خىتاينىڭ تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، تۈركىي دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مەدەنىيەت تەسىرىنى كونترول قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2015-02-16
Share

«چەتئەل مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇرغا بولغان تەسىرى» سەرلەۋھىلىك دوكلات، ئۇيغۇر بىلەن تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 جۇمھۇرىيەتنىڭ مەدەنىيەتتە ئالاقىسى، ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مەدەنىيەت تەسىرى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشكە ئاساسەن تەييارلانغان.

تەكشۈرۈشنىڭ قاچان ئېلىپ بېرىلغانلىقى، مەزكۇر دوكلات خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تاپشۇرۇقى بىلەن تەييارلانغانمۇ-ئەمەسمۇ بۇنى ئېنىق ئەمەس. بىراق ئۇنىڭ قەشقەر ۋىلايىتى بىلەن قىزىلسۇ ئوبلاستىدا ئېلىپ بېرىلغانلىقى مەلۇم.

دوكلاتنى تەييارلىغۇچىلار قەشقەر ۋە ئاتۇشتىكى 40 ئائىلىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ مەدەنىيەت تەسىرىگە ئۇچراش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. دوكلاتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۇغقان مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ناھايىتى قەدىرلەيدىغانلىقىنى، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، ئادەم كۈتۈش قاتارلىق جەھەتلەردە ئۇلارنى تەقلىد قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. تۈركىيەنىڭ بۇ جەھەتتىكى تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، تۈرك فىلىملىرىنىڭ مەدەنىيەت تارقىتىشتىكى رولى گەۋدىلىك ئىپادىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا مۇنداق دېيىلىدۇ: «شىنجاڭ خەنزۇ مەدەنىيىتى بىلەن ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتى، تۇغقان مەدەنىيەتلەر بىلەن چېگرا ھالقىغان مەدەنىيەتلەر ئالاقە قىلىدىغان كۆپ خىل ئاممىۋى دىپلوماتىيە مۇجەسسەم بولغان رايونلارنىڭ بىرى. ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئۆزىدىكى، تۈركىيە، غەرب ۋە چېگرا سىرتىدىكى بۆلگۈنچى كۈچلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا ئاخبارات سىستېمىسى قۇرۇپ، شىنجاڭغا كۆپ قاتلاملىق ۋە ستېرولۇق ھۇجۇم قىلىپ كەلدى. بۇ خىل ئەھۋالدا بىز قەشقەر ۋە قىزىلسۇدا 3 ئايلىق بۇ تەكشۈرۈشنى ئېلىپ باردۇق».

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە؛ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت قىممەت قارىشىدىكى ئورتاقلىقنى كۈچەيتكەن. شۇڭا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىممەت قاراش جەھەتتىكى يېتەكلەشنى، تەشۋىقات، تەلىم تەربىيىنى كۈچەيتىپ، ئۇلاردا چەتئەلنىڭ مەدەنىيەت تەسىرىگە قارشى «ھۆكۈم قىلىش»، «چۈشىنىش» ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشى تەكىتلەنگەن.

بىراق مەزكۇر دوكلات چەتئەلدىكى بەزى ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئامېرىكىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋەزىيەت ئانالىزچىسى مەمەت توختى ئەپەندى، مەزكۇر دوكلاتتا ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز ئارا مەدەنىيەت ئالاقىسىغا خاتا دىئاگنوز قويۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى:
دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، مەدەنىيەت تەسىرى ئۇيغۇرلاردا تۆۋەندىكى 5 ساھەدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. 1. ئۇيغۇرلار بىلەن چېگرا سىرتىدىكى تۇغقان مىللەتنىڭ مەدەنىيەت قىممەت قارىشى جەھەتتىكى ئورتاق تونۇشى كۈچەيگەن. 2. ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەتنى يوقىتىپ قويۇش ئەندىشىسى ئۇلارنى چېگرا سىرتىدىكى تۇغقان مىللەتكە يېقىنلاشتۇرغان. 3. بۇ، چېگرا سىرتىدىكى تۇغقان مىللەتنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەقلىد قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 4. مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالاقە چېگرا سىرتىدىكى «3 خىل كۈچلەر» ۋە جۇڭگوغا قارشى ئاخباراتلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەسىر قىلىشىنى قولايلاشتۇرغان.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئۇيغۇرلاردىكى ئەنئەنىۋى مىللىي مەدەنىيەتنى يوقىتىپ قويۇش ئەندىشىسى ئۇلارنى چېگرا سىرتىدىكى تۇغقان مىللەتلەرگە يېقىنلاشتۇرغان.

دوكلاتتا بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇنداق دېيىلىدۇ: «دۆلىتىمىز زامانىۋىلىشىشنىڭ ئۆتكۈنچى باسقۇچىدا تۇرىدۇ. دۆلەت مائارىپ سىستېمىسى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت تارقىتىش تورى بارغانچە تەرەققىي قىلىپ، ئاساسى ئېقىم خەنزۇ مەدەنىيىتى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قورشىۋالدى. ئۇيغۇرلار بىر تەرەپتىن، دۆلەت ئىچىدىكى كۈچلۈك خەنزۇلىشىش ئېقىمىغا دۇچ كەلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇلارغا چېگرا سىرتىدىكى قويۇق ئەنئەنىۋى تۇغقان مەدەنىيەت تارقىلىپ كىردى. ئۆز مەدەنىيىتىنىڭ تەقدىرى ئىنتايىن سەزگۈر ئەھۋالدا قالغاچقا، ئىختىيارسىز ئۆز مەدەنىيىتىنى كۈچىنىڭ بارىچە نامايان قىلىش ئەۋج ئالدى.»

مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ چېگرا سىرتىدىكى تۇغقان مىللەتلەر بىلەن مەدەنىيەت ئالاقىسى، ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا بىر-بىرىگە تەسىر كۆرسىتىشى نورمال ئەھۋال. لېكىن نورمالسىزلىق بۇ ئەھۋالنى بەزىلەرنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسىگە باغلاپ چۈشىنىشىدۇر. ئۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىمسىزلىقنى تۇغقان مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى ئەمەس، خىتاينىڭ سىياسىتى پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەمەت توختى مۇنداق دېدى:
ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيانىدا ئاساسلىق رول خىتاينىڭ ھەققانىيەتسىزلىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر تۇپرىقىنى بېسىۋېلىشى 1‏-ئورۇندا تۇرىدۇ. يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تۇپرىقى دا ئۆز دۆلىتىنى قۇرۇش ئىستىگى.

لېكىن ھازىرقى يېڭى نەسىل ئۇيغۇرلارنى تەھلىل قىلساق، ئۇلارغا تەسىر قىلىۋاتقان ئەڭ مۇھىم نەرسە، قانداقتۇر ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى تۈركىيەنىڭ تەسىرى ئەمەس. خىتايلارنىڭ ئەركىن ئازادە ياشىشى، پىكىر ئەركىنلىكى نۇقتىسىدىن بولسۇن، سىياسىي ئىجتىمائىي نۇقتىلاردىن بولسۇن مەغرۇرانە، ئالىي ئىمتىياز بىلەن ياشىشىدۇر.

ھەتتاكى، شەرقىي تۈركىستان دا ياشاۋاتقان خىتايلارنىڭمۇ پەۋقۇلئاددە ئىمتىياز بىلەن ياشىشى، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا ئۆز ۋەتىنىدە، ئۆزىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ پۇقراسى دېسىمۇ،لېكىن شۇ پۇقرالىق ھېچبىر ھەق-ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولالماسلىقىدۇر.

خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنلىرىدىكى ھۆكۈم ۋە بەلگىلىمىلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا باشقىلارغا قارىغاندا باشقىچە ئىجرا قىلىنىشى، مىللىي تېرىتورىيەلىك ئاپتونومىيە قانۇنىنى بىر يەرگە قويۇپ تۇرايلى، خىتاي ئاساسى قانۇندىكى ھەق-ھوقۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا رەت قىلىنىشى، مانا بۇ ناھەقسىزلىقلار ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ئىسيانىنى كۈچەيتىۋاتقان 1‏-ئامىل. بۇ، قانداقتۇر ئوتتۇرا ئاسىيا ياكى تۈركىيەدىن كەلگەن ئۇچۇر-ئالاقىلار بىلەن بولۇۋاتقان ئىشلار ئەمەس.

دوكلاتتا يەنە، ئاخباراتنى كونترول قىلىشنى تەكىتلەپ، چېگرا سىرتىدىكى ئۇيغۇر ئىجتىمائىي تاراتقۇلىرىنى، ئوتتۇرا ئاسىيادا تۇرۇشلۇق غەرب ئاخباراتىنى شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىكىگە يوشۇرۇن خەۋپ ،دەپ كۆرسەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014- يىلى 3‏-ئاينىڭ 31‏-كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدە «زوراۋانلىق، تېررورلۇق مەزمۇنىدىكى ئۈن ، سىن بۇيۇملىرىنى چەكلەش»  ھەرىكىتى قوزغاپ، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا پىكىر بايان قىلغان ئۇيغۇرلارنى باستۇرغان. د ئۇ ق  بۇ  ھەرىكەت، پىكرى ئەركىنلىكىنى باستۇرغانلىق، دەپ تەنقىد قىلغان ئىدى. بىراق «چېگرا سىرتىدىكى مەدەنىيەتنىڭ ئۇيغۇرغا بولغان تەسىرى»  سەرلەۋھىلىك دوكلاتتا ئاشكارىلىشىچە، شۇ قېتىملىق ھەرىكەتتە 226 دېلو ۋە 232 ئادەم بىر تەرەپ قىلىنغان.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت