ئۇيغۇرشۇناس رۇنى ستېنبېرگ: «‹6-نۆۋەتلىك تۇرپانشۇناسلىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى› ئىلمىي يىغىن ئەمەس!»

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئۇيغار تەييارلىدى
2023.08.25
turpanshunasliq تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ژۇرنىلىنىڭ ئىلگىرى سانلىرى
Photo: RFA

ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا دۇچار بولۇۋاتقان، تىل، مەدەنىيەت ۋە كىملىك جەھەتتە مىسلىسىز دەرىجىدە يوقىتىشقا ئۇچراۋاتقان بۇ مەزگىلدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تۇرپاندا ئاتالمىش «6-نۆۋەتلىك تۇرپانشۇناسلىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈشى ئۇيغۇر ۋە چەتئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» چىقارغان خەۋەرگە قارىغاندا، 8-ئاينىڭ 21-كۈنى تۇرپان شەھىرىدە «6-نۆۋەتلىك تۇرپانشۇناسلىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن؛ يىغىنغا خىتايدىن ۋە چەتئەلدىن كەلگەن 140 نەچچە مۇتەخەسسىس قاتناشقان.

يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «خىتاي ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى نامدار شەخس» دەپ كۆرسىتىلگەن خۇاڭ ۋېنبىنىڭ ئاتالمىش «تۇرپاندىن توپلىغان خىتايچە ۋەسىقىلەر توپلىمى» تارقىتىلغان؛ مۇھاكىمە يىغىنى مەزگىلىدە يەنە «تۇرپان ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى پېشىۋا-خۇاڭ ۋېنبى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 130 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۆرگەزمىسى» ۋە «تۇرپاندا يېڭى تېپىلغان يادىكارلىقلار ۋە ئارخېئولوگىيەلىك بايقاشلار كۆرگەزمىسى» ئۆتكۈزۈلگەن.

ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg)

ئۇيغۇرشۇناس دوكتور رۇنى ستېنبېرگ (Rune Stenberg) ئەپەندى «تۇرپانشۇناسلىق» تەتقىقات ئىلمىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكى، يىغىندا تەشۋىق قىلىنغان ھۆججەتلەر، تارىختىن بۈگۈنگىچە «تۇرپانشۇناشلىق» تەتقىقاتى ئۈچۈن زور تۆھپە قوشقان شەخسلەر ھەققىدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ بۇ مۇھاكىمە يىغىنىدا تەشۋىق قىلغانلىرىنىڭ ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر رايونى، جۈملىدىن تۇرپاندىكى ئارخېئولوگىيەلىك بايقاش ۋە تەتقىقاتلارغا خىتاي ئارخىئولوگلىرىنىڭ ئەمەس، گېرمانىيەلىك ئارخېئولوگلارنىڭ زور توھپە قوشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى؛ خۇاڭ ۋېنبىنىڭ ئۇ ۋاقىتتا پەقەت بىر يولباشچى، يەنى ياردەمچى بولغانلىقىنى، ھۆججەتلەرنى ئۇنىڭ تاپمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ئارخېئولوگ ۋە قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى تەتقىقاتچىسى قۇربان ۋەلى ئۆزىنىڭ تۇرپان ۋە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىقات ئېلىپ بارغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ دېگەنلىرىنىڭ ئاساسەن سىياسىي تەشۋىقات ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆز ۋاقتىدا سېۋىن ھېدىن ۋە ستەيىن قاتارلىق ئېكىسپېدىتسىيەچىلەرنى كروران خارابىلىقىغا باشلاپ بارغانلار ئۇتۇق ۋە ئىسلامباي قاتارلىق يەرلىك ئۇيغۇرلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۆھپىسى چوڭ ئىكەن. تۇرپاندىكى بۇ يىغىندا بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتى خۇاڭ ۋېنبىنىڭ رولىنى ۋە تېپىلغان خىتايچە ھۆججەتلەرنى بەك مۇبالىغە قىلىۋەتكەن.

«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ مەزكۇر خەۋىرىدە، «6-نۆۋەتلىك تۇرپانشۇناسلىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» دا «يېڭى دەۋردىكى تۇرپان تەتقىقاتىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تەتقىقات نۇقتىسىنى مۇلاھىزە قىلىش مۇھىم مەقسەت ۋە نىشان قىلىندى» دېيىلگەن.

دوكتور رۇنى ستېنبېرگ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق يىغىنلار ئارقىلىق «شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» دېگەن سەپسەتىسىنى ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنىدىكەن. شۇڭا بۇ يىغىن قانداقتۇر «تۇرپانشۇناسلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئەمەس، بەلكى ئىلمىيلىق نامىدا خىتاينىڭ تەشۋىقاتىغا خىزمەت قىلىدىغان يىغىن بولۇپ، تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتى ۋە بۇ ساھەدىكى يېڭى تەرەققىياتلار بىلەن قىلچە ئالاقىسى يوق ئىكەن.

ئارخېئولوگ قۇربان ۋەلى ئەپەندى بۇ ئاتالمىش «تۇرپانشۇناسلىق خەلقئارا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى» يىغىنىنىڭ ھەرگىز تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقاتىنى جانلاندۇرۇش ياكى يېڭى سەۋىيىگە كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان يىغىن ئەمەس، بەلكى سىياسىي غەرەز يوشۇرۇنغان، قىممىتى تۆۋەن بىر يىغىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.