دوكتور ئەركىن ئەكرەم: «خىتاينىڭ 20 يىلدىن بېرى تۈركلەرگە قىلغان تەشۋىقاتىنىڭ پايدىسى بولمىدى»
2016.05.25
24-ماي كۈنى Haberyildizi.com ناملىق تور گېزىتىدە «تۈرك ھەيئىتى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئېلان قىلىندى. خەۋەردە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى زىيارەت قىلغان ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇتقۇچىلىرى، ژۇرنالىستلار ۋە تەتقىقاتچىلاردىن تەركىب تاپقان ھەيئەتنىڭ خىتايدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ دىنلىرىنى ئۆگىنىشتە ۋە دىنىي تۇرمۇشىدا زور كەڭچىلىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بايان قىلغانلىقى يېزىلغان. خەۋەردە ھەيئەتتە ئورۇن ئالغان تۈركىيە خەلقئارا ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقات مەركىزى مۇئاۋىن مۇدىرى پروفېسسور دوكتور سەلچۇق چولاقئۇغلۇنىڭ شىئەن ۋە ئۈرۈمچىدىكى مۇسۇلمانلارنى كۆرگەندىن كېيىن بەرگەن باياناتىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. ئۇ، باياناتىدا مۇنۇلارنى دېگەن: «زىيارىتىم جەريانىدا خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىكلەرنى كۆرۈش پۇرسىتىگە ئىگە بولدۇم. پۈتۈن كىشىلەر ئۆز دىنىنى ئۆگىنىش ھەق ۋە ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەن. بولۇپمۇ مۇسۇلمانلارنىڭ دىنى ئىبادىتىنى ئادا قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆردۇق. شىئەن بىلەن ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەردە، شۇنداقلا بىز ئېكسكۇرسىيە قىلغان ئىسلام ئىنستىتۇتىدىكى كىشىلەر بىلەن ئۇچراشتۇق. دىنىي خادىملار بىلەن ئۇچراشتۇق، ھېچقانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماي دىنىي ئىبادىتىنى ئادا قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.»
بۇ ھەقتە كۆز قارىشىنى ئىگىلەش ئۈچۈن تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ۋە قەھرىمانماراش سۈتچى ئىمام ئۇنىۋېرسىتېتى دىنىي ئىلىملەر فاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
دوكتور ئەركىن ئەكرەم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 20 يىلدىن بېرى تۈرك ھەيئەتلەرگە ئىسلام ئىنستىتۇتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى مەسچىتلەرنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ ئۇيغۇر دىيارىدا دىنىي ئەركىنلىك بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ھەتتا بۇ ھەقتە كۆپ ساندا ماقالىلەر يېزىلىۋاتقان بولسىمۇ، بۇنىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمايۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
دوكتور ئالىمجان بۇغدا ئەپەندى ئۆزىنىڭ 1987-يىلىدىن 1992-يىلىغىچە ئىسلام ئىنستىتۇتىدا ئوقۇغانلىقىنى، ئۇ مەزگىلدىمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدىن كەلگەن ھەيئەتلەرنى ئېكسكۇرسىيەگە ئەكېلىپ ئوقۇغۇچىلار بىلەن جۈمە نامىزى قىلدۇرغانلىقىنى، ئاز ساندا كىشىلەرنى ھېسابقا قوشمىغاندا كۆپ كىشىنىڭ خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىگە ئالدانمايدىغانلىقىنى، چۈنكى ھەقىقەتنىڭ دۇنياغا ئايان ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.