خىتاي قازاقىستان بىلەن لايىھىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا نېمىنى كۆزلەيدۇ؟
2016.07.14
كېيىنكى يىللاردا خىتاي بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان ۋە تۈركمەنىستان جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر قاتار لايىھىلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆزلەۋاتقانلىقى مەلۇم. 14-ئىيۇلدا رۇسىيەنىڭ «رېگنۇم» ئاخبارات ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «تاۋۇتقىچە دوستلار: خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى باھالىرى بارغانچە قارىمۇ-قارشى بولماقتا» ناملىق ماقالىنىڭ ئاپتورى ئېۋگېنىيا كىم خىتاينىڭ سابىق ئوتتۇرا ئاسىيا سوۋېت جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن تۈزگەن لايىھىلىرىگە ئۆز باھاسىنى بەرگەن. ئۇ بۇ لايىھىلەرنىڭ ئەمەلگە ئېشىش قەرەللىرىنىڭ بەلگىسىز بىر ۋاقىتقا قالدۇرۇلغانلىقىنى، پەقەت مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي كارخانىلىرىنى قازاقىستانغا كۆچۈرۈش بويىچە ئالتە لايىھىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا 4 مىليارد دوللار سەرپ قىلىشنىڭ كۆزدە تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى، ئومۇمەن ئىككى مەملىكەت ئوتتۇرىسىدا 51 لايىھىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ لايىھىلەرنىڭ كۆپچىلىكىنى ئىقتىسادنىڭ ئىشلەپ چىقىرىش ساھەسى تەشكىل قىلماقچى.
ماقالىدە ئېيتىلغاندەك، قازاقىستان ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقاتلار ئىنستىتۇتىنىڭ مۇدىرى يېرلان كارىن مۇشۇ يىلنىڭ بېشىدا مەملىكەت تېررىتورىيىسىدە 2500 خىتاي كومپانىيىسىنىڭ تىركەلگەنلىكىنى ھەم قازاقىستاندا ئىشلەۋاتقان چەتئەل كومپانىيىلىرى ئىچىدە خىتاينىڭ بەشىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن قازاقىستاندىكى مۇقىملىق ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە توختالغان ماقالە ئاپتورى خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى ئەلچىسىنىڭ سۆزلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاينىڭ ئەسلىدە مەركىزىي ئاسىياغا تەسىر قىلىش نىيىتىنىڭ يوقلۇقىنى، خىتاينىڭ شەخسىي مەنپەئەتلەرنى كۆزلىمەي، بەلكى ئىككى تەرەپلىمىلىك ھەمكارلىقنىڭ ھەر ئىككى تەرەپ مەنپەئەتلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. يۇقىرىدا ئاتالغاندەك لايىھىلەر ئاساسىدا، مەسىلەن، قازاقىستان خىتاي ئۈچۈن ئوق-دورا ئىشلەپچىقىرىش، خىتاي بۇنىڭ ئورنىغا قازاقىستانلىق ھەربىيلەر ئۈچۈن تۇرۇشلۇق ئۆيلەرنى سېلىش پىلانلانماقتا ئىكەن. بۇنىڭدىن تاشقىرى، كىنو ئىشلەش ۋە بىلىم ساھەلىرىدىمۇ بىرلەشكەن لايىھىلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقچى. مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھازىر خىتايدا 11 مىڭ قازاقىستانلىق بىلىم ئېلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سانىنى يەنىمۇ كۆپەيتىش كۆزدە تۇتۇلماقتا. بۇ يۆنىلىشتىكى يېڭى كېلىشىم شەرتلىرى ھازىرچە سىر بولۇپ قالماقتا.
خىتاي مۇنداق لايىھىلەرنى باشقىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى پىلانلاۋاتقان بولسىمۇ، بەزى مەسىلىلەردە تالاش-تارتىش بولغانلىقتىن بۇ لايىھىلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇش قەرەللىرى سوزۇلماقتا. مەسىلەن، قىرغىزىستان بىلەن خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولىنى سېلىش لايىھىسىنىڭ مۇھاكىمە قىلىنىۋاتقىنىغا 15 يىل بولغان ئىكەن. شۇنداقتىمۇ، خىتاي ۋە قىرغىزىستان بەزى ساھەلەردە ھەمكارلىقىنى خېلى كۈچەيتىشنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ئېيتىلىدۇ. مەسىلەن، مۇشۇ يىلى ئالتىنچى ئاينىڭ 1-كۈنى بىشكەكتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى توۋارلىرىنىڭ كۆرگەزمىسى ئېچىلسا، 3-كۈنى قىرغىز-خىتاي تېببىي يىغىنى، 28-كۈنى ئىككى تەرەپلىمىلىك ئىش يىغىنى ئۆتكەن ئىدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ماقالىدە مۇشۇ يىلنىڭ ئىيۇن ئېيىدا خىتاي-قازاقىستان-قىرغىزىستان ساياھەت ئاپتوموبىل يولىنىڭ ئېچىلىشى پىلانلانغان بولسىمۇ، ئاممىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ ھەقتە بىرەر مەلۇماتنىڭ ھازىرچە ئېلان قىلىنمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
ئەمدى خىتاي بىلەن تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم بويىچە خىتاي تاجىكىستاننىڭ شىمالىدىكى ئىستىكۆل شەھىرىدە چوڭ مېتالۇرگىيە زاۋۇتىنى قۇرۇش پىلانلىنىپ، ئۇنىڭغا خىتاي 500 مىليون دوللار مەبلەغ ئاجراتماقچى. بۇنىڭدىن سىرت يەنە مەملىكەتنىڭ سوغدا ۋىلايىتىدە بىنالار، تۆمۈر يول، ئېلېكتر ئېنېرگىيە ئىستانسىسى ۋە باشقىمۇ بىر نەچچە چوڭ-كىچىك ئىستانسىلار ۋە باشقىلارنى سېلىشقىمۇ خىتاي تەرەپ مەبلەغ سالماقچى. تۆمۈر يول، گاز تۇرۇبىلىرىنى سېلىش لايىھىلىرى ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستان بىلەن بىرلىكتىمۇ ئەمەلگە ئاشماقچى.
رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىس راسۇل جۇمالىنىڭ پىكرىچە، كېيىنكى يىگىرمە-يىگىرمە بەش يىل ئىچىدە خىتاي بولۇپمۇ قوشنا مەملىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە ئۆزىنىڭ ئىمپېرىيەلىك نىيەتلىرىدىن يىراق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشقا تىرىشىپ كەلمەكتە. ئۇ مۇنداق دېدى: «خىتاي ئىشەنچلىك ۋە گەۋدىلىك بىر شېرىك بولۇپ، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي ساھەدىكى ھەمكارلىقى باشقا مەملىكەتلەر ئۈچۈن ئەھمىيەتلىك. شۇڭلاشقا خىتاي مۇشۇ كۈنگىچە ئۆزىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر دۆلەت ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا. شۇ نەرسە چۈشىنىشلىككى، ئىقتىسادىي قۇدرىتىنىڭ ئۆسۈشى ھامان بىر كۈنى بەرىبىر خىتاينىڭ سىياسىي قۇدرىتىنىڭمۇ ئۆسۈشىگە ئېلىپ كېلىدۇ. ھازىرچە خىتاي تېخى مۇنداق دەرىجىگە يەتمىدى».
يەنە بىر قازاقىستانلىق مۇتەخەسسىس غالىم ئاگېلېئۇئوف زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ، مەسىلەن، قازاقىستانغا سېلىۋاتقان مەبلەغلىرىنىڭ ھەقىقەتەنمۇ قازاقىستاننىڭ ئومۇمىي ئىقتىسادىغا ئىجابىي تەسىر يەتكۈزىدىغان بولسا، بۇنى ھەر جەھەتتىن قوللاشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى، ئامما ئەمەلىيەتتە بۇ مەبلەغلەرنىڭ كۆپىنچە ئايرىم ئەمەلدارلارنىڭ يانچۇقىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا كېلىشىلگەن لايىھىلەر بويىچە خىتاي كارخانىلىرىنىڭ قازاقىستانغا يۆتكىلىشىنىڭ ھەممە شەرتلىرى ئالدىن-ئالا قانۇنلاشتۇرۇش زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈرۈپ، مۇنداق دېدى: «ھەر بىر كارخانىنىڭ ئۆزىنىڭ قائىدىلىرى، قانۇنلىرى بولۇشى تېگىشلىك. ئەگەر مۇشۇ قائىدە ۋە شەرتلەر تولۇقى بىلەن ساقلىنىدىغان بولسا، ئەلۋەتتە، ياخشى. ئەمما بىزدە ئۇنداق قائىدىلەرنىڭ ساقلانمىغان پەيتلىرىمۇ بولۇپ تۇرىدۇ. مۇبادا قازاقىستانلىق ئىشچىلارنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغان، مەسىلەن، كەسپىي ئىتتىپاق ئوخشاش تەشكىلاتلارنى قۇرۇش كۆزدە تۇتۇلمايدىغان بولسا، ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى كىم قوغدايدۇ؟ ئۇ چاغدا يەرلىك ئىشچىلارنىڭ چەتئەللىكلەر بىلەن توقۇنۇشلىرى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ قاتتىق بولۇشى مۇمكىن. بۇ يەردە يەنىلا شۇ ئىش بەرگۈچىلەر، مەبلەغ ئاجراتقۇچىلار، يەنى خىتاي تەرەپ پايدا كۆرىدۇ».
غ. ئاگېلېئۇئوف خىتاي كارخانىلىرى بۇ مەملىكەتتە پەقەت ئۆز ئىشچىلىرىنىڭ مەنپەئەتلىرىنى قوغداشقا تىرىشىدىغانلىقىنى، خىتاي كارخانىلىرى ئىشلىگەن تەقدىردە بۇ يەرنىڭ ھاۋاسىنىڭ بۇلغىنىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مەھسۇلاتلىرىغىمۇ بىخەتەرلىك ئۆلچەملىرى بويىچە قاتتىق تەلەپ قويۇلمىسا، ئۆلچەمسىز خىتاي مەھسۇلاتلىرىنىڭ قازاقىستانلىقلارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
مەلۇمكى، 6-ئاينىڭ ئاخىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ يىغىنى جەريانىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئۆزبېكىستاندا رەسمىي زىيارەتتە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بىر قاتار كېلىشىملەر ئىمزالاندى. خىتاينىڭ ئۆزبېكىستانغا 2 يېرىم مىليارد دوللاردىن ئارتۇق كرېدىت بەرمەكچى بولغانلىقى مەلۇم بولدى. شى جىنپىڭ يەنە تاجىكىستان، قىرغىزىستان ۋە قازاقىستان رەھبەرلىرى بىلەنمۇ ئايرىم ئۇچرىشىپ، خىتاي بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە سودا، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقلىرىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرىدە پىكىر ئالماشتۇرغان ئىدى. خىتاينىڭ نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە سودا-ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆپلەپ مەبلەغ سېلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مەنپەئەت باغلىنىشىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقى، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مەزكۇر ئالاقىلەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمۇ ۋاسىتە قىلىۋاتقانلىقى مەتبۇئاتلارنىڭ داۋاملىق قىزىق تېمىسى بولماقتا.