داڭلىق ئۇيغۇر بوكسچى ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف ئالمۇتادا ئالەمدىن ئۆتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئويغان
2019.05.23
Dangliq-bokschi-addureshit-abdurakhmanof.jpg داڭلىق ئۇيغۇر بوكسچى مەرھۇم ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف ۋە ئۇنىڭ ئېرىشكەن مېداللىرى.
RFA/Oyghan

قازاقىستاندىكى ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچى، داڭلىق بوكسچى ۋە كىنو ئارتىسى ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف 72 يېشىدا ئالمۇتادا ۋاپات بولدى. شۇ كۈنى قازاقىستاننىڭ كۆپلىگەن ئاممىۋى ئەخبارات ۋاستىلىرى بۇ ھەقتە خەۋەر ئېلان قىلدى.

18-ماي كۈنى ئۆتكەن ئۇنىڭ دەپنە مۇراسىمىغا ئۇيغۇرلاردىن تاشقىرى يەنە قازاق، رۇس، ئۆزبېك، تۈرك ۋە باشقا كۆپلىگەن مىللەت ۋەكىللىرى قاتناشتى. شۇ كۈنى ئالمۇتا شەھىرىدىكى «يۇلتۇز» رېستورانىدا ئۆتكەن خاتىرىلەش مۇراسىمىدە سېرىك ساپىيېف، يېرماخان ئىبراھىموف، ۋىكتور دېميانېنكو، كارىمجان ئابدۇراخمانوف قاتارلىق قازاقىستاننىڭ داڭلىق بوكسچىلىرى، زىيالىيلار، جەمئىيەتلەر ۋەكىللىرى، مەرھۇمنىڭ سەپداشلىرى، شاگىرتلىرى ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوفنى ئەسلەپ ئۆتتى. مۇراسىمدا قازاقىستاننىڭ مەدەنىيەت ۋە تەنھەرىكەت مىنىستىرى ئارىستانبېك مۇخامېدئۇلىنىڭ ۋە قازاقىستان مىللىي ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ پرېزىدېنتى تىمۇر قۇلىبايېفنىڭ ئەۋەتكەن تەزىيەنامىلىرى ئوقۇلدى.

قازاقىستان تەنھەرىكەت ئاكادېمىيەسىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، بوكس بويىچە قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى خەمىت بەرايېفنىڭ ئېيتىشىچە، ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف چېمپىيون بولغان ۋاقىتلاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا كەسپىي بوكس مەنئىي قىلىنغان بولۇپ، پەقەت ھەۋەسكار بوكسچىلارلا بولغان ئىكەن. پەقەت قازاقىستان مۇستەقىل بوغاندىن كېيىن كەسپىي بوكسقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىشكە باشلىغان. ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف شۇنىڭدىن بۇيان قازاقىستان بوكسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆزىنىڭ سالماقلىق تۆھپىسىنى قوشۇشقا باشلىغان ئىكەن.

خەمىت بەرايېف مۇنداق دېدى: «جۇمھۇرىيەتتە ئۇ ئۇزاق ۋاقىت بىرىنچىلەردىن بولدى. ئەمما كېيىنچە ئۇ بوكسنى تاشلاشقا مەجبۇر بولدى. شۇ ۋاقىتلاردا ئۇنىڭ ترېنېرى مېڭگېرېي خايرۇتدىنوفنىڭ كېتىپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ستانىسلاف بولدىرېف كېلىپ، ئابدۇرېشىت ئاكىغا ترېنېرلىق قىلدى. مانا شۇ ۋاقىتلاردا ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف بىلەن بىللە مەشقلەنگەن تەنھەرىكەتچىلەر ئېلىمىزدە كۆپ بولغان ئىدى. ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف مەن ئۈچۈن بىر ئۈلگە بولغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىسمى ھەقىقەتەنمۇ خەلق ئىچىدە رىۋايەتكە ئايلاندى. كېيىنرەك ئۇ كىنودا رول ئېلىشقا باشلىدى. ئۇ شۇ ۋاقىتلاردا قىرغىزىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ئارتىسى دېگەن ئاتاققىمۇ مۇيەسسەر بولدى. كۆپلىگەن قازاقىستانلىق بوكسچىلار ئابدۇرېشىت ئاكىنىڭ مەكتىپىدىن ئۆتۈپ، چېمپىيون بولدى. ئۇ ئۆزىنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ۋەكىلى دەپ ھېسابلاتتى. شۇ ۋاقىتلاردا “سوۋېت تەنھەركىتى” دېگەن ژۇرنالدا ماقالە ئېلان قىلىنىپ، ئۇنىڭدا ئابدۇرېشىت ئاكىنىڭ مىللىتى ئۇيغۇر دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.»

ئىگىلىشىمىزچە، ئابدۇرېشىت ھاكىم ئوغلى ئابدۇراخمانوف 1946-يىلى ئالمۇتا شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، كىچىكىدىنلا بوكس بىلەن شۇغۇللىنىشقا كىرىشكەن. ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپنى، ئاندىن 1975-يىلى تەنھەرىكەت ئىنستىتۇتىنى تاماملىغان. ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف خەلقئارا دەرىژىدىكى تەنھەرىكەت ماھىرى دېگەن ئاتاققا ئېرىشكەن تۇنژا قازاقىستانلىق بوكسچى بولۇپ، 1970-ۋە 1971-يىللىرى ئەينى ۋاقىتلاردىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بوكس بويىچە ئىككى مەرتەم چېمپىيونى ئاتالدى. ئۇ 1969-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ لوڭقىسىنى يېڭىۋالغان ھەم ئامېرىكا، ياۋروپا، ئافرىقادا ئۆتكەن خەلقئارا مۇسابىقىلەرنىڭ غالىبى ئاتالغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوفنىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى، بوكس بويىچە سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە ياۋروپانىڭ كۈمۈش ھەم مىس مۇكاپات ساھىبى، قازاقىستاننىڭ خىزمەت كۆرسەتكەن ترېنېرى كارىمجان ئابدۇراخمانوف ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف ترېنېرلىق قىلغان قازاقىستاننىڭ ياشلار كوماندىسى 1980-يىللارنىڭ باشلىرىدا سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆتكەن مۇسابىقىلەردە كۆپلىگەن ئۇتۇقلارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇنىڭغا پەقەتلا بوكسچىلار كېرەك بولدى. ئۇ بوكسچىلارنى قازاق، رۇس، ئۇيغۇر دەپ مىللەتكە ئايرىماتتى. ئومۇمەن سوۋېت ۋاقتىدا مىللەتكە بۆلۈش يوق ئىدى. سەن پەقەت بوكسچى، سەن پەقەت ئەمگەك قىلىپ، يېڭىشىڭ لازىم ئىدى. ئابدۇرېشىت ئاكا ئۆزىمۇ شۇنداق ئادەم بولغان. ئۇ ئەمگەك سۆيگۈچى، ئۆزىنىڭ كەسپىگە سادىق كىشى ئىدى. ھەممىسى ئۇنىڭ ئاتاقلىق بوكسچى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. ئۇ بىزنى بىر يەرگە باشلاپ بارسا، بىز سۆزسىز يېڭىدىغىنىمىزغا ئىشىنەتتۇق. ئۇ بىز ئۈچۈن روھ، بىز ئۈچۈن پەقەت ترېنېرلا ئەمەس، بەلكى ھەم دوست، ھەم ئاكا، ھەم ئۇستاز ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ كەسپىدىن تاشقىرى رەسساممۇ، ھەيكەلتاراشمۇ بولغان. قىسقىسى، ئۇ كۆپتەرەپلىمىلىك ئادەم ئىدى. بىزگە نىسبەتەن دائىم مېھرىبانلىق قىلاتتى. بىز ھاياتىمىزدا مۇشۇنداق ئادەمنىڭ بولغانلىقىدىن پەخىرلىنىمىز.»

رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان قازاقىستاننىڭ خەلقئارا دەرىجىلىك ترېنېرى زاكىر ئابدۇقادىروف ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوفنىڭ كۆپ قىرلىق ۋە تالانتلىق ئادەم بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوفنىڭ ئىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىلىرىگىمۇ ياخشى تونۇش بولغانلىقىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەنھەرىكەت باشلىقى ئابلىكىم ئاكا تالانتلىق بالىلارنى ئىزدەپ، بوكس، ۋالېيبول، مۇشتلىشىش ۋە باشقىلارنى قۇرۇپ بەرگەن. بولۇپمۇ بوكسقا جىق كۆڭۈل بۆلگەن. ۋەتەندىن ئۇيغۇرلار بۇ يەرگىمۇ كېلىپ ئۆگەنگەن. ئۇلار ھازىر بۇ يەرگە چوڭ-چوڭ مۇسابىقىلەرگە كېلىۋاتىدۇ. بۇرۇنقىدەك پات-پات كېلەلمەيدۇ، سىياسەت ئۆزگىرىپ كەتتى. ئۇلار ئابدۇرېشىت ئاكىنى بەك ياخشى تونۇيدىكەن. ئۇنى بەك ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھۆرمەتلەيدۇ.»

مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف 224 قېتىم يەكمۇ-يەككە بوكس مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ، 210 قېتىمدا يەڭگەن. ئۇ قازاقىستاندا شەرقنىڭ مۇشتلىشىش تۈرلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا سالماقلىق تۆھپە قوشقان ھەمدە بوكس، كىكبوكسىڭ، يەنى ئەركىن مۇشتلىشىش، ۋۇشۇ-ساندا، يەنى چامباشچىلىق، تايلاندچە بوكس بويىچە كۆپلىگەن ئاتاقلىق تەنھەرىكەتچىلەرنى تەربىيىلەپ چىققان. ئۇ قازاقىستاندا ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا پەقەت تەنھەرىكەتچى سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى تالانتلىق كىنو ئارتىسى سۈپىتىدىمۇ كەڭ تونۇلغان ئىدى.

ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف 20 گە يېقىن فىلىمدا رول ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە باش روللارنى ئوينىغان. ئاتاقلىق قىرغىز يازغۇچىسى چىڭغىز ئايتماتوفنىڭ «بورانلىق بېكەت» ناملىق فىلىمىدا باش رولنى ئويناپ چىققان ئابدۇرېشىت ئابدۇراخمانوف 1996-يىلى گېرمانىيە پايتەختى بېرلىندا ئۆتكەن كىنو فېستىۋالىدا دۇنيا كىنو سەنئىتىگە قوشقان تۆھپىسى ئۈچۈن «ئالتۇن كامېرا» مۇكاپىتىغا ئېرىشكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.