قۇربانجان سەمەتنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرىسىتېتلىرىدىكى زەنجىرسىمان لېكسىيەسى قانداق ئارقا كۆرۈنۈشتە ئوتتۇرىغا چىقتى؟ (1)

مۇخبىرىمىز قۇتلان
2015.09.29
Qurbanjan-semet-leksiyesi-resim.jpg قۇربانجان سەمەتنىڭ ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا بەرگەن «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق لېكسىيەسىدىن كۆرۈنۈش
Social Media

ئىگىلىشىمىزچە، ئۆتكەن يىلىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق كىتابى بىلەن داڭدار شەخسكە ئايلانغان قۇربانجان سەمەت بۈگۈن، يەنى 9-ئاينىڭ 29-كۈنى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىر مەيدان لېكسىيە بەرگەن.

قىزىقارلىقى شۇكى، ھەرقانداق نۇتۇق ياكى ئىلمىي لېكسىيەلەر چەكلىمىسىز ھالدا ئاۋامغا ئېچىۋېتىلىدىغان ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا، قۇربانجان سەمەتنىڭ بۈگۈنكى لېكسىيەسى پەقەتلا خىتاي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قارمىقىدىكى ئوقۇغۇچىلارغىلا ئۇيۇشتۇرۇلغان.

جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تور بېتىگە «جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بىرلەشمىسى» نامىدىن چىقىرىلغان ئېلاندا مۇنداق دېيىلگەن: «بۇ لېكسىيەگە قاتنىشىدىغانلار پەقەتلا جورجى تاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەنلا چەكلىنىدۇ. مەيدانغا ئىجازەت كارتىڭىزنى تەكشۈرۈپ كىرگۈزۈلىدۇ.»

قۇربانجان سەمەتنىڭ لېكسىيەسى ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ۋە مۇخبىرلىرىدىن خالىي ھالدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى، لېكسىيە مەيدانىغا سىرتتىن ئادەم كىرگۈزۈلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، لېكسىيە ئەھۋالىنى نەق مەيداندىن خەۋەر قىلىشقا مۇمكىنچىلىك بولمىدى. ھالبۇكى، ئۇنىڭ 27-سېنتەبىردە كالىفورنىيەدىكى ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسىگە خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان ئاران 20 نەچچە كىشى قاتناشقان.

مەلۇم بولۇشىچە، قۇربانجان سەمەتنىڭ «مەن شىنجاڭدىن كەلدىم» ناملىق خىتايچە كىتابى ئۆتكەن يىلى بېيجىڭدا نەشر قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشىڭ ئۇنى مەخسۇس قوبۇل قىلغان ۋە ماختىغان. بۇ كىتاب خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى بىلەن ئىنگلىزچە نەشر قىلىنىپ، بۇ يىل 5-ئايدا نيۇيوركتا تارقىتىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. مۇراسىمغا خىتاينىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى سۈي تيەنكەي قاتنىشىپ، قۇربانجان بىلەن ئالاھىدە سۆزلەشكەن.

نۆۋەتتە ئامېرىكىدىكى بىرقانچە ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خىتاي ئوقۇغۇچىلارغا لېكسىيە سۆزلەۋاتقان قۇربانجان سەمەتنىڭ پائالىيەتلىرى ھەققىدە خىتايدىكى چوڭ گېزىتلەر بىلەن ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا بەس-بەستە خەۋەرلەر بېرىلمەكتىكەن. بۇ خەۋەرلەردە قۇربانجان سەمەتنىڭ ئامېرىكىدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا نۇتۇق سۆزلەپ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ جۇڭگو ۋە شىنجاڭ ھەققىدىكى بىر تەرەپلىمە كۆز قاراشلىرىنى ئۆزگەرتكەنلىكى، جۇڭگونىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەتلەرنى سىغدۇرالايدىغان دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئۆز كىتابى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ كۆرسەتكەنلىكى داۋراڭ قىلىنغان.

ھالبۇكى، قۇربانجان سەمەتنىڭ ئامېرىكىدىكى 8 ئۇنىۋېرسىتېتتا سۆزلەيدىغان لېكسىيەسىنى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتلار ئەمەس، بەلكى مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى «جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى» ئۇيۇشتۇرغانلىقى مەلۇم.

«جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋە تەتقىقاتچىلار بىرلەشمىسى» نامىدا ئامېرىكىنىڭ كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئارقا-ئارقىدىن قۇرۇلغان بۇ ئاتالمىش «ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى» ئەمەلىيەتتە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ بىۋاسىتە باشقۇرۇشىدىكى تەشكىلاتلار ئىكەنلىكى مەلۇم.

بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى قۇربانجان سەمەتنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرىسىتېتلىرىدىكى لېكسىيەلىرىنىڭ پەقەتلا خىتاي ئوقۇغۇچىلىرىغا قارىتىلغان «يېپىق لېكسىيە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دوكتور جۈرئەت ئوبۇل ئەپەندىمۇ قۇربانجان سەمەتنىڭ ئامېرىكا ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا سۆزلەۋاتقان ئاتالمىش لېكسىيەلىرى ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «چەتئەلنىڭ نامىنى سېتىپ، دۆلەت ئىچىدىكىلەرنى قايىل قىلىش» قا ئۇرۇنۇشتەك تەشۋىقات تاكتىكىسى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

قۇربانجان سەمەت بۇ يىلنىڭ بېشىدا «نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى» خىتايچە بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرى سورىغان «شىنجاڭ دېگەن سۆزگە قانداق ئېنىقلىما بېرىش كېرەك؟» دېگەن سوئالغا مۇنداق جاۋاب بەرگەن:

«شىنجاڭ دېگەندە، بۇ ھەرگىزمۇ مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئۇقۇمىنى بەرمەيدۇ. شىنجاڭدا 13 مىللەت ياشايدۇ. شۇڭا شىنجاڭلىق دېگەن سۆزمۇ مەلۇم بىر مىللەتنىلا كۆرسەتمەيدۇ. شىنجاڭدا مىللەتلەر ئارا تام ياكى توسۇق يوق. مەسىلەن، شەخسەن ئۆزۈمنىڭ نەسەبىنى ئېلىپ ئېيتسام، ئاتا تەرەپ مومام 7 ياش ۋاقتىدا ئۆزبېكىستاندىن قەشقەرگە كۆچۈپ كەلگەن ئىكەن. مومامنىڭ دادىسى ئۇيغۇر، ئانىسى ئۆزبېك ئىكەن. شۇڭا دادامدا ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك قېنى بار. ئانامدا بەلكىم موڭغۇل قېنى بار بولۇشى مۇمكىن.»

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.