ئەردوغاننىڭ قازاقىستاندا «شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن خەۋەرلەر بىزنى ئەنسىرەتمەكتە» دېگىنى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.04.23
erdoghan-exmet-yesewi-uniwersiteti-pehri-doktorluq.jpg تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدىكى تۈركىيە-قازاقىستان ئورتاق قۇرغان ئەخمەت يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆز قىلماقتا. 2014-يىلى 16-ئاپرېل، قازاقىستان.
yenisafak.com.tr diki diki munasiwetlik maqalidin élin’ghan

تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئۆتكەن ھەپتە قازاقىستانغا ئېلىپ بارغان زىيارىتى جەريانىدا 16-ئاپرېل كۈنى قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدىكى تۈركىيە-قازاقىستان ئورتاق قۇرغان ئەخمەت يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيە سېلىپ بەرگەن مەسچىت ۋە كۇتۇپخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. ئارقىدىن ئۇنىۋېرسىتېت تەرىپىدىن ئۆزىگە بېرىلگەن پەخرى دوكتورلۇق ئۇنۋانىنى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئۇ، مۇراسىمدا قىلغان نۇتقىدا «شەرقىي تۈركىستان ۋە بىرمادىن كەلگەن خەۋەرلەر بىزنى ئەنسىرەتمەكتە، بىز تۈركىيە بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تارىخىمىز ۋە زېمىنىمىز بىزگە يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتنى چۈشىنىپ يېتىگلىك» دېگەن سۆزلەرنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ قازاقىستاننىڭ تۈركىستان شەھىرىدە قازاقىستان دۆلەت باشلىقى نۇرسۇلتان نازاربايېفنىڭ يېنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىنى قانداق چۈشىنىشىمىز كېرەك؟ بۇ سۆزىنىڭ قازاقىستاننىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە تەسىرى بولارمۇ؟ دېگەن سوئاللارنى چۆرىدىگەن ھالدا تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە ئۇيغۇر خەۋەر ۋە تەتقىقات مەركىزى تەتقىقاتچىسى ھامۇت گۆكتۈرك ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيە دۆلەت رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شەرقىي تۈركىستاننى تىلغا ئېلىشى تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەزلۇم ۋە ئېزىلگەن خەلقلەرگە ياردەم قىلىشتىن ئىبارەت قىممەت قارىشىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھامۇت گۆكتۈرك بولسا، تۈرك دۇنياسىنىڭ تارىخىي شەھىرى، ئەخمەت يەسىۋىي ھەزرەتلىرىنىڭ قەبرىسى بار تۈركىستاندا تۈرك دۇنياسىدا گېپى ئۆتىدىغان چوڭ دۆلەتلەردىن بىرى بولغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىشىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.