خىتاي نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق مۇقىملىقنى تەكىتلەيدۇ؟

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز مېھرىبان تەييارلىدى
2025.01.13
قەشقەر تەنتەربىيە مەكتىپىنىڭ ئاز دېگەندە 8 نەپەر ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى جازا لاگېرىدىكى تۇتقۇنلار ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تېلېۋىزوردا سۆزلەۋاتقان ئىلى ئوبلاست باشلىقى نۇرلان ئابدۇمالىننىڭ سۆزىنى ئاڭلىماقتا. 2022-يىل 24-ماي.
AFP

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ 2025-يىللىق چاغان بايرىمى ھارپىسىدا ئۇيغۇر ئېلىدە باشلىغان «قىشلىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى ھەمدە پۈتكۈل رايون مىقياسىدا جىددىي قانات يايدۇرۇۋاتقان دۆلەت خەۋپسىزلىك تەشۋىقاتى، ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كۆزەتكۈچىلەرنىڭ كۈچلۈك دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي تاراتقۇلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2025-يىلى كىرىشى بىلەن، بولۇپمۇ خىتاينىڭ چاغان بايرىمى يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى دائىرىلىرى «قىشلىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى» نى باشلىغان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى ما شىڭرۇي يېڭى يىل كىرىشى بىلەن رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق مەسىلىسىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغان بولۇپ، ئۇ 9-يانۋار كۈنى خوتەندە مەخسۇس تەكشۈرۈشتە بولغىنىدا، «ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاش» نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. ئۇندىن باشقا «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە 10-دېكابىر كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن «ساقچىلار كۈنى» دە «رايوننىڭ مۇقىملىقنى ساقلاشتا تۆھپە قوشقان نەمۇنىلىك ساقچى» لارنىڭ تەقدىرلەنگەنلىكى، رايوندا قۇرۇلغان «ئانار» ناملىق بىخەتەرلىك تور سەھىپىسىنىڭ رولى ھەققىدە خەۋەرلەر بېرىلگەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى بولغان «شىنجاڭ گېزىتى» دە دېيىلىشىچە، مەزكۇر گېزىتنىڭ تور سەھىپىسىدە 10-يانۋاردىن باشلاپ «دۆلەت خەۋپسىزلىك تەربىيەسى» نى تەشۋىق قىلىدىغان «ئانار» سەھىپىسى تەسىس قىلىنغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ سەھىپە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك تەشۋىقات ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە يەنە بۇ سەھىپىنىڭ رولى ھەققىدە توختىلىپ، «دۆلەت خەۋپسىزلىك تەربىيەسى» نى نىشان قىلغان «ئانار» سەھىپىسىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، «پۈتۈن جەمئىيەتتە دۆلەت خەۋپسىزلىك تەشۋىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەڭ خەلقنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە» دېيىلگەن.

ئامېرىكا چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپلىك پىروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بىياۋنىڭ قارىشىچە، يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇش داۋام قىلىۋاتقان بىر شارائىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايوندا داۋاملىق تۈردە «زەربە بېرىش» نى تەكىتلىشى، ئۆزىنىڭ رايوندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى بىلەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇش تاكتىكىسى ئىكەن:

«بۇ يەتتە-سەككىز يىلدىن بۇيان، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭدا ئېلىپ بېرىۋاتقان چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇشى، يۇقىرى تېخنىكالىق نازارەت سىستېمىسى ۋە قامال سىياسىتى سەۋەبلىك، شىنجاڭ ئاللىقاچان ‹ئۈستى ئوچۇق تۈرمە›گە ئايلاندى. شۇنداقكەن، ئۇ يەردە يەنە ئاتالمىش ‹مۇقىملىق تەدبىرلىرى› ئېلىش ھاجەتسىز. ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق مۇقىملىقنى تەكىتلەۋاتىدۇ؛ قاتتىق زەربە بېرىش ۋە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلىۋاتىدۇ. بىز بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يېپىش ئۈچۈن باھانە ئىزدىشى ياكى رايوندىكى يۇقىرى بېسىملىق باستۇرۇشلىرىنى ھەقلىق قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇشى دەپ قارىساقلا بولىدۇ، خالاس. ئۇلارنىڭ مەقسىتى ‹شىنجاڭدا تېررورلۇق، ئاشقۇنلۇق ۋە مۇقىمسىزلىق ئامىللىرى يەنىلا مەۋجۇت، شۇڭا قاتتىق زەربە بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا مەجبۇرمىز› دېگەن سىگنالنى بېرىشتۇر. ئەمەلىيەتتە بۇ ‹ئوغرىنىڭ ئوغرىنى تۇتۇڭلار› دەپ ۋارقىرىغىنىغا ئوخشاشلا بىر ئىش. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى مۇشۇنداق ۋاستىلار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى يېپىشقا ئۇرۇنماقتا.»

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا، 2025-يىلى كىرىشى بىلەن باشلانغان «قىشلىق زەربە بېرىش» ھەرىكىتى، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان يەنە بىر قېتىملىق چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى ئىكەن.

ئىلشات ھەسەننىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەرنىڭ رايوندا مۇقىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىشى، يەنە بىر جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىغا بولغان ئەندىشىسىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان ئىقتىسادىي ۋەزىيەت، كۈنسايىن كۆپىيىۋاتقان ئىشسىزلىق، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدە يۈز بېرىۋاتقان ئاممىۋى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى، شۇنداقلا بۇلتۇر يىل ئاخىرى سۈرىيەدە بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرۇلۇپ، ئوتتۇرا-شەرق ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇش ئىچىگە كىرىشى قاتارلىق ئامىللار، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇقىملىقىغا بولغان ئەندىشىسى داۋاملىق كۈچەيتمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكادىكى تۇڭگان ئانالىزچى ما جۈ ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «مۇقىملىقنى قوغداش» نامىدا داۋاملىق زەربە بېرىشنى تەكىتلىشىدىكى سەۋەب ۋە ئەندىشىلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى:

«خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرىدىن داۋام قىلىپ كېلىۋاتقان مىللىي زۇلمى ۋە ئۇيغۇرلارنى نىشان قىلغان ‹ئىرقىي قىرغىنچىلىق›سىياسىتىدىن باشقا يەنە نۆۋەتتە ‹قىشلىق زەربە بېرىش› نامىدىكى تازىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەب، ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرا ۋە دۆلەت ھالقىغان مىللەت بولغانلىقىدىدۇر. ئۇيغۇرلار تۈركىي تىللىق مىللەتلەر توپىغا مەنسۇپ بىر خەلق. ئۇلارنىڭ تارىختىن بۇيان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن قان-قېرىنداشلىق، مەدەنىيەت، تىل ۋە دىنىي جەھەتلەردە يېقىن باغلىنىشى بار. يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بىر مىللەت. ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكى ئۇلارنى خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى تىبەتلەر بىلەن موڭغۇللاردىن پەرقلىق قىلغان. تىبەت ۋە موڭغۇللار پەقەتلا خىتاي ئىچىدىكى باشقا بىر مىللەت ياكى ئاز سانلىق مىللەت سۈپىتىدىلا مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلاردەك يەرشارىلاشقان، كۆپ دۆلەت ۋە رايونلار، شۇنىڭدەك بىپايان ياۋرو-ئاسىيا جۇغراپىيەسىدە ياشايدىغان خەلقلەر بىلەن بولغان باغلىنىشى قويۇق ئەمەس. نۆۋەتتە ئۇيغۇر قوراللىقلىرىنىڭ سۈرىيەدىكى بەشەر ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشتا ئوينىغان رولى ۋە مەلۇم ھەربىي كۈچىنى نامايان قىلىشى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن قورقۇنچلۇق بىر ئەھۋال. بۇنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان ئامىللارنىڭ بىرى دېسەك بولىدۇ.»

گېرمانىيەدىكى مۇستەقىل ئانالىزچى ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق تۈردە «مۇقىملىق» ۋە «قاتتىق زەربە» بېرىشنى تەكىتلىشى، ئۇلارنىڭ رايوندا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەرقانداق بىر داۋالغۇشقا بولغان ئەندىشىسىدىن ئىكەن.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا 1985-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن «12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى» دىن تارتىپ، 2022-يىلىدىكى «25-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى» ۋە خىتايدا قوزغالغان «ئاق قەغەز ئىنقىلابى» غىچە بولغان ۋەقەلەر ۋە ئۇلارنىڭ سەۋەبلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

ئەنۋەر ئەخمەت ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زوراۋانلىق سىياسەتلىرى تارىختىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەندىشىگە سالىدىغان زور نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەبچى بولۇپ كەلگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.