ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزەمدۇ؟ (1)
2020.12.28

ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان جىنايەتنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ياكى ئەمەسلىكى ئامېرىكانىڭ دۆلەت ئىچىدە ۋە خەلقئارا سىياسىي سەھنىلەردە خېلىدىن بېرى مۇنازىرە قىلىنىۋاتقان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ، بەزىدە «كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئاتىلىپ كەلسە، بەزىدە «قەبىھلىك جىنايىتى» ياكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىققا يېقىن قەبىھ جىنايەت» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىلپ كەلگەنىدى. بۇ مەسىلە يەنە ئامېرىكانىڭ بۇ قېتىملىق سايلام مەزگىلىدە ئىككى پارتىيەنىڭ خېلى مۇھىم سۆز تېمىسى ۋە رىقابەت نۇقتىسى بولغان بولۇپ، جوۋ بايدىن تەرەپدارلىرى «خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايىتى ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ جاكارلاپ، ترامپ ھۆكۈمىتىنى بۇ جەھەتتىكى يېتەرسىزلىكى بىلەن ئەيىبلىگەنىدى.
يېقىندا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا «مايك پومپېيو خىتاينى ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزمەكچى» ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قەبىھ ئۇسۇلدا باستۇرۇش جىنايىتىنىڭ خاراكتېرىنى قانۇن ھەم سىياسىي جەھەتتىن ئېنىق تەكشۈرۈپ بېكىتىشنى بۇيرۇغان بولۇپ، خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈۋاتقان دۆلەت قاتارىغا كىرگۈزۈلۈش ئېھتىمالى چوڭ ئىكەن.
يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قەبىھ جىنايەتنى خەلقئارا قانۇن، تاشقىي سىياسەت ۋە ئامېرىكانىڭ بۇنىڭغا قارشى تەدبىرى نۇقتىسىدىن خەلقئارا كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشكە تىرىشىۋاتقان ئادۋوكات، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى نۇرى تۈركەل ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسلىدە بۈگۈنكى باسقۇچقا كېلىشىنىڭ قانۇنىي ۋە سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشى، بۇ ئىشنىڭ تەرەققىيات جەريانى، بولغۇسى نەتىجىسى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە ئەتراپلىق چۈشەنچە بەردى.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ھۆكۈمەتتىكى ئالاھىدە ئورنىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن نۇرى تۈركەل ئەپەندى، بۇ ئىشقا باشتىن-ئاخىر قاتنىشىپ كېلىۋاتقان بىر نوپۇزلۇق شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ ھەقتىكى كۆز قاراشلىرىنى بىر قانچە نۇقتىدىن بايان قىلدى. ئالدى بىلەن ئۇ بۇ قېتىملىق ئىچكىي تەكشۈرۈشنىڭ ئىككى لىنىيە بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىزاھلاپ ئۆتتى. ئاندىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ بۇ بۇيرۇق قارارىنىڭ يېنىكلىك بىلەن چىقىرىلغان قارار ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىقى ماقالىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ قارار ئەمەلىيەتتە ناھايىتى مۇھىم ۋەكىللىك خاراكتېرگە ھەم دىپلوماتىك ئەھمىيەتكە ئىگە سىگنال بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ يىللاردىن بۇيان بېسىم قىلىشى بىلەن، بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش ئامېرىكاىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەققىدىكى ئاخىرقى قارارنى چىقىرىشىغا تۈرتكە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاينىڭ قەبىھ جىنايىتىنىڭ خاراكتېرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قارارى ئىككى پارتىيە ئەزالىرى ترامپ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى مەسىلىسىگە ھەرىكەت قوللىنىشقا چاقىرىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلگەن. 10-ئايدا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىدىكى دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەردىن بولغان ئىككى سېناتور خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىش قارارىنى سۇنغان.
نۇرى تۈركەل ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسى ئامېرىكانىڭ دۆلەت پرىنسىپى ۋە خەلق ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىكەن. ئۇ يەنە بۇنىڭدىكى ئىككىنچى مۇھىم ئامىلنى تىلغا ئېلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئامېرىكاغا قېچىپ كەلگەن يەھۇدىيلارنىڭ بۈگۈن ئامېرىكا ئىقتىسادىدىلا ئەمەس، ئامېرىكا سىياسىتىدىمۇ مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى، قارا تەنلىكلەرنىڭمۇ كىشىلىك ھەق-ھوقۇق مەسىلىسىدە ئامېرىكاغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسىگە ئارىلىشىشى خىتاينىڭ ۋە خىتايغا يېقىن دۆلەتلەرنىڭ تەشۋىق قىلغىنىدەك، قانداقتۇر ئامېرىكانىڭ سىياسىي ئويۇنى ئەمەس، بەلكى ھەر قانداق مىللەت ياكى دىنغا قىلىنغان ھۇجۇمغا قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىي ئەركىنلىكنى قوغدايدىغان ئامېرىكا روھىنىڭ نامايەندىسى ئىكەن.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يېقىندا ئۆزىنىڭ تىۋىتتېر ھېسابىدا بايانات بېرىپ، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قارارىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئامېرىكادىكى ئەڭ چوڭ دىپلومات بەلكىم كېلەر ئايدا خىتاينىڭ جىنايىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەپ بېكىتىشى مۇمكىن،» دېگەن.
ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى يېقىندا ئۆز تور بېتىدە ئاخبارات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قەبىھ جىنايەتنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قارارىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى روشەن ئابباس خانىم مۇنداق دېگەن: «مەن شۇنىڭغا ئەپسۇسلىنىمەنكى، بىزنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قوللىنىشىمىز تولىمۇ ئاستا بولغانلىقتىن خىتاينىڭ زۇلۇمى ۋە خەلقئارادىكى يامان تەسىرى ئېشىپ كەتتى ۋە ئاقىۋەتتە لاگېرلاردىكى ئۇيغۇرلار دەھشەتلىك قىيىن-قىستاققا ئۇچرىدى، نۇرغۇن ئائىلە ئەزالىرى جىمجىتلا ئۆلۈپ كەتتى. بىز بارلىق ئىمكانلىرىمىزدىن پايدىلىنىپ، بۇ مۇھىم قارارنى تەشۋىق قىلىمىز، شۇنداقلا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ كېچىكىپ بولسىمۇ قوللانغان بۇ ھەرىكىتىگە رەھمەت ئېيتىمىز.»