بىشكەكتە ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەردىكى پائالىيەتلىرى مۇزاكىرە قىلىندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز فېرۇزە
2018.11.28
Rozimuhammet-Abdulbaqi-nutuq-sozide.jpg دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقى نۇتۇق سۆزلىمەكتە. 2018-يىلى 28-نويابىر، بىشكەك.
RFA/Féruze

28-نويابىر كۈنى قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەك شەھىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ قىرغىزىستاندىكى ۋاكالەتچىسى روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 6-نويابىر كۈنى جەنۋە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشنىڭ روھىنى يەتكۈزۈش چوڭ يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا ياۋروپادىكى پائالىيەتلەرگە قىرغىزىستاندىن قاتناشقان توققۇز ۋەكىل ۋە بىشكەك شەھىرى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپلىرىدىكى يېزا-شەھەرلەردىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. مۇراسىم روزىمۇھەممەت ئابدۇلباقىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلدى.

مۇراسىم قىرغىز جۇمھۇرىيىتىنىڭ ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي مارشى بىلەن باشلاندى، ئاندىن ئەركىنلىك يولىدا ۋاپات بولغانلارغا ئاتاپ خەتمە-قۇرئان قىلىندى.

مۇراسىم داۋامىدا ۋەكىللەر ئۆزلىرىنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئېيتىپ، كۆپچىلىكنى ۋەتەنپەرۋەرلىككە چاقىرىشتى. نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر تىلىدىكى «ئىتتىپاق» گېزىتىنىڭ مۇئاۋىن مۇھەررىرى، سىياسىي پەنلەرنىڭ ماگىستىرى ئابدۇرەھىم ھاپىزى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ پائالىيەتلىرىنى يۇقىرى باھالاپ، 2018-يىلىنى ئۇيغۇر تارىخىدىكى مۇھىم يىل سۈپىتىدە يېزىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى

ئابدۇرەھىم ئەپەندى يەنە 21-ئەسىرنىڭ بېشىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى بولغان بولسا، بۈگۈنكى كۈنلەردە دۇنيا سەھنىسىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى كۆتۈرۈلۈپ، غەرب دۆلەتلىرى ئۇيغۇرلارنى ئېتىراپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

«ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ سابىق رەئىسى دىلمۇرات ئەكباروف ئۆز نۇتقىدا رابىيە قادىر خانىمنىڭ بۇ جەھەتلەردىكى ئىش-پائالىيەتلىرىدىنمۇ غۇرۇرلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

شۇنداقلا مۇراسىم داۋامىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا قىرغىزىستان ۋە قازاقىستاندا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئۆز مۇراجىتىنى يوللىدى. رىياسەتچى روزىمۇھەممەت ئەپەندى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكنى بىرلىككە چاقىرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سىياسىي سەھنىدە ئۇيغۇرلارنىڭ پارلامېنتى ئورنىدا تونۇلغانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان «ئىنسان ھوقۇقلىرىنى قوغداش» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرسۇن ئىسلام ئەپەندى، رادىيو زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىننى ئەھمىيىتى توغرىسىدا سۆزلەپ ئۆتتى.

مۇراسىمغا قاتناشقان «ئىتتىپاق» جەمئىيىتىنىڭ ئاياللار كېڭىشىنىڭ رەئىسى راشىدەم ئەمەتخانوۋا د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە، شۇنداقلا قىرغىزىستاندىن قاتناشقان 9 كىشىگە تەشەككۈرلىرىنى بىلدۈرۈپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يوللىغان مۇراجەتكە قارىتا ئۆز مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈپ، مەزكۇر يىغىن ئارقىلىق د ئۇ ق ئېلىپ بارغان پائالىيەتلەر ھەققىدە تولۇق مەلۇماتلارنى ئالغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتتى.

2018 يىلى قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە ھەر خىل يىغىن-مۇراسىملىرىغا كۆپ ساندا كىشىلەرنىڭ كېلىپ قاتنىشىۋاتقانلىقى، بۇ دۆلەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ تەقدىرىگە، جۈملىدىن ئۇيغۇر دىيارىدىكى سىياسىي ۋەزىيەتكە ئالاھىدە دىققەت بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئۇيغۇرلار ئاساسەن قىرغىزىستاننىڭ بىشكەك شەھىرى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارغا، شەھەرلەرگە ماكانلاشقان بولۇپ، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر ئاھالىسى 1955-1962-يىللىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن كۆچۈپ كەلگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىدۇر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.