ئۇيغۇر رايونىدا مەسچىتلەردە ھېيت نامىزىدىن ئاۋۋال بايراق چىقىرىلىدىغانلىقى مەلۇم

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2017.08.31
Yangxang-meschit-roza-heyt-namaz-bayraq-1.jpg روزا ھېيت نامىزىدىن ئىلگىرى ياڭخاڭ مەسچىتى ئالدىدا چىقىرىلغان قىزىل بايراق. 2017-يىلى 26-ئىيۇن، ئۈرۈمچى.
Social Media

خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن روزا ھېيتتا ئۈرۈمچى خانتەڭرى مەسچىتىدە ھېيت نامىزىدىن ئاۋۋال بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەن ئىدى.

بۇ ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغان بىر ئۇقتۇرۇشتا ئۈرۈمچىدىكى بىر تۇڭگان مەسچىتىدە بۇ قۇربان ھېيتتىمۇ مەسچىتتە بايراق چىقىرىلىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلغان، مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈن بۇ ھەقتە خوتەنگە قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا، خوتەندىكى بىر قىسىم كەنت مەسچىتلىرىدە قۇربان ھېيت نامىزىدىن ئاۋۋال بايراق چىقىرىشقا ھازىرلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى بۈگۈن بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى رايوننىڭ سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي ۋەزىيىتىگە نىسبەتەن ئىلگىرىلەپ قۇتراتقۇلۇق قىلىش دەپ ئەيىبلىدى.

بىز قۇربان ھېيتتا ھېيت نامىزىدىن ئاۋۋال بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەزكۇر ئۇقتۇرۇشنىڭ تارقىلىش دائىرىسىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن خوتەندىكى بىر قىسىم يېزا ۋە كەنتلەرگە تېلېفون قىلدۇق.

يېزىلىق ساقچىخانا خادىملىرى ۋە كەنت سېكرېتارلىرى ئۆزلىرىنىڭ قۇربان ھېيتلىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. خوتەننىڭ شەھەر ئىچكىدىكى ئىلچى يېزىسى ۋە لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسىدىكى بەزى كەنتلەر، قۇربان ھېيتتا ھېيت نامىزىدىن ئاۋۋال بايراق چىقىرىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلماقتا.

مەلۇم بولۇشىچە خوتەندە دائىرىلەر قۇربان ھېيتتا كىشىلەرنىڭ كۆپ ساندا توپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئاھالىلەرنى مەركىزى مەسچىتلەرگە توپلىنىۋالماسلىققا، ھېيت نامىزىنى يېزا ياكى شەھەر مەسچىتىدە ئەمەس، بەلكى كەنت مەسچىتلىرىدە ئوقۇشقا چاقىرىق قىلغان.

خوتەن شەھەرلىك پارتكوم بىناسىنىڭ ئامانلىق ئەترىتى، بۇ يىللىق قۇربان ھېيتتا خىتاي مىللىتىدىن بولغان كادىرلارنى قوغداشنى مۇھىم ۋەزىپىلەردىن بىرى قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىنىي ئىشلار كومىتېتى مۇدىرى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى، بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلدى.

ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ بەش يۇلتۇز قىزىل بايرىقى ھەم مۇستەملىكىچى ھەم كوممۇنىست بىر ھاكىمىيەتنىڭ بايرىقى، بۇنداق بىر بايراقنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا مەۋجۇت بولۇشىنىڭ ئۆزىنى ئۇيغۇرلار ئەۋلادمۇئەۋلاد قوبۇل قىلمايۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ئۇنىڭ مەسچىتلەرگە قەدەر كۆتۈرۈلۈپ كىرىشى، بىر قۇتراتقۇلۇق.

خىتاينىڭ مەسچىتتە بايراق چىقىرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشنى بىر خىل سىياسىي ئەسەبىيلىك، دەپ ئەيىبلىگەن تۇرغۇنجان ئەپەندى، قۇتراتقۇلۇقنىڭ ھېچقانداق بىر گۇرۇھقا پايدا ئېلىپ كېلەلمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ئەپەندى قۇتراتقۇلۇقنىڭ يىللاردىن بېرى مۇقىملىق شوئارىنى توختىماي توۋلاتقان خىتاي دائىرىلىرى ئۈچۈنمۇ ئاخىرقى ھېسابتا ئېغىر زىيانلىق ئاقىۋەتلەرنى تۇغدۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.