پروفېسسور تىموسى گروس: خىتاينىڭ قولى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ باردى

مۇخبىرىمىز نۇرئىمان
2020-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئۇيغۇر نەققاشلىقى بىلەن بېزەلگەن بىر بازاردا خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى مىللىي ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى قىلىشقا ئۈندەيدىغان پىلاكات ئېسىلغان. 2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
ئۇيغۇر نەققاشلىقى بىلەن بېزەلگەن بىر بازاردا خىتاي تىلى ئۆگىتىشنى مىللىي ئىتتىپاقلىقنىڭ ئاساسى قىلىشقا ئۈندەيدىغان پىلاكات ئېسىلغان. 2019-يىلى 31-ماي، خوتەن.
AFP

ئامېرىكانىڭ ئىندىئانا شتاتى تېررې خاۋتې شەھىرىدىكى روز-خۇلمان تېخنولوگىيە ئىنستىتۇتىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتى پروفېسسورى تىموسى گروس «ئېتنىك ۋە ئىرق ھەققىدە تەتقىقات» ناملىق نوپۇزلۇق ژۇرنالدا «خىتايچە تۇرالغۇ ۋە ئۇيغۇرلارغا تەئەللۇق ئۆي-ئىچى» ناملىق بىر مۇلاھىزە ماقالىسى ئېلان قىلغان. ماقالە ئۇيغۇرشۇناس تەتقىقاتچى ۋە ئالىملار ئارىسىدا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

ماقالىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىشلىتىلىدىغان، ئۇيغۇرلار بىللە ھەرىكەت قىلىش ئېھتىماللىقى بولغان ھەر قانداق مۇھىتنى بۇزغانلىقى ۋە بۇزۇۋاتقانلىقى ھەتتا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ شەخسى مەھرىمى بولغان ياتىدىغان ئۆيىنىڭ سۇپىسىغىچە ئارىلىشىۋاتقانلىقىدەك ئەقىلگە سىغماس سىياسەتلىرى يورۇتۇپ بېرىلگەن.

تىموسى گىروس ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر بۇزغۇنچىلىق، خىتاينىڭ قولى ئۇيغۇرلار ھاياتىنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ باردى. خىتاينىڭ كونتروللۇقى جامائەت توپلىشىدىغان مەسچىت، مەكتەپ قاتارلىق ئاممىۋى ئورۇنلاردىن ھالقىپ ھۆكۈمەتنىڭ كۆزىدىن يىراقراق ھېسابلىنىدىغان شەخسىينىڭ ئۆيلىرىگىچە كېڭەيدى».

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «ھازىر دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر نۇقتا بار، ئۇ بولسىمۇ ھەممەيلەن يىغىۋېلىش لاگېرلىرى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە كۆڭۈل بۆلۈۋاتىدۇ ۋە كىشىلەردە خاتا چۈشەنچە تۇغدۇرۇۋاتدۇ. يەنى ‹ئەگەر ئۇيغۇرلار لاگېردا بولمىسا، مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنمىسىلا ھاياتى نورمال، خاتىرجەم ئىكەن» دەيدىغان. ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس، ھۆكۈمەت ئۇلارنى ھەرخىل يوللار بىلەن ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋاتىدۇ. قارىماققا بەك ئېچىنىشلىق كۆرۈنمەيدۇ، لېكىن مەسىلىنىڭ تېگىدىن چۈشەنگەندە، بۇزغۇنچىلىق ۋە ۋەھشىيلىك خاراكتېرىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈكلۈكىنى بىلەلەيمىز».

ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى نۇرغۇن سىياسەتلەرنى دىنى پائالىيەتكە باغلاپ ئىجرا قىلغان، بۇ ئارقىلىق سىياسەتكە قارشىلىق قىلغان ئۇيغۇرلارنى «دىنىي ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى كۈچلۈك» دېگەندەك سەۋەبلەر بىلەن لاگېرلارغا قامىغان.

تىموسى گىروس ئەپەندى ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئارقىدا قالغان، نامرات قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق خىتاي مەدەنىيىتىنى ئۇيغۇرلارغا تېڭىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇستەملىكىچى مىللەتنىڭ ئادەتتە مۇستەملىكە رايونلىرىدا مۇشۇنداق نەزەرىيەنى بازارغا سالىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ بىرى مۇستەملىكە قىلغان مىللەتنى ‹نامرات›، ‹قالاق›، ‹ياردەمگە موھتاج› قىلىپ كۆرسىتىش. بۇ ئىستراتېگىيەنى بىلىدىغانلار ياخشى چۈشىنىدۇ. بۇ ئارقىلىق مۇستەملىكىچىلەر ئۆزنىڭ قىلمىشنى توغرا قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ».

ماقالىدە تىموسى گىروس ئەپەندى كونكرېت قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ «سۇپا» مەدەنىيىتى ھەققىدە توختالغان بولۇپ، ماقالىدە: «‹سۇپا› ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە بىر يەردە ئولتۇرۇپ مېھىر-مۇھەببەتلىك ياشايدىغان، ئۇرۇق-تۇغقانلار جەم بولىدىغان، قوشنا-قۇلۇملارنىڭ ئورتاق پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىدىغان بىر مۇقەددەس جاي ئىدى»، دېيىلگەن.

ئۇزۇن مۇددەت ئۇيغۇر مېمارچىلىقى بىلەن شۇغۇللانغان، تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەنۋەر ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي مەدەنىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرى مىللىي ئۆرپ ئادىتىمىز ۋە مۇسۇلمانلىقىمىزنى كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق يېرىمىز. مەسىلەن سۇپىدا نۇرغۇن مېھمانلار بىر داستىخاندا ئولتۇرالايدۇ. باداشقان قۇرۇپ ئولتۇرىمىز، بىر-بىرىگە ئەدەپسىزلىك قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆينىڭ ئىچىدىكى سۇپىغىچە ئۆزگەرتىشى كېيىنكى ئەۋلادلىرىمىزنى ئىسلامغا دائىر ھەرقانداق بەلگىدىن يىراقلاشتۇرۇش، كىملىكىمىزنى ئۇنتۇلدۇرۇش».

تىموسى گىروس ئەپەندى 2006-يىلدىن 2017-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا قەشقەر، خوتەن، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا ئون نەچچە قېتىم بارغانىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى. «ئۇيغۇرلار بەك ئۇزاق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەتلىك مىللەت. بۇ مەدەنىيەتنى ساقلاپ قېلىشلا ئەمەس بەلكى بۇ مەدەنىيەتنىڭ ئىگىلىرى بۇ مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى كېرەك».

ئەنۋەر ئەپەندى دوستلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە «ئۇيغۇر ئۆيى» ئىنشا قىلغان بولۇپ، يۇرتى قەشقەردىكى ئۆيىگە ئوخشىتىپ ياسالغان بۇ ئۆي جامائەتكە ئېچىۋېتىلگەن. تېخى بېزەش داۋاملىشىۋاتقان بولسىمۇ ئۇيغۇر ئۆيلىرىنىڭ گۈزەللىكى، نەپىسلىكى ۋە ئۆزگىچە مېمارچىلىقى كەلگەن زىيارەتچىلەرنى ھەيران قالدۇرغان. زىيارەتكە كەلگەن ئۇيغۇرلار بولسا ۋەتەندە قالغان ئۆيلىرىگە ئوخشاش ياسالغان بۇ ئۆينى كۆرۈپ كۆز ياشلىرىنى تۇتالمىغان.

ئاخىرىدا تىموسى گىروس ئەپەندى تۇرپان لۈكچۈندە ئۆزىنى ئۆيىدە تۇرغۇزغان دوستلىرىنى ئەسلەپ، ئۇلارغا سالىمىنى يوللاپ مۇنداق دېدى: «دوستلىرىم، ياخشىمۇسىلەر، بىلىمەن، ئەھۋال بارغانسېرى ناچار بولۇپ كېتىۋاتىدۇ. لېكىن ئۈمىدۋار بولۇڭلار، بىز بىللە تىرىشساق كەلگۈسىدە چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ».

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت