» ھەمدە ئۇنىڭغا يانداش بەرپا قىلىنغان مەخسۇس جەسەت كۆيدۈرۈش مۇلازىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۇنىۋېرسال دەپنە سارىيى ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇ دەپنە سارىيىنىڭ مۇلازىمەت تېلېفونغا بىر خىتاي جاۋاب بەردى:

-بۇ ئۇلانباي قەبرىستانلىقى مۇلازىمەت مەركىزى.

-ئورنۇڭلار قەيەردە؟ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش ئورنى بىلەن يېقىن ئەتراپتىمۇ؟

-توغرا، ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنى بىلەمسىز، بىز شۇنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى دۆڭنىڭ ئۈستىدە.

-بۇ قەبرىستانلىققا ئاشۇ جەسەت تەكشۈرۈش ئورنىدىن جەسەتلەر ئېلىپ كېلىنەمدۇ؟

-بىزنىڭ بۇ جاي دەپنە قىلىدىغانلارنىڭ مۇلازىمىتىگە مەسئۇل، سىز سوراۋاتقىنىڭىزغا جەسەت كۆيدۈرۈش مەركىزىمىز مەسئۇل، مۇشۇ نومۇرغا ئۇرۇپ سوراڭ.

-ئۈرۈمچى شەھەرلىك دەپنە مەركىزىنىڭ جەسەت كۆيدۈرۈش مۇلازىمەت تېلېفونى ئۇلاندى:

-ئورنۇڭلار ماۋۇ ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش ئورنى بىلەن يېقىنمۇ؟

-قارلىغاچلىقىتكى جەسەت تەكشۈرۈش ئورنىمۇ ھە شۇنداق. گۇلساي قەبرىستانلىقى بىزگە قارىغاندا يېقىنراق، ئەمما ئۇ يەر مۇسۇلمانلار قەبرىستانلىقى، كۆيدۈرۈش مۇلازىمىتى يوق، پەقەتلا تۇپراققا كۈمۈش مۇلازىمىتى بار.

-ئەگەر جەسەت تەكشۈرۈش ئورنىدىكى جەسەتلەر كۆيدۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنماقچى بولسا سىلەرنىڭ مۇشۇ مەركەزگە ئېلىپ كېلەمدۇ؟

-شۇنداق، ئەگەر ئۇ جەسەتلەر كۆيدۈرۈلمەكچى بولسا تەڭرىتاغ رايونىدا بىزدىن باشقا جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنى يوق.

-جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسىنىڭ جەسەت تەكشۈرۈش ئورنىدىنمۇ جەسەتلەر بۇ يەردە كۆيدۈرۈشكە ئېلىپ كېلىنەمدۇ؟

-ئەلۋەتتە كېلىدۇ. ئۇلار بىزنى 24 سائەت ئىچىدە ھەر قانداق ۋاقىتتا مۇلازىمەت لازىم بولسا، دەرھال ماشىنا چىقىرىپ جەسەتنى ئۆزىمىز ئەكېلىمىز. لېكىن ئۆزلىرى ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. سىرتنىڭ ماشىنىسى مەركىزىمىزگە كىرەلمەيدۇ، جەسەتنى پەقەت ئۆزىمىز ماشىنا ئەۋەتىپ ئېلىپ كېلىمىز.

ھازىرغىچە ئېنىقلاشلىرىمىزدىن مەلۇم بولغان دەلىللەر ئارقىلىق، قارلىغاچلىق مەھەللىسىگە جايلاشقان لاگېر، ئۇنىڭغا يانمۇ-يان ھەربىي گازارما، 2003-يىلى 23-ئۆكتەبىر قۇرۇلغان شىنجاڭ «تيانشان قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى يېڭى تام ماتېرىياللىرى چەكلىك شىركىتى» نىڭ 2017-يىلىدىن باشلاپلا مەجبۇرىي ئەمگەك ئىشلىتىۋاتقانلىقى ئېنىقلاندى. ئارىلىقى بىر كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان جايلاردىن يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئەدلىيەلىك ئاناتومىيە تەجرىبىخانىسى، يەنە ئۇلانباي جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىمۇ يانمۇ يان ئورۇنلاشقانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت باغلىنىشىنىڭ بارلىقىمۇ پاش بولدى.

بۇنىڭ ئالدىدا، رادىئومىزدا ئاقسۇ شەھىرىنىڭ سىرتىدا ئىچكى ئەزا ئوپېراتسىيە قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئاقسۇ شەھەرلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىنى مەركەز قىلىپ كېڭەيتىپ سېلىنغان ئىككى لاگېر ۋە يېقىن جايدا بىر جەسەت كۆيدۈرۈش ئورنىنىڭ بارلىقى، مەزكۇر لاگېرلاردىن جەسەتلەرنىڭ بۇ جەسەت كۆيدۈرۈش مەركىزىگە يۆتكەپ كېلىنىدىغانلىقى ۋە يەنە بۇ لاگېرلارغا ئورگان يۆتكەش مەخسۇس يېشىل لىنىيەسى بار ئاقسۇ ئايرودرۇمىنىڭمۇ ئىككى لاگېر ھەم دوختۇرخانا بىلەن 25 مىنۇتلۇق مۇساپە ئىچىدە ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن ئىدۇق.

بۇ ھەقتىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىمىز ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قىزىقىۋاتقان ئاخباراتلار ۋە خىتايدىكى مەجبۇرىي ئورگان يۆتكەش مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ زور دىققىتىنى قوزغىغانىدى. كوممۇنىزم قۇربانلىرى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسى ئېتان گۇتمانغا ئوخشاش مۇتەخەسسىسلەر ئاقسۇدىكى بۇ ئورۇنلارنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا كەڭ كۆلەمدە قاماش، ئۇلارنى قۇل قىلىش ھەمدە ئورگان بانكىسى ۋە ئورگان يۆتكەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان مەخسۇس سىستېمىلىق بىر گەۋدە ئىكەنلىكى ھەققىدىكى يەكۈنلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىىدى.

ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ رايونى قارلىغاچلىق مەھەللە رايونى دائىرىسىدىكى بۇ ئورۇنلارنىڭ بىر-بىرىگە يېقىن ئورۇنلىشىشى ھەتتا ئۆز-ئارا باغلىنىشىنىڭ بارلىقى تاسادىپىلىكمۇ؟ تەكشۈرۈشىمىز داۋاملاشماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.