چەتئەل مەتبۇئاتلىرى: ئورتاق ئىستراتېگىيىسى بولمىغان «ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلەر»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئازاد قاسىم
2013.03.28
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp
shi-jinping-rusiye-ziyaret-moskwa.jpg خىتاينىڭ يېڭى رەئىسى شى جىنپىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۇان ئايروپىلان بىلەن موسكۋاغا كەلدى. 2013-يىلى 22-مارت، رۇسىيە.
AFP

خىتاينىڭ يېڭى رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئوتكەن ھەپتە ئاخىرىدا رۇسىيىگە قىلغان زىيارىتى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا قىزىق تېمىغا ئايلاندى. گەرچە ھەر ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى رۇسىيە بىلەن خىتاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشكەن بولسىمۇ، بىراق خەلقئارا مەتبۇئاتلار بۇ ئىككى قوشنا دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئورتاق ئىستراتېگىيىنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈرۈشتى.

«گېرمانىيە ئاۋازى»رادىئوسىنىڭ يەكشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن خىتاي رەئىسىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدە خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلىك مۇناسىۋەت دۇنيادا تېخىمۇ ئادىل بولغان يېڭى تەرتىپ بەرپا قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەتنىڭ ئۈلگىسى دەپ تەكىتلىگەن. ھالبۇكى، «فرانكىفورت گېزىتى» نىڭ مۇسكۋادا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە گېئوپولىتىكىلىق نۇقتىئىنەزەردىن قارىغاندا، رۇسىيە بىلەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاتالمىش«ئىستراتېگىيىلىك شېرىكلەر»نىڭ رىقابەت بىلەن تولغان مۇناسىۋىتىنىڭ ئىككى دۆلەتكە ئورتاق بولغان ئىستراتېگىيىنىڭ بارلىققا كېلىشىگە يول بەرمەيدىغانلىقى ھەمدە شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭمۇ بۇ ھالەتنى ئۆزگەرتەلمەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

خەۋەردە بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ رۇسىيىنىڭ ئارقا ھويلىسى ھېسابلانغان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كەسكىن رىقابىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېيىلىدۇ:
خىتاي «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى»دىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىبارەت رۇسىيىنىڭ «ئارقا ھويلىسى» دەپ قارىلىدىغان، مول تەبىئىي بايلىققا ئىگە بولغان بۇ رايونغا قاراتقان سىياسىي ۋە ئىقتىسادى كېڭەيمىچىلىكىنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتىدۇ. رۇسىيىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى» خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئىستراتېگىيىسىنى كۆزىتىشتىكى بىر ۋاسىتە دەپ قارالسىمۇ، بىراق ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن كونترول قىلالايدىغان مەبلەغنىڭ يېتىشسىزلىكى سەۋەبىدىن رۇسىيە بۇ رايوندىكى مەنپەئەتدارلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن. خىتاي بولسا ئۆزىنىڭ غايەت زور ئىقتىسادى كۈچىگە تايىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چىرىكلەشكەن ھاكىمىيەتلەرنى پايدىغا قىزىقتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆتكەن يىلى تۈركمەنىستاندىن ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتۇشىدىغان 1833 كىلومېتىرلىق تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش لىنىيىسىنى پۈتتۈرۈپ ئىشقا كىرىشتۈردى. بېيجىڭ دائىرىلىرى يەنە قازاقىستان ھەم ئۆزبېكىستانلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا-خىتاي تەبىئىي گاز يەتكۈزۈش لىنىيىسى كېلىشىمى ئىمزالاشقا يېتىشتى. نەتىجىدە رۇسىيە بۈگۈنگىچە بەھرىمەن بولۇپ كېلىۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ تەبىئىي گازىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى خوجايىنلىق ئورنىدىن مەھرۇم بولدى.

نۆۋەتتە ئامېرىكا ۋە ناتو قوشۇنلىرىنىڭ 2014-يىلنىڭ ئاخىرىدا ئافغانىستاندىن قوشۇن چېكىندۈرۈشىگە ئەگىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيادا بارلىققا كېلىدىغان تىنچسىز ۋەزىيەت رۇسىيە بىلەن خىتايدىن ئىبارەت بۇ رايوننى ئۆز كونتروللۇقىغا ئېلىش ئۈچۈن رىقابەتلىشىۋاتقان ئىككى دۆلەت ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. بولۇپمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى ئافغانىستاندىكى تالىبان كۈچلىرىنىڭ كۈنساناپ زورىيىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرا ئاسىيادا بارلىققا كېلىدىغان «ئىسلام باھارى» شامىلىنىڭ مۇستەقىللىق داۋاسى قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرۇۋىتىشىدىن ھەمدە خىتاينىڭ ئاساسلىق ئېنېرگىيە مەنبەسى بولغان بۇ رايوندا كۈتۈلمىگەن داۋالغۇشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ھەممىدىن بەك خەۋپسىرەيدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 2014-يىلدىن كېيىنكى خەۋپسىزلىكى ھەققىدە تەھلىل يۈرگۈزگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ «ئالتۇن تاۋاق»نى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەقسىتىدە ئوچۇق-ئاشكارا رىقابەتلىشىۋاتقان ئاتالمىش «ئىستراتېگىيىلىك شېرىك»لەر ئوتتۇرىسىدا شۆھبىسىزكى، ئورتاق بىر ئىستراتېگىيىنىڭ بولۇشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 2014-يىلدىن كېيىنكى مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالايدىغان دۆلەتلەر ئارا ئىستراتېگىيە تۈزۈپ چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس. خۇددى رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغان ئۆزبېكىستانلىق مىلياردىر ئەلىشىر ئوسمانۇفنىڭ بىلدۈرگىنىدەك «قاچانىكى ئوتتۇرا ئاسىيا ئۆز كونتروللۇقىدىن چىقىپ كەتكەندىلا، بۇنداق بىر ئىستراتېگىيە بارلىققا كېلىشى مۇمكىن».

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.