كېرىيە ۋەقەسى ھەققىدە مۇلاھىزە

خىتاي ئېلان قانۇننىڭ 7-ماددىسىدا «ئېلان مەزمۇنى خەلقنىڭ جىسمانىي ۋە روھى ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولۇشى، جەمئىيەتنىڭ ئاممىۋى ئەخلاقى ۋە كەسپى ئەخلاقىغا ھۆرمەت قىلغان بولۇشى، ئېلانلار، خۇراپىي، تېررور ۋە زوراۋان ھەمدە نومۇسسىز مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالماسلىقى كېرەك» دەپ ئېنىق كۆرسىتىلىدۇ.

0:00 / 0:00

ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز قانۇنىغا خىلاپ ھالدا، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىززەت-ئابرۇيىغا تېگىدىغان ئېلان ۋە رەسىملەرنى ئەركىن چاپلىغان بولۇپ، بۇنىڭغا قارشىلىق بىلدۈرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرۇش بىلەن بىرگە، قانلىق باستۇرۇش ۋەقەلىرىنى جېنىنىڭ بارىچە يوشۇرۇپ كەلمەكتە.

رادىئويىمىزنىڭ كېرىيىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى باستۇرۇش ۋەقەسى توغرىسىدىكى مەلۇماتىدا ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋەقەنىڭ ئاشكارىلىنىپ قېلىشىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ بارلىق يولسىزلىقلىرىنى جىمجىت بېسىقتۇرۇپ قويغان ئىكەن.

ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بېرىۋاتقان كېرىيە ۋەقەسىگە ئوخشاش، ئۇيغۇر ياشلىرىنى تۈرلۈك باھانە-سەۋەبلەر بىلەن ئۆلتۈرۈش ۋەقەلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ كانادادىكى شۆبىسىنىڭ باشلىقى ئالەخ نېۋ گەرچە بۇ ۋەقە توغرىسىدا خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىۋاسىتە مەلۇماتى يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاي زۇلۇمىنىڭ ھەقىقەتەن چەكتىن ئېشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىي ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقىنىغا ئۇزۇن يىللار بولۇپ كەتتى، خالىغانچە ئادەم تۇتۇش، قىيناپ ئۆلتۈرۈش ۋە ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش توختىماي داۋام قىلماقتا. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قىرغىنچىلىقى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ھالدا داۋام قىلماقتا، شۇغىنىسى، دۇنيا ئەللىرى خىتايغا بۇ ھەقتە يېتەرلىك بېسىم قىلمايۋاتىدۇ، خىتاينىڭ بۇ خىل ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىشىغا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەيۋاتىدۇ.»

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇسابايىف ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاشكارا قىرغىن قىلىپلا قالماي، يوشۇرۇن قىرغىن قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ نارازىلىق بىلدۈردى.