ئۇيغۇر ۋە قازاق لاگېر شاھتلىرىنىڭ گۇۋاھلىقلىرى، ئۇلارنىڭ كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان كىتابلارنىڭ نەشر قىلىنىشى، دۇنيادا ئۇيغۇر دىيارى ۋەزىيىتىگە قارىتا يېڭىدىن دىققەت ۋە ئىنكاس دولقۇنى ھاسىل قىلىپ كەلمەكتە.جۈملىدىن شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان لاگېر شاھىتى سايراگۈل ساۋۇتباي خانىمنىڭ غۇلجىدىكى ئاتالمىش «تېخنىكا تەربىيەلەش مەكتىپى» دە ئوقۇتقۇچى بولۇش جەرياندا كۆرگەنلىرى بايان قىلىنغان «تاجىدار شاھىت» ناملىق كىتاب، دەسلەپ 2020-يىلى 6-ئايدا گېرمان تىلىدا ۋە 2021-يىلى-5 ئايدا، ئىنگلىزچە نەشر قىلىنغانىدى. ھازىرغىچە بۇ كىتاب 9 تىلدا نەشر قىلىنغان.
سايراگۈل خانىم بۇ كىتابنىڭ ھەر قېتىملىق ئوخشىمىغان تىلدا نەشردىن چىقىشى مۇناسىۋىتى بىلەن كىتاب تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى داۋام قىلماقتىكەن.
خىتاينىڭ «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» لىرىنى ئاڭلىتىشتا كىتاب يېزىشنىڭ رولى ھەققىدە، مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ سايراگۈل خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان مەخسۇس سۆھبىتىگە ئىشتىراك قىلىڭ. )يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز(